بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

53-سۈرە نەجم مەككەدە نازىل بولغان، 62 ئايەت

سارقىغان‏‎ ‎يۇلتۇز بىلەن قەسەمكى،
1




قېرىندىشىڭلار گۇمراھ بولمىدى‏‎ ‎ۋە ئازمىدى.‏
2




ئۇ، نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ.‏
3




ئۇنىڭ سۆزلىگىنى‏‎ ‎ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيدىنلا ئىبارەتتۇر. ‏
4




ۋەھىينى ئۇنىڭغا ناھايىتى كۈچلۈك بىرى‎ ‎ئۆگەتتى،
5




ئەقللىق ۋە چىرايلىق بىرى. ئۇ توغرىلاندى،‏
6




ئۇ بۇ چاغدا ئەڭ يۇقىرى ئۇپۇقتا ئىدى،‏
7




ئاندىن ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىپ،‏
8




ئىككى يانىڭ بىر كىرىچىدەك ياكى‎ ‎ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق بولدى.‏
9




ئاندىن ئاللاھنىڭ بەندىسىگە، ئاللاھ ۋەھىي قىلغان نەرسىنى ۋەھىي قىلدى.‏
10




ئۇ بەندىنىڭ دىلى كۆرگىنىنى يالغان دېمىدى.‏
11




ئى مۇشرىكلار! سىلەر يەنىلا ئۇنىڭ كۆرگىنى توغرۇلۇق‎ ‎ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟
12




ئۇ بەندە ئۇنى باشقا بىر قېتىم چۈشكەندىمۇ كۆردى،‏
13




سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا.‏
14




ئۇنىڭ يېنىدا مەئۋا جەننىتى بار.‏
15




ئۇ چاغدا سىدرەتۇلمۇنتەھانى قاپلىغان نەرسە قاپلاپ تۇراتتى.‏
16




كۆز بۇرۇلمىدى ۋە ھەددىدىن ئاشمىدى.‏
17




شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىنىڭ بىر قىسىم بۈيۈك ئايەتلىرىنى كۆردى.‏
18




ئى مۇشرىكلار! نېمىدۇر، لات ۋە ئۇززا؟‏
19




ئۈچىنچىسى ۋە ئاخىرقىسى بولغان مەنات؟
20




ئوغۇل سىلەرنىڭ، قىز ئاللاھنىڭمۇ؟‏
21




ئۇنداق بولسا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر.‏
22




ئۇلار پەقەت ئىسىملاردىنلا ئىبارەتتۇر، ئۇ ئىسىملارنى سىلەر ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالدىڭلار. ئاللاھ ئۇ ئىسىملار توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل نازىل قىلمىدى. ئۇلار پەقەت گۇمان ۋە نەپسىلىرى ھەۋەس قىلغان نەرسىگىلا ئەگىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارغا رەببىدىن ھىدايەت كەلدى.‏
23




ياكى ئىنسان نېمە ئارزۇ قىلسا، ئۇنىڭغا ئېرىشەمدۇ؟‏
24




ياق، ئاخىرەت ھاياتى ۋە دۇنيا ھاياتى پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.‏
25




ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار. ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان كىشى ئۈچۈن رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن ئەسقاتىدۇ.‏
26




ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار پەرىشتىلەرنى چىشى ئىسىملىرى بىلەن ئاتايدۇ.‏
27




ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ توغرىدا ھېچبىر بىلىمى يوق. ئۇلار گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. گۇمان بولسا، ھەقتىن ھېچ نەرسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.‏
28




ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ قۇرئانىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە دۇنيا ھاياتىدىن باشقا ئارزۇسى بولمىغان كىشىلەردىن يۈز ئۆرۈگىن.‏
29




ئۇلارنىڭ ئىلىم سەۋىيىسى ئەنە شۇدۇر. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.‏
30




ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ يامان ئىش قىلغانلارنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ، ياخشى ئىش قىلغانلارنى ئەڭ ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.‏
31




ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىدىغان كىشىلەردۇر. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. رەببىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر. ئۇ سىلەرنىڭ، سىلەرنى ئۆزى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ، سىلەر ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا تۆرەلمىلەر ھالىتىدە بولۇۋاتقان چاغدىكى ئەھۋالىڭلارنىمۇ ئوبدان بىلگۈچىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار. ئاللاھ تەقۋادار بولغان كىشىنى ئوبدان بىلىدۇ.‏
32




ئى مۇھەممەد! شۇ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يۈز ئۆرۈدى‏
33




ۋە ئازغىنە بېرىپ، توختىۋالدى.‏
34




ئۇنىڭ يېنىدا غەيب ئىلمى بولۇپ، ئۇ كۆرەمدۇ؟
35




ياكى ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىن خەۋەردار قىلىنمىدىمۇ؟‏
36




ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى نەرسىدىنچۇ؟‏
37




ئۇ نەرسە شۇ: ھىچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.‏
38




ئىنسانغا ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە يوقتۇر.‏
39




ئۇنىڭ قىلمىشى يېقىندا كۆرۈلىدۇ.‏
40




ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ.‏
41




ئاخىرقى يىغىلىش ئورنى رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر.‏
42




پەقەتلا ئۇ كۈلدۈرىدۇ ۋە يىغلىتىدۇ.‏
43




پەقەتلا ئۇ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ.‏
44




ئۇ بىر جۈپنى-ئەركەك بىلەن چىشىنى- ياراتتى،‏
45




بالىياتقۇلارغا تۆكۈلگەن مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن.‏
46




يەنە بىر قېتىم يارىتىشنىمۇ ئۇ قىلىدۇ.‏
47




پەقەتلا ئۇ بىھاجەت قىلىدۇ ۋە مۈلۈك ئىگىسى قىلىدۇ.‏
48




شىئرا يۇلتۇزىنىڭ ئىگىسى ئۇدۇر.‏
49




شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاۋۋالقى ئادنى ھالاك قىلدى،
50




سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، بىرىنىمۇ قويمىدى.‏
51




ئىلگىرى نۇھنىىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلغان ئىدى، چۈنكى ئۇلار ناھايىتى زالىم ۋە بەك ھەددىدىن ئاشقان ئىدى.‏
52




كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرتلارنىمۇ ھالاك قىلىپ، يەر ئاستىغا پاتۇرۇۋەتتى.‏
53




ئۇ يۇرتلارنى قاپلىۋالغان نەرسە قاپلىۋالدى.‏
54




شۇنداق ئىكەن رەببىڭنىڭ قايسى نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟‏
55




بۇ ئاۋۋالقى ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.‏
56




يېقىنلاشقۇچى يېقىنلاشتى.‏
57




ئاللاھتىن باشقا ئۇنىڭ پەردىسىنى ئاچقۇچى يوقتۇر.‏
58




بۇ سۆزدىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟
59




كۈلەمسىلەر، يىغلىمامىسىلەر؟‏
60




سىلەر ئويۇن بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىسىلەر.‏
61




بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار.‏
62