تارتىپ ئالغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
|
1
|
سىلىق ئالغۇچىلار بىلەن قەسەمكى،
|
2
|
ئىشىنى تېز ۋە تولۇق قىلغۇچىلار،
|
3
|
ئىلگىرىلىگۈچىلەر
|
4
|
ۋە ئىش باشقۇرغۇچىلار بىلەن قەسەمكى[1]،
|
5
|
بىر كۈنى قاتتىق تەۋرەش بولىدۇ[2]،
|
6
|
ئارقىسىدىن يەنە بىر تەۋرەش بولىدۇ[3].
|
7
|
ئۇ كۈنى يۈرەكلەر سېلىپ كېتىدۇ.
|
8
|
كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ.
|
9
|
ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئاۋۋالقى ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟[4]
|
10
|
چىرىگەن سۆڭەكلەر بولۇپ كەتكەن ۋاقتىمىزدىمۇ؟».
|
11
|
ئۇلار: «ئۇنداق بولسا، بۇ زىيانلىق قايتىشتۇر» دېدى.
|
12
|
ئۇ ئەھۋال[5] قورقۇنچلۇق بىر ئاۋازدىنلا ئىبارەتتۇر.
|
13
|
شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بىردىنلا يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ.
|
14
|
ئى مۇھەممەد! ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
|
15
|
ئۆز ۋاقتىدا رەببى ئۇنىڭغا مۇقەددەس ۋادى تۇۋادا مۇنداق دەپ نىدا قىلدى:
|
16
|
«فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارغىن، ئۇ بەك ھەددىدىن ئاشتى.
|
17
|
ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «پاكلىنىشقا مەيلىڭ بارمۇ؟
|
18
|
سېنى رەببىڭنى تونۇشقا يېتەكلەيمۇ؟ ئۆزۈڭنى تۈزىتەرسەن!».
|
19
|
شۇنىڭ بىلەن مۇسا فىرئەۋنگە ئەڭ بۈيۈك ئايەتنى كۆرسەتتى،
|
20
|
بىراق فىرئەۋن يالغان دېدى، ئاسىيلىق قىلدى،
|
21
|
ئاندىن ئىشقا كىرىشىش ئۈچۈن ئارقىسىنى قىلىپ كەتتى،
|
22
|
ئاندىن توپلىدى، ئاندىن نىدا قىلدى:
|
23
|
«مەن سىلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك رەببىڭلاردۇرمەن» دېدى.
|
24
|
ئاللاھ ئۇنى ئاخىرقى ۋە ئاۋۋالقىنىڭ جازاسى بىلەن جازالىدى[6].
|
25
|
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئۆزىنى تۈزىتىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەت بار.
|
26
|
سىلەرنى يارىتىش تەسمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىشمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى بىنا قىلدى،
|
27
|
ئۇنىڭ تورۇسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇردى،
|
28
|
ئۇنىڭ كېچىسىنى قاراڭغۇ قىلدى ۋە يورۇقلۇقىنى چىقاردى،
|
29
|
زېمىننى ئۇنىڭدىن كېيىن يايدى،
|
30
|
ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ سۈيىنى ۋە ئوتلىقىنى چىقاردى،
|
31
|
تاغلارنى مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇردى.
|
32
|
ئاللاھ بۇلارنى سىلەرگە ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارغا ياشاش ۋاسىتىسى بولسۇن دەپ قىلدى.
|
33
|
بۈيۈك پالاكەت كەلگەن چاغدا،
|
34
|
ئەنە شۇ كۈنى كىشى قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئەسلەيدۇ،
|
35
|
كۆرىدىغانلار ئۈچۈن دوزاخ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.
|
36
|
كىمكى ھەددىدىن ئاشىدىكەن
|
37
|
ۋە دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ئۈستۈن كۆرىدىكەن،
|
38
|
ئۇنىڭ جايى چوقۇم دوزاخ بولىدۇ.
|
39
|
كىمكى رەببىنىڭ ماقامىدىن[7] قورقىدىكەن ۋە نەپسىنى خاھىشىدىن توسىدىكەن،
|
40
|
ئۇنىڭ جايى چوقۇم جەننەت بولىدۇ.
|
41
|
ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن قىيامەت قاچان قايىم بولىدۇ؟ دەپ سورايدۇ.
|
42
|
سەن قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى قانداقمۇ ئېيتىپ بېرەلەيسەن!
|
43
|
ئۇنى پەقەت رەببىڭ بىلىدۇ.
|
44
|
سەن ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن، خالاس.
|
45
|
ئۇلار ئۇنى كۆرگەن كۈندە، ئۆزلىرىنى گويا دۇنيادا پەقەت بىر كەچقۇرۇنلۇق ياكى ئۇنىڭ ئەتىگەنلىكىچىلىك تۇرغاندەك ھېس قىلىدۇ.
|
46
|