بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

90-سۈرە بەلەد مەككەدە نازىل بولغان، 20 ئايەت

ئى مۇھەممەد! ئۇنداق ئەمەس[1]. بۇ شەھەر[2] بىلەن قەسەم قىلىمەن-
1




سەن بۇ شەھەردە بىر كۈنى خالىغىنىڭنى قىلىسەن[3]
2




ئاتا ۋە ئۇنىڭ بالىسى بىلەن قەسەم قىلىمەن،
3




شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى مۇشەققەت تارتىدىغان قىلىپ ياراتتۇق.
4




ئۇ ئۆزىگە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟
5




ئۇ: «مەن دۆۋە-دۆۋە مال تۈگەتتىم» دەيدۇ[4].
6




ئۇ ئۆزىنى ھېچكىمنىڭ كۆرمەيدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟
7




بىز ئۇنىڭغا ئىككى كۆز بەرمىدۇقمۇ؟
8




بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك بەرمىدۇقمۇ؟
9




ئۇنىڭغا ئىككى يولنى كۆرسەتتۇق.
10




شۇنداقتىمۇ ئۇ داۋاندىن ئاشمىدى.
11




داۋان نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
12




ئۇ قۇل ئازاد قىلىشتۇر
13




ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تائام بېرىشتۇر:
14




ئۆزىگە تۇغقان كېلىدىغان يېتىمگە،
15




ياكى توپىدا قالغان مىسكىنگە.
16




بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىمان ئېيتقان، سەۋرگە تەۋسىيە قىلىشقان ۋە مەرھەمەتكە تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر.
17




ئەنە شۇلار بەختلىك كىشىلەردۇر.
18




ئايەتلىرىمىزگە كافىر بولغانلار بولسا، شۇم كىشىلەردۇر.
19




ئۇلارنى ئوت قورشاپ تۇرىدۇ.
20