تاڭنىڭ يورۇشى بىلەن،
|
1
|
ئون كېچە بىلەن[1]،
|
2
|
جۈپ ۋە تاق بىلەن،
|
3
|
ۋە ئۆتكەن كېچە بىلەن قەسەمكى،
|
4
|
بۇ نەرسىلەردە ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئەلۋەتتە قەسەم بار.
|
5
|
كۆرمەمسەن، رەببىڭ ئاد قەۋمىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
|
6
|
تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىگىسى ئىرەمگە؟-
|
7
|
ئۇ شەھەرلەر ئىچىدە ئوخشىشى يارىتىلمىغان يۇرتتۇر-
|
8
|
ۋادىدا قورام تاشلارنى كەسكەن سەمۇد قەۋمىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
|
9
|
ۋە قوزۇقلارنىڭ ئىگىسى فىرئەۋنگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟
|
10
|
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، مەملىكەتلىرىدە ھەددىدىن ئاشتى،
|
11
|
ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى.
|
12
|
شۇنىڭ بىلەن رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئازاب قامچىسى ياغدۇردى.
|
13
|
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۆزىتىپ تۇرماقتىدۇر.
|
14
|
ئىنسانغا كەلسەك، رەببى ئۇنى سىناپ ئەزىز قىلغان ۋە ئۇنىڭغا نېمەت بەرگەن چاغدا: «رەببىم مېنى ئەزىز قىلدى» دەيدۇ.
|
15
|
ئەمما رەببى ئۇنى سىناپ رىزقىنى تار قىلغان چاغدا: «رەببىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ.
|
16
|
ئۇنداق ئەمەس[2]، بەلكى سىلەر يېتىمنى ئىززەتلىمەيسىلەر.
|
17
|
مىسكىنگە تائام بېرىشكە تەشۋىقمۇ قىلمايسىلەر.
|
18
|
مىراسنى ھالال-ھارام دېمەستىن يەيسىلەر.
|
19
|
مالنى بەك ياخشى كۆرىسىلەر[3].
|
20
|
ئۇنداق قىلماڭلار! زېمىن ئارقىمۇئارقا تەۋرىتىلگەن چاغدا،
|
21
|
رەببىڭ ۋە سەپ-سەپ پەرىشتە كەلگەن چاغدا،
|
22
|
ئۇ كۈنى جەھەننەم كەلتۈرۈلگەن چاغدا، ئەنە شۇ كۈندە ئىنسان چۈشىنىدۇ. لېكىن بۇ چۈشىنىشنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ پايدىسى بولسۇن![4]
|
23
|
ئۇ: «كاشكى، ھاياتىم ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان بولسامچۇ!» دەيدۇ.
|
24
|
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئازابلىغاندەك ھېچكىم ئازابلىيالمايدۇ،
|
25
|
ئاللاھ باغلىغاندەك ھېچكىم باغلىيالمايدۇ.
|
26
|
ئى ئارام تاپقۇچى نەپس![5]
|
27
|
رازى بولغان ۋە رازى بولۇنغان[6] ھالدا رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقىن،
|
28
|
بەندىلىرىمگە قوشۇلغىن
|
29
|
ۋە جەننىتىمگە كىرگىن.
|
30
|