بِسْمِ اللهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ‎

91-سۈرە شەمس مەككەدە نازىل بولغان، 15 ئايەت

قۇياش ۋە ئۇنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن قەسەمكى،
1




قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى،
2




قۇياشنى ئاشكارا قىلغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى،
3




قۇياشنى يۆگىگەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى،
4




ئاسمان ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى،
5




زېمىن ۋە ئۇنى يايغان زات بىلەن قەسەمكى،
6




نەفس ۋە ئۇنى بېجىرىم قىلغان زات بىلەن قەسەمكى-
7




ئۇ زات نەفسكە فۇجۇرىنى[1] ۋە تەقۋالىقىنى ئىلھام قىلدى-،
8




نەفسىنى پاكلىغان كىشى ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ.
9




نەپسىنى بۇلغىغان كىشى ئەلۋەتتە زىيان تارتىدۇ.
10




سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن راستنى يالغان دېدى.
11




ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ بەتبەختى ئېتىلىپ چىقتى.
12




ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە ۋە ئۇنىڭ سۇ ئىچىش ھەققىگە چېقىلماڭلار!» دېدى.
13




لېكىن ئۇلار ئۇنى يالغانچى دېدى ۋە ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن رەببى ئۇلارغا گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازاب ئەۋەتتى ۋە ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى.
14




ئۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمايتتى.
15