بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

106-سۈرە قۇرەيش مەككەدە نازىل بولغان، 4 ئايەت

قۇرەيش قىزغىن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،
1




ئۇلار قىش ۋە ياز سەپەرلىرىدە قىزغىن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن،
2




شۇ ئۆينىڭ[1] رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن،
3




ئۇ ئۇلارغا تاماق بېرىپ ئاچلىقتىن، خاتىرجەم قىلىپ قورقۇنچتىن ساقلىغان زاتتۇر[2].‏
4