بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

34-سۈرە سەبەئ مەككەدە نازىل بولغان، 54 ئايەت

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانالار ئۇنىڭغا بولسۇن. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر.‏
1




ئۇ زېمىنغا كىرىدىغان ۋە زېمىندىن چىقىدىغان، ئاسماندىن چۈشىدىغان ۋە ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئۇ كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.‏
2




كافىرلار: «بىزگە قىيامەت كەلمەيدۇ» دېدى. ئېيتقىنكى: «ياق، ئۇنداق ئەمەس! غەيبنى بىلىدىغان رەببىم بىلەن قەسەمكى، قىيامەت سىلەرگە ئەلۋەتتە كېلىدۇ. ئاسمانلاردا بولسۇن، زېمىندا بولسۇن، زەررە چاغلىق نەرسە رەببىمنىڭ ئىلمىدىن قاچالمايدۇ. مەيلى ئۇنىڭدىن كىچىك بولسۇن، مەيلى چوڭ بولسۇن ھەممىسى ئەلۋەتتە روشەن كىتابتىدۇر.‏
3




بۇ ئاللاھنىڭ ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار مەغپىرەت ۋە ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ.‏
4




ئايەتلىرىمىزنى كېرەكسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار يىرگىنچلىك ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.‏
5




ئىلىم بېرىلگەنلەر ساڭا رەببىڭدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەزىز ۋە مەدھىيەگە لايىق بولغۇچى زاتنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏
6




كافىرلار مۇنداق دېيىشتى: «سىلەرگە، ‹سىلەر ئۆلۈپ تۇپراقنىڭ ئاستىدا پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم يېڭىدىن يارىتىلىسىلەر› دەپ خەۋەر بېرىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟‏
7




ئۇ ئاللاھقا يالغان چاپلاۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋالدىمۇ؟». ياق! ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئازابنىڭ ۋە چوڭقۇر ئازغۇنلۇقنىڭ ئىچىدىدۇر.‏
8




ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى ۋە ئارقىسىدىكى ئاسمانغا ۋە زېمىنغا قارىمىدىمۇ؟ ئەگەر خالىساق ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىمىز ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاللاھقا ئۈزلۈكسىز يۆنەلگەن ھەر بەندە ئۈچۈن ئايەت بار.‏
9




بىز داۋۇتقا ئۆز تەرىپىمىزدىن بىر ئۈستۈنلۈك بەردۇق: «ئى تاغلار! ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار» دېدۇق. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق.‏
10




داۋۇتقا: «كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ توقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك ۋە مۇستەھكەم قىلغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. داۋۇتقا ۋە ئائىلىسىگە: «ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن» دېدۇق.‏
11




سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. سۇلەيمان ئۇ شامال بىلەن چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتەتتى. بىز يەنە ئۇنىڭغا مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەردۇق. جىنلارنىڭ بىر قىسمى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۇلەيماننىڭ ئالدىدا ئىشلەيتتى. ئۇلاردىن كىم ئەمرىمىزگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭغا يالقۇنلۇق ئوتنىڭ ئازابىدىن تېتىتىمىز.‏
12




ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن سۇلەيماننىڭ تەلىپى بويىچە سارايلار، ھەيكەللەر، كۆلدەك لېگەنلەر ۋە مۇقىم قازانلارنى ياسايتتى. «ئى داۋۇد ئائىلىسى! ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىڭلار» دېدۇق. بەندىلىرىمدىن شۈكۈر قىلغۇچىلار بەك ئاز.‏
13




بىز سۇلەيماننى ۋاپات قىلدۇرغاندا، جىنلار ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پەقەت ئۇنىڭ ھاسىسىنى يېگەن بىر ياغاچ قۇرتىدىن ئۆگەندى. سۇلەيمان يېقىلغاندا جىنلارنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئۇلار خارلىغۇچى ئازابنىڭ ئىچىدە قالمىغان بولاتتى.‏
14




سەبەئ قەۋمى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايىدا ئايەت بار ئىدى: ئوڭ ۋە سولدىن قورشاپ تۇرىدىغان ئىككى باغ. ئۇلارغا: «رەببىڭلار ئاتا قىلغان رىزىقتىن يەڭلار، ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار. بۇ گۈزەل شەھەردۇر، رەببىڭلار مەغپىرەت قىلغۇچى رەبتۇر!» دېيىلدى.‏
15




لېكىن ئۇلار يۈز ئۆرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئەرىم سەلىنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىككى بېغىنى، ئىچىدە ئاچچىق مېۋىلىك دەرەخلەر، يۇلغۇنلار ۋە بىرئاز گىلاس دەرەخلىرى بولغان ئىككى باغقا ئايلاندۇرۇۋەتتۇق.‏
16




بىز ئۇلارنى ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. چۈنكى ئۇلار تۇزكورلۇق قىلغان ئىدى. بىز تۇزكورلاردىن باشقىسىنى جازالايمىزمۇ؟‏
17




ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتلار ئارىسىدا بىر-بىرىگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يۇرتلارنى بەرپا قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بېرىش-كېلىشنى ئۆلچەملىك قىلىپ ئاسانلاشتۇرغان ئىدۇق ۋە ئۇلارغا: «بۇ يۇرتلارنىڭ ئىچىدە كېچىلىرى ۋە كۈندۈزلىرى خاتىرجەم مېڭىڭلار» دېگەن ئىدۇق.‏
18




لېكىن ئۇلار: «رەببىمىز! سەپەرلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى يىراقلاشتۇرغىن» دېدى ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھېكايىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق، ئۇلارنى تىرىپىرەن قىلۋەتتۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا كۆپ سەۋر قىلغۇچىلار ۋە كۆپ شۈكۈر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئايەتلەر بار.‏
19




ئىبلىس ئۆزىنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى گۇمانىنى راستقا چىقارغان بولدى. چۈنكى بىر تۈركۈم مۇئمىندىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىدى.‏
20




ھالبۇكى، ئىبلىس ئۇلارغا ھېچ بېسىم ئىشلەتمىگەن. لېكىن بىز ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلارنى ئۇ توغرۇلۇق شۈبھە ئىچىدە بولغانلاردىن ئايرىشنى خالىدۇق. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.‏
21




مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا زەررە چاغلىق نەرسىسى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ئۇ ئىككىسىدە ھېچ شېرىكچىلىكى يوقتۇر، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھنىڭ ياردەمچىسى ئەمەستۇر».‏
22




ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، ئاللاھ رۇخسەت بەرگەنلەردىن باشقا ھېچكىمگە شاپائەتنىڭ پايدىسى بولمايدۇ[1]. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە بىر-بىرىدىن: «رەببىڭلار نېمە دېدى؟» دەپ سورايدۇ. جاۋاب بەرگەنلەر: «ھەقنى دېدى، ئۇ ئۇلۇغدۇر، بۈيۈكتۇر» دەيدۇ.‏
23




ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟»، ئېيتقىنكى: «ئاللاھتۇر. ئۇنداقتا ئىككىمىزدىن بىرى توغرا يولدا ياكى ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا».‏
24




ئېيتقىنكى: «بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزدىن سىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن بىز جاۋابكارلىققا تارتىلمايمىز».‏
25




ئېيتقىنكى: «رەببىمىز قىيامەت كۈنى ھەممىمىزنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئۇ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر».‏
26




ئېيتقىنكى: «ماڭا ئاللاھقا شېرىك قىلغان مەبۇدلىرىڭلارنى كۆرسىتىپ بېقىڭلار. ھەرگىزمۇ كۆرسىتەلمەيسىلەر! ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر».‏
27




بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.‏
28




ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.‏
29




ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن بىر كۈنۈڭلار بار. ئۇنىڭدىن قىلچە كېچىكىپمۇ قالمايسىلەر، ئالدىغا ئۆتۈپمۇ كەتمەيسىلەر».‏
30




كافىرلار: «بىز بۇ قۇرئانغىمۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى كىتابلارغىمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى. سەن بۇ زالىملارنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا گۇناھنى بىر-بىرىگە ئارتىپ جېدەللىشىدۇ: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ئەگەر سىلەر بولمىغان بولساڭلار، بىز ئەلۋەتتە مۇئمىن بولاتتۇق» دەيدۇ.‏
31




چوڭچىلىق قىلغانلار بوزەك قىلىنغانلارغا: «سىلەرگە توغرا يول كۆرسىتىلگەندە سىلەرنى ئۇنىڭدىن بىز توستۇقمۇ؟ ياق، بەلكى ئۆزۈڭلار گۇناھ قىلاتتىڭلار» دەيدۇ.‏
32




بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ياق، بىزنى سىلەرنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلغان ھىيلە-مىكرىڭلار ئىماندىن توستى. سىلەر بىزنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.‏
33




بىز قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز سىلەرنىڭ ئەلچىلىكىڭلارغا ئىشەنمەيمىز» دېدى.‏
34




ئۇلار يەنە: «بىزنىڭ ماللىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز كۆپ، بىز ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغان كىشىلەر ئەمەس» دېدى.‏
35




ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم رىزقىنى خالىغان كىشىگە كەڭ قىلىدۇ، تار قىلىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ».‏
36




سىلەرنى بىزگە ماللىرىڭلارمۇ، بالىلىرىڭلارمۇ يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارغا ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ. ئۇلار ئالىي سارايلاردا خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ.‏
37




ئايەتلىرىمىزنى كېرەكسىز ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلار تۇتۇلۇپ ئازابقا تاشلىنىدۇ.‏
38




ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم خالىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان بەندىسىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يولىدا نېمە بەرسەڭلار، ئۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر».‏
39




ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ.‏
40




پەرىشتىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بىز سېنى ئۇلۇغ دەپ بىلىمىز، بىزنىڭ ۋەلىيىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. ئۇلار بىزگە ئەمەس، جىنلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنلارغا ئىمان كەلتۈرگەن ئىدى».‏
41




ئەنە شۇ كۈندە بىر-بىرىڭلارغا پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. بىز زالىملارغا مۇنداق دەيمىز: «دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار! ئۇ سىلەر ئۆز ۋاقتىدا يالغان دېگەن ئازابتۇر».‏
42




ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلار: «بۇ سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىبادەت قىلىپ كەلگەن نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتقان ئادەمدۇر» دېدى. ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغاندىنلا ئىبارەت» دېدى. كافىرلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەق توغرىسىدا: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى.‏
43




ھالبۇكى، بىز ئۇلارغا ئوقۇشلىرى ئۈچۈن بىرەر كىتاب بەرمىگەن ۋە ئۇلارغا سەندىن ئىلگىرى بىرەر ئاگاھلاندۇرغۇچىمۇ ئەۋەتمىگەن.‏
44




بۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ يالغانچى دېيىشكەن ئىدى. بۇلار، بىز ئۇلارغا ئاتا قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشمىدى. ئۇلار ئەلچىلىرىمنى يالغانچى دېدى، مېنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن قارشىلىقىم قانداق بولدى؟
45




ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە بىرلا نەسىھىتىم بار: ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن، بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن تەپەككۇر قىلىڭلار. ھەمراھىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس. ئۇ پەقەت قاتتىق ئازابتىن بۇرۇن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر».‏
46




ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن ئەجىر سورىمىدىم. مېنىڭ ئەجرىمنى پەقەتلا ئاللاھ بېرىدۇ. ئۇ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر».‏
47




ئېيتقىنكى: «مېنىڭ رەببىم ھەقنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ غەيبلەرنى تولۇق بىلگۈچىدۇر».‏
48




ئېيتقىنكى: «ھەق كەلدى. باتىل ھېچبىر تەرەپكە قىمىرلىيالمايدۇ».‏
49




ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئېزىپ كەتسەم، ئېزىپ كەتكەنلىكىمنىڭ زىيىنىنى ئۆزۈم تارتىمەن. ئەگەر ھىدايەت تاپسام، بۇ رەببىم ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان سەۋەبىدىندۇر. رەببىم ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر».‏
50




ئۇلارنىڭ قورقۇپ كەتكەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ! ئۇلار قاچالمايدۇ ۋە يېقىن بىر يەردە تۇتۇلىدۇ.‏
51




ئۇلار: «ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. لېكىن ئۇلار يىراق جايدا قالغان ئىمانغا قانداقمۇ ئېرىشەلەيدۇ؟[2]
52




ھالبۇكى، ئۇلار ئۇنى ئىلگىرى ئىنكار قىلغان ئىدى، دۇنيادا تۇرۇپ ئاخىرەتكە تىل ئۇزارتاتتى.‏
53




ئۇلار بىلەن ئۇلار ئارزۇ قىلغان نەرسە ئارىسىدا توسالغۇ پەيدا قىلىنىدۇ. ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئوخشاشلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىنغان ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق شۈبھە ئىچىدە ئىدى.‏
54