بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

57-سۈرە ھەدىد مەدىنەدە نازىل بولغان، 29 ئايەت

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىنددىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ئەزىز، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.‏
1




ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.‏
2




ئاللاھ ئاۋۋالدۇر، ئاخىردۇر، ئاشكارىدۇر، يوشۇرۇندۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر.‏
3




ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى. ئاللاھ زېمىنغا كىرگەن ۋە زېمىندىن چىققان، ئاسماندىن چۈشكەن ۋە ئاسمانغا يۈكسەلگەن بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ قەيەردە بولساڭلار سىلەر بىلەن بىللىدۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.‏
4




ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر، ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.‏
5




ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە قېتىپ كۈندۈزنى ئۇزارتىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە قېتىپ كېچىنى ئۇزارتىدۇ. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.‏
6




ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئورۇن باسارلىرى قىلغان نەرسىلەردىن ياخشى يولدا چىقىم قىلىڭلار. سىلەردىن ئىشەنگەن ۋە ياخشى يولدا چىقىم قىلغانلار كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.‏
7




سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا ئىشەنمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەردىن مۇستەھكەم ئەھدە ئالدى! ئەگەر ئىشەنگۈچىلەر بولساڭلار.‏
8




ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقلاردىن نۇرغا چىقىرىش ئۈچۈن، بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلغان زاتتۇر. ئاللاھ سىلەرگە ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە ئىنئامى كۆپتۇر.‏
9




ئاللاھ يولىدا نېمىشقا مال چىقىم قىلمايسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھنىڭدۇر. ئىچىڭلاردىن فەتىھدىن ئىلگىرى مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلار، بۇنداق قىلمىغانلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى فەتىھدىن كېيىن مال چىقىم قىلغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈندۇر. ھەر بىرىگە ئاللاھ ئەڭ ياخشىنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.‏
10




كىم ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئېسىل ئەجىر بېرىدۇ.‏
11




ئۇ كۈنى مۇئمىن ئەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ نۇرى ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە يۈگۈرىدۇ. ئۇلارغا: «بۈگۈن سىلەرگە خۇش خەۋەر: سىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىپ مەڭگۈ ياشايسىلەر. بۇ ھەقىقەتەن كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر»، دېيىلىدۇ.‏
12




ئۇ كۈنى مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: «بىزگە قاراڭلار. نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سوقۇلىدۇ. سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ.‏
13




مۇنافىقلار مۇئمىنلارغا: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. مۇئمىنلار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، بىللە ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارغا يامانلىق قىلدىڭلار، بىزنىڭ مۇسىبەتكە يولۇقۇشىمىزنى كۈتتۈڭلار، شۈبھىلەندىڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر قۇرۇق ئارزۇلار ئالدىدى ۋە ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىدى.‏
14




بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كافىرلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. ئۇ سىلەرگە لايىقتۇر ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!».‏
15




مۇئمىنلارغا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە قەلبلىرى ئېرىيدىغان، ئىلگىرى كىتاب بېرىلىپ زاماننىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قەلبلىرى قېتىپ كەتكەن كىشىلەردەك بولمايدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلار ئىدى.‏
16




بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ. بىز سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى بايان قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر!‏
17




سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر، سەدىقە بەرگۈچى ئاياللار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلەرگە بەرگەن سەدىقىلىرى ھەسسىلەپ قايتۇرۇلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئېسىل ئەجىر بېرىلىدۇ.‏
18




ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر راستچىللاردۇر ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شاھىتلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ۋە نۇرىغا ئېرىشىدۇ. كافىر بولغان ۋە ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر.‏
19




بىلىڭلاركى، بۇ دۇنيا ھاياتى ئويۇندۇر، بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر، زىننەتلىنىشتۇر، ئۆزئاراڭلاردا پەخىرلىنىشتۇر، ماللارنى ۋە بالىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بەسلىشىشتۇر. بۇ ھايات يامغۇرغا ئوخشاشتۇر، ئۇ ئۈندۈرگەن ئۆسۈملۈك دەسلەپتە دېھقانلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدۇ، كېيىن قۇرۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇنى سارغىيىپ كەتكەن ھالەتتە كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ كۇكۇم-تالقان بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بار، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقىمۇ بار. دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىنلا ئىبارەتتۇر.‏
20




رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بەسلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر.‏
21




زېمىندا ۋە سىلەردە يۈز بەرگەن ھەر ھادىسە، بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن بىر كىتابقا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر.‏
22




بۇ قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.‏
23




ئۇلار بېخىللىق قىلىدىغان ۋە ئىنسانلارنى بېخىللىق قىلىشقا بۇيرۇيدىغان كىشىلەردۇر. كىم يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلسۇنكى ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر.‏
24




بىز ئەلچىلىرىمىزنى روشەن دەلىللەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەرگە كىتابنى ۋە مىزاننى نازىل قىلدۇق. بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدا شىددەتلىك كۈچ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار. بۇ ئاللاھنىڭ، ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىنىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.‏
25




بىز نۇھنى ۋە ئىبراھىمنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، نەبىيلىكنى ۋە كىتابنى ئۇ ئىككىسىنىڭ نەسلىگە بەردۇق. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، تولىسى فاسىقلاردۇر.‏
26




ئاندىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەلچىلىرىمىزنى ئارقا-ئارقىدىن ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچىلەرنىڭ كەينىدىن مەريەم ئوغلى ئىيسانى ئەۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئىنجىلنى بەردۇق، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە شەپقەت ۋە مەرھەمەت سالدۇق. ئۇلار پەيدا قىلغان راھىبلىققا كەلسەك، بىز ئۇنى ئۇلارغا پەرز قىلمىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ پەيدا قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا رىئايە قىلمىدى. بىز ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقانلارغا مۇكاپاتىنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ تولىسى فاسىقلاردۇر.‏
27




ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرگە رەھمىتىدىن ئىككى ھەسسە بېرىدۇ، سىلەرگە يولۇڭلارنى يورۇتىدىغان نۇر ئاتا قىلىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.‏
28




ئەھلى كىتابنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچ نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ، پەزل ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر.‏
29