بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

21-سۈرە ئەنبىيا مەككەدە نازىل بولغان، 112 ئايەت

ئىنسانلارنىڭ ھېساب بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدىدۇر، يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏
1




ئۇلار رەببىدىن كەلگەن ھەر يېڭى زىكىرگە مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ،
2




ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئويۇن بىلەن مەشغۇلدۇر. ئۇ زالىملار ئۆزئارا: «شۇ مۇھەممەد سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. كۆزۈڭلار كۆرۈپ تۇرۇپ سېھىرگە ئەگىشەمسىلەر؟» دەپ كۇسۇلدىشىدۇ.‏
3




رەسۇلۇللاھ: «مېنىڭ رەببىم ئاسماندا ۋە زېمىندا ئېيتىلغان ھەر سۆزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.‏
4




بەلكى ئۇلار: «مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرى قالايمىقان چۈشلەردۇر. بەلكى ئۇ سۆزلەرنى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇردى. بەلكى مۇھەممەد شائىردۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ بىزگە بۇرۇنقى ئەلچىلەرنىڭ ئايەتلىرىگە ئوخشاش بىرەر ئايەت كەلتۈرسۇن» دېيىشتى.‏
5




ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھالاك قىلغان ئاھالىلەردىن ھېچبىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟
6




بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەر كىشىلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن[1] سوراپ بېقىڭلار.‏
7




بىز ئۇ ئەلچىلەرنى تائام يېمەيدىغان جەسەت قىلمىدۇق. ئۇلار مەڭگۈ ياشىغۇچىلارمۇ ئەمەس ئىدى[2].‏
8




بىز ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇردۇق: ئۇلارنى ۋە ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى قۇتقۇزۇپ، ھەددىدىن ئاشقانلارنى ھالاك قىلدۇق.‏
9




بىز سىلەرگە كىتاب نازىل قىلدۇق. ئۇ كىتابتا سىلەرنىڭ زىكرىڭلار بار[3]. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟‏
10




بىز ئاھالىسى زالىم بولغان نۇرغۇن يۇرتلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق، ئاندىن كېيىن باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.‏
11




ئۇ زالىملار ئازابىمىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغاندا دەرھال يۇرتلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇناتتى.‏
12




ئۇلارغا: «قاچماڭلار! سىلەرنى ئەركىلەتكەن باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن بىرەر نەرسە سورىلىشى مۇمكىن» دېيىلەتتى.‏
13




ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز راستتىنلا زالىم ئىدۇق» دېيىشتى.‏
14




ئۇلار ئورالغان زىرائەتتەك ۋە ئۆچۈرۈلگەن ئوتتەك بولۇپ كەتكەنگە قەدەر بۇ سۆزىنى تەكرارلىشىپ تۇردى.‏
15




بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق.‏
16




ئەگەر بىز ئوينىماقچى بولغان بولساق، يېنىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن ئوينايتتۇق. لېكىن ئۇنداق قىلمىدۇق.‏
17




بەلكى بىز ھەقنى باتىلنىڭ ئۈستىگە ئاتىمىز. ھەق باتىلنىڭ مېڭىسىنى ئېزىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باتىل يوقىلىدۇ. ئى كافىرلار! ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھالىڭلارغا ۋاي!‏
18




ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكىلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ، ھارغىنلىقمۇ كۆرسەتمەيدۇ.‏
19




ئۇلار كېچە-كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچ بوشاپ قالمايدۇ[4].‏
20




مۇشرىكلار زېمىندىن بولغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئىلاھلار قىلىۋالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇ ئىلاھلىرى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟ ‏
21




ئەگەر ئاسمان-زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ھەر ئىككىلىسى بۇزۇلاتتى. ئەرشنىڭ رەببى ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.‏
22




ئاللاھ قىلغان ئىشىدىن سوراققا تارتىلمايدۇ. ئۇلار بولسا سوراققا تارتىلىدۇ.‏
23




ياكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارغا چوقۇندىمۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار! مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ زىكرىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ زىكرىدۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏
24




بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.‏
25




شۇنداقتىمۇ بەزىلەر: «پەرىشتىلەر رەھماننىڭ بالىلىرى» دېيىشتى. ياق، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى پەرىشتىلەر ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر.‏
26




ئۇلار ئاللاھتىن ئىلگىرى سۆز قىلمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.‏
27




ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلەرگىلا شاپائەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ.‏
28




ئۇلاردىن كىم: «مەنمۇ ئاللاھتىن باشقا بىر ئىلاھمەن» دېسە، بىز ئۇنى جەھەننەم بىلەن جازالايمىز. بىز زالىملارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.‏
29




كافىرلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاسمانلار بىلەن زېمىن تۇتاش ئىدى، ئۇ ئىككىسىنى بىز ئايرىدۇق. بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەمدۇ؟‏
30




بىز زېمىندا ئىنسانلارنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق ۋە ئۇلارنى بارىدىغان يېرىگە بارالىسۇن دەپ ئۇ تاغلاردا كەڭ يوللارنى ئاچتۇق.‏
31




بىز يەنە ئاسماننى مۇھاپىزەت قىلىنغان تورۇس قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىكى ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏
32




ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىنى، كۈندۈزنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزمەكتىدۇر.‏
33




ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچكىمنى ئۆلمەيدىغان قىلمىدۇق. سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ قالامدۇ؟‏
34




ھەر نەفس ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. بىز سىلەرنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىلەن سىنايمىز. سىلەر ئاخىرىدا بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.‏
35




كافىرلار سېنى كۆرگەن چاغلىرىدا مەسخىرە قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمايدۇ، بىر-بىرىگە: «ئىلاھلىرىڭلارغا تىل تەگكۈزۈۋاتقان ئادەم مۇشۇمۇ؟» دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار رەھماننىڭ زىكرىگە كافىردۇر.‏
36




ئىنسان ئالدىراقسانلىقتىن يارىتىلغان[5]. مەن يېقىندا سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مېنى ئالدىراتماڭلار.‏
37




ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.‏
38




بۇ كافىرلار يۈزلىرىدىن ۋە دۈمبىلىرىدىن دوزاخ ئوتىنى توسالمايدىغان ۋە ھېچبىر ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىچۇ!‏
39




بەلكى ئۇ ۋەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.‏
40




شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى[6].‏
41




ئېيتقىنكى: «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە رەھماندىن كىم ساقلايدۇ؟» بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏
42




ياكى ئۇلارنىڭ بىزگە قارشى ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان ئىلاھلىرى بارمۇ؟ ئۇ باتىل ئىلاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشقىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، ئۇلار بىزدىن يېقىنلىقمۇ كۆرمەيدۇ.‏
43




بەلكى بىز ئۇ كافىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنى باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاتتۇق. ھەتتا ئۇلار مەڭگۈ ياشايمىز دەپ ئويلىدى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننى ئەتراپىدىن كېمەيتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ يەنىلا ئۇلار غالىبمۇ؟
44




ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي بىلەنلا ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمەن» لېكىن گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغلىرىدا چاقىرىقنى ئاڭلىمايدۇ.‏
45




ئەگەر ئۇلار رەببىڭنىڭ كىچىككىنە ئازابىغا يولۇقسا: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىكەنمىز» دەيدۇ.‏
46




بىز قىيامەت كۈنى توغرا تارتىدىغان تارازىلارنى ئورنىتىمىز. ھېچكىم قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلىنغان ئىش بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز. بىز تولۇق ھېساب ئالغۇچىمىز.‏
47




بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان، تەقۋادارلارنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان ۋە ۋەزىپىسنى ئەسلىتىدىغان كىتابنى بەردۇق.‏
48




ئۇ تەقۋادارلار رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان ۋە قىيامەتنىڭ غېمىدە تىترەپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.‏
49




بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان بەرىكەتلىك زىكىردۇر. بۇنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر؟‏
50




بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغىمۇ ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق.‏
51




ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى.‏
52




ئۇلار: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن» دېدى.‏
53




ئۇ: «سىلەرمۇ، ئاتا-بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!» دېدى.‏
54




ئۇلار: «سەن بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دېدى.‏
55




ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. ئۇلارنى ئۇ ياراتقان. مەن بولسام بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرىمەن».‏
56




ئاندىن كۆڭلىدە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر كەتكەندىن كېيىن بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن» دېدى.‏
57




شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بۇتلارنى چېقىپ پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. پەقەت ئۇلارنى ئويلانسۇن دەپ چوڭ بۇتنىلا چاقماي قالدۇرۇپ قويدى.‏
58




ئۇلار بارغان يېرىدىن قايتىپ كېلىپ: «ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى كىم قىلدى؟ كىم قىلغان بولسا ئۇنىڭ زالىملاردىن بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق» دېيىشتى.‏
59




ئۇلارنىڭ بەزىسى: «بىز ئۇلارغا تىل تەگكۈزىدىغان بىر يىگىتنى ئاڭلىغان. ئۇنىڭغا ‹ئىبراھىم› دېيىلىدۇ» دېدى.‏
60




يەنە بەزىسى: «ئۇنداقتا ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىغا چىقىرىڭلار، شاھىتلىق قىلىشلىرى مۇمكىن» دېدى.‏
61




شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كەلتۈرۈلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى سەن قىلدىڭمۇ؟» دېدى.‏
62




ئۇ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاشۇ چوڭى قىلغان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار، ئەگەر گەپ قىلالىسا!» دېدى.‏
63




شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىگە كېلىپ ئۆزئارا: «ئەسلىدە زالىملار سىلەردۇرسىلەر» دېيىشتى.‏
64




لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرۇنقى ئېتىقادىغا قايتىپ: «ئىبراھىم! سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، بۇلار گەپ قىلالمايدۇ ئەمەسمۇ!» دېيىشتى.‏
65




ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرگە ھېچ پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟
66




سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا تۈفى! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».‏
67




ئۇلار: «ئۇنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار» دېيىشتى.‏
68




بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىم ئۈچۈن سوغۇق ۋە زىيانسىز بول» دېدۇق.‏
69




ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، ئەمما بىز ئۇلارنى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتۇق.‏
70




بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتقۇزۇپ، بىز ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتقا يەرلەشتۈردۇق.‏
71




بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە ئارتۇق ھەدىيە سۈپىتىدە يەئقۇبنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلار قىلدۇق.‏
72




بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەر قىلدۇق، ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشنى، زاكاتنى بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىدى.‏
73




بىز لۇتقا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇنى ئاھالىسى قەبىھ ئىشلارنى قىلىدىغان يۇرتتىن قۇتقۇزدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان ۋە فاسىق قەۋم ئىدى.‏
74




بىز ئۇنى رەھمىتىمىزگە چۆمدۈردۇق، چۈنكى ئۇ ياخشىلاردىن ئىدى.‏
75




بىز نۇھنىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۇ ئىلگىرى بىزگە دۇئا قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغدۇق. ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.‏
76




ئۇنى ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمدىن قۇتقۇزدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق.‏
77




بىز داۋۇد بىلەن سۇلەيماننىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككىيلەن كېچىسى بىر قەۋمنىڭ قويلىرى كىرىپ يەپ كەتكەن زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمىگە شاھىت ئىدۇق.‏
78




بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى سۇلەيمانغا چۈشەندۈردۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. بۇلارنى بىز قىلدۇق.‏
79




ئۇرۇشلاردا دۈشمەن زەربىلىرىدىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن بىز داۋۇدقا ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. شۈكۈر قىلامسىلەر؟
80




سۇلەيمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن تەرەپكە يۈزلىنەتتى. بىز ھەر نەرسىنى بىلەتتۇق.‏
81




بىز يەنە سۇلەيمانغا بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن دېڭىزغا چۆكەتتى ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى. بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق.‏
82




بىز ئەييۇبنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «بېشىمغا بۇ بالا كەلدى، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.‏
83




بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.‏
84




بىز ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىمۇ يېتەكچىلەر قىلغان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋرلىك كىشىلەردىن ئىدى.‏
85




بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزگە چۆمدۈردۇق، چۈنكى ئۇلار ياخشىلاردىن ئىدى.‏
86




بىز يۇنۇسنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ غەزەپلىنىپ يۇرتىدىن ئايرىلغاندا، ئاللاھ مېنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن ئۇلۇغسەن، مەن زالىملاردىن بولدۇم!» دەپ نىدا قىلدى.‏
87




شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن قۇتقۇزدۇق. بىز مۇئمىنلارنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز.‏
88




بىز زەكەرىييانىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىغىن! سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.‏
89




بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق ۋە ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، ئۈمىد ۋە ئەندىشە ئىچىدە بىزگە دۇئا قىلاتتى، كەمتەرلىك بىلەن بىزگە ئىتائەت قىلاتتى.‏
90




ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزنى زىكىر قىلغىن. بىز ئۇنىڭغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئالەملەر ئۈچۈن ئايەت قىلدۇق.‏
91




ئى ئىنسانلار! ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن. ئۇ ھالدا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار.‏
92




لېكىن ئىنسانلار بۇ بىرلىكنى بۇزدى. ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر.‏
93




كىم مۇئمىن ھالدا ياخشى ئەمەللەردىن قىلسا، ئۇنىڭ ئەمىلى ھەرگىزمۇ زايە كەتمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەمىلىنى يېزىپ تۇرىمىز.‏
94




بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىپ ھېساب بەرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەستۇر.‏
95




ئاخىرى يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسما ئېچىلىپ، ھەر تۆپىلىكتىن ئېقىپ كەلگىلى باشلىغاندا‏
96




ۋە توغرا ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا كافىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بەلكى بىز زالىملار ئىدۇق» دېيىشىدۇ.‏
97




ئۇ كۈنى ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر. دوزاخقا كىرىسىلەر!» دېيىلىدۇ.‏
98




ئەگەر ئۇلار ئىلاھ بولسا ئىدى، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.‏
99




ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە توختىماي پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئاڭلىمايدۇ.‏
100




سىنىقىمىزدىن ياخشى ئۆتكەنلەر دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ،‏
101




دوزاخنىڭ شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ،‏
102




چوڭ قورقۇنچتىن قايغۇرمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارنى «بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» دەپ قارشى ئالىدۇ.‏
103




ئۇ كۈنى بىز ئاسماننى كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرىنى تۈرىگەندەك تۈرىمىز. قايتا تىرىلدۈرۈشنى، دەسلەپتە ياراتقىنىمىزدەك قىلىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەدىمىزدۇر. بىز ۋەدىمىزنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.‏
104




بىز زىكىر[7]دىن كېيىن زەبۇردا: «زېمىنغا ياخشى بەندىلىرىم ئىگە بولىدۇ» دەپ يازدۇق.‏
105




شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋمگە ئۇقتۇرۇش بار.‏
106




بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق.‏
107




ئېيتقىنكى: «ماڭا ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىندى. تەسلىم بولامسىلەر؟».‏
108




ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: «مەن ھەقىقەتنى ھەممىڭلارغا ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ، يىراقمۇ، ئۇنى مەن بىلمەيمەن.‏
109




ئاللاھ ئاشكارا سۆزنىمۇ بىلىدۇ، يوشۇرغان سىرلىرىڭلارنىمۇ بىلىدۇ.‏
110




بىلمەيمەن، بەلكى ئۇ ئازاب سىلەرنى سىناش ۋە دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن بىر مۇددەت پايدىلاندۇرۇش ئۈچۈن كېچىككەن بولۇشى مۇمكىن.‏
111




رەسۇلۇللاھ: «رەببىم! ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، بىزنىڭ رەببىمىز رەھماندۇر، سىلەرنىڭ بوھتانلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان زاتتۇر» دېدى.‏
112