ئىسلام دىنىغا ئائىت ماقال-تەمسىللەر
ئابرۇي ئالتۇندىن قىممەت.
ئاتا-ئانىنىڭ ھەققىنى تونۇش خۇدانىڭ پەرمانى.
ئاتاڭنىڭ مىراسىنى ئالاي دېسەڭ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىل.
ئادالەت - مەشئەل.
ئادالەتسىز شاھنىڭ دەۋرى قىسقا.
ئادالەت ئالدامچىنىڭ كۆزىنى ئويار.
ئادىل بولغان ئۇزاق ياشار.
ئادەم بۇ دۇنيانىڭ مېھمىنى.
ئادەم بولاي دېسەڭ بازارغىمۇ بار، مازارغىمۇ بار.
ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشى مۆجىزە، ياشىشى ھىكمەت، ۋاپاتى ئىبرەت.
ئازغا شۈكرى قىلساڭ، كۆپى كېلۇر.
ئازغا قانائەت قىلساڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولۇر.
ئاق تاماكا چەككەنلەر، دوزاخ ئىشىكىنى چەككەنلەر.
«ئال» دېسە ئەئۇزۇبىللاھ، «بەر» دېسە ئەستەغفۇرۇللاھ.
ئاللاھ دېگەن بەندىسىگە، تاشلاپ بېرەر مەھەللىسىگە.
ئالىم زالىم بىلەن چىقىشالماس، ھاراقكەش قارىم بىلەن.
ئامانەتكە خىيانەت قىلغاننىڭ ئىمانى بولماس.
ئانا رازى، خۇدا رازى؛ مۇھەممەد مۇستاپا رازى.
ئانىسنى تونۇمىغان، ئاللاھنى تونۇماس.
ئايەتتە شەك يوق.
ئەل قارغىشى مىنەلھەق.
بالاڭدىن رازى بولاي دېسەڭ، ئاتا-ئاناڭنى رازى قىل.
بۇ دۇنيانىڭ ئىشنى ئاخىرەتكە قالدۇرما.
بىچارىنىڭ بېشنى سىلىساڭ چىققان دۆڭىڭ ئېگىز بولغاي.
تىكەندىن گۈل، ھەرىدىن ھەسەل ياراتقان خۇدايىم.
خۇدا ئۇرغاننى يۆلىگىلى بولماس.
خۇراپات ھۆكۈم سۈرگەن يەردە ھاياتنىڭ قىممىتى بولماس.
خۇراپاتلىق تەڭرىگە تۆھمەت، بەندىگە زۇلمەت.
دورىسى تېۋىپتىن، شىپالىقى ئاللاھتىن.
سەدىقىنى ئوڭ قولدا بەر، سول قول سەزمىسۇن.
قەلبىڭدە ئېتىقاد بولسا، بالىلىرىڭ پاك بولۇپ يېتىلەر.
كۆپ يېگەن ئادەم ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تاپالماس.
مىڭ تىللانى پارا بەرگەندىن، بىر تىللانى سەدىقە قىل.
ئىككى پۇت بىلەن ئىككى كالپۇك ئارىسىدىكى ئەزالىرىڭدىن ھەزەر ئەيلە ۋە پاك تۇت.
ئىمانسىز - رەھىمسىز، بىلىمسىز، قىلىقسىز.
ئىمانىڭ بولمىسا ئىناۋىتىڭ بولماس،
ئاخىرەت ئۈچۈن مەسچىت سال، بۇ دۇنيالىق ئۈچۈن مەكتەپ سال.
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل، مىڭ يىل ياشايدىغاندەك ئوقەت قىل ،
ئەجىر قىل، دەرياغا سال، بېلىق كېلۇر، بېلىق بىلمىسە ئاللاھ بىلۇر.
ئەقىدە بىلمىگەن نادان شەيتانغا ئەلدۇر، ئەگەر مىڭ يىل ئىبادەت قىلسىمۇ يەلدۇر.
تەۋبىنى ئۈنلۈك دېگىن، دېمىگەنلەر دېسۇن، شۈكرىنى ئىچىڭدە دە، يېمىگەنلەر يېسۇن.
خۇدا بەرگەن ئىناۋەت قىيامەتكىچە، خەلق بەرگەن ئىناۋەت ئەجەل يەتكىچە.
خۇدا بەندىسىگە دىتنى قوشۇپ بەرمىسە، ئۆزىگىمۇ دەرد ئىكەن ، باشقىلارغا دەرد ئېسە.
زاكاتسىزنىڭ پۇلىنى، يىرتقۇچ يەپتۇ مېلىنى، مەرد سېخىنىڭ مېلىنى، ئاللاھ ساقلار جېنىنى.
زەرگەر قىلغان زەنجىرنى ئۈزۈپ بولماس، ئاللاھ پۈتكەن تەقدىرنى بۇزۇپ بولماس.
ئىلاھا قورقىمەن ئۈچ نەرسىدىن: بىرى نەستىن، بىر مەستىن، يەنە بىرى مۆرىمەستىن.
ئىنساپ بار يەردە ئىمان بار، ئىمان بار يەردە بەرىكەت بار.
(رەتلىگۈچى: ئىمىر مۇھەممەد، ئاقسۇ شەھرىدىن؛ تەھرىرلىگۈچى: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد؛ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2012-يىللىق 1-سان، 56-بەت)