بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

101-سۈرە قارىئە مەككەدە نازىل بولغان، 11 ئايەت

قارىئە![1]
1




قارىئە نېمىدۇر؟
2




قارىئە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
3




ئۇ كۈنى ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىلەردەك بولىدۇ.
4




تاغلار ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك بولىدۇ.
5




كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى مىزاندا ئېغىر كېلىدىكەن،
6




ئۇ باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ.
7




كىمنىڭ ياخشىلىقلىرى مىزاندا يېنىك كېلىدىكەن،
8




ئۇنىڭ جايى ھاۋىيەدۇر.
9




ھاۋىيە نېمىدۇر، سەن نەدىن بىلىسەن؟
10




ئۇ قىزىق ئوتتۇر.
11