بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

107-سۈرە مائۇن مەككەدە نازىل بولغان، 7 ئايەت

دىننى يالغان دەۋاتقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟
1




ئۇ شۇنداق كىشىكى يېتىمنى دۆشكەلەيدۇ،
2




مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايدۇ.
3




شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋايكى،
4




ئۇلار نامازلىرىدىن غاپىل كىشىلەردۇر.
5




ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى رىيا قىلىدۇ
6




ۋە ئاز نەرسىنى[1] مەنئى قىلىدۇ.
7