بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

81-سۈرە تەكۋىر مەككەدە نازىل بولغان، 29 ئايەت

كۈن يۆگەلگەن چاغدا،
1




يۇلتۇزلار ئۆچكەن چاغدا،
2




تاغلار يۈرۈتۈلگەن چاغدا،
3




ئون ئايلىق بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا،
4




ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا،
5




دېڭىزلار ئوتقا ئايلاندۇرۇلۇپ لاۋۇلدىتىلغان چاغدا،
6




روھلار بىلەن بەدەنلەر بىر-بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،
7




تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سورالغان چاغدا،
8




قايسى گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى.
9




ئەمەل دەپتەرلىرى تارقىتىلغان چاغدا،
10




ئاسمان سويۇپ ئېلىنغان چاغدا،
11




دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا،
12




جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا،
13




ھەر نەپىس نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلىدۇ.
14




ئۇنداق ئەمەس[1]، يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
15




ئاققۇچى ۋە جايىغا كىرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن،
16




قاراڭغۇ سالغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن،
17




نەپەس ئالغان تاڭ بىلەن قەسەم قىلىمەن،
18




شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان ھۆرمەتلىك ئەلچىنىڭ سۆزىدۇر.
19




ئۇ ئەلچى كۈچلۈكتۇر، ئەرشنىڭ ئىگىسىنىڭ يېنىدا مەرتىۋىلىكتۇر،
20




ئۇ يەردە ئىتائەت قىلىنغۇچىدۇر، ئىشەنچىلىكتۇر[2].
21




قېرىندىشىڭلار ھەرگىزمۇ جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس.
22




شۈبھىسىزكى، قېرىندىشىڭلار ئۇ ئەلچىنى روشەن ئۇپۇقتا كۆردى.
23




قېرىندىشىڭلار غەيبكە بېخىل ئەمەس[3].
24




قۇرئان ھەرگىزمۇ تاش ئېتىلغۇچى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەس.
25




ئۇ ھالدا قەيەرگە كېتىۋاتىسىلەر؟
26




قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن توغرا ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر،
27




سىلەردىن توغرا بولۇشنى خالىغان كىشى ئۈچۈن.
28




سىلەر پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ خالىغاننىلا خالىيالايسىلەر[4].‏
29