بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

88-سۈرە غاشىيە مەككەدە نازىل بولغان، 26 ئايەت

ئى مۇھەممەد! ساڭا غاشىيە[1]نىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
1




ئۇ كۈنى نۇرغۇن يۈزلەر خار بولغۇچىدۇر.
2




ئىش قىلغۇچىدۇر. ھارغۇچىدۇر.
3




ئۇلار ھارارىتى قاتتىق ئوتقا كىرىپ كۆيىدۇ،
4




قايناپ تۇرغۇچى بۇلاقتىن سۇغىرىلىدۇ.
5




ئۇلارغا بەتبۇي ۋە ئاچچىق تىكەندىن باشقا يېمەكلىك يوق.
6




ئۇ ھەم سەمرىتمەيدۇ، ھەم ئاچلىقنى پەسەيتمەيدۇ.
7




ئۇ كۈنى يەنە نۇرغۇن يۈزلەر خۇشالدۇر،
8




قىلمىشلىرىدىن خۇرسەندۇر،
9




ئالىي جەننەتتىدۇر.
10




ئۇلار ئۇ جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ.
11




ئۇ جەننەتتە ئېقىپ تۇرغۇچى بۇلاق بار.
12




ئۇ جەننەتتە يۈكسەلدۈرۈلگەن كارىۋاتلار،
13




قويۇلغان قەدەھلەر،
14




تىزىلغان ياستۇقلار
15




ۋە سېلىنغان ئېسىل تۆشەكلەر بار.
16




ئۇلار تۆگىگە قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يارىتىلدى؟
17




ئاسمانغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلدى؟
18




تاغلارغا قارىمامدۇ، ئۇلار قانداق تىكلەندى؟
19




زېمىنغا قارىمامدۇ، ئۇ قانداق يېيىتىلدى؟
20




سەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلغىن. سەن پەقەتلا نەسىھەتچىسەن.
21




سەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە زورلىغۇچى ئەمەسسەن.
22




لېكىن كىمكى يۈز ئۆرۈيدىكەن ۋە كافىر بولىدىكەن،
23




ئاللاھ ئۇنى ئەڭ بۈيۈك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ.
24




شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ قايتىشى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغىدۇر.
25




ئاندىن ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.‏
26