تەكاسۇر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەتمەنىسى: پەخىرلىنىش. ئاتىلىش سەۋەبى: مال-دۇنيا، پەرزەنتتىن پەخىرلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلغان
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلْهَاكُمُ التَّكَاثُرُ
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
(ئى ئىنسانلار!) بايلىق ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى ئۆلۈپ قەبرىگە كۆمۈلگىچە غەپلەتتە قالدۇردى [1ـ2].
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 2-ئايەت)حَتَّىٰ زُرْتُمُ الْمَقَابِرَ
تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى
(ئى ئىنسانلار!) بايلىق ۋە پەرزەنتلەرنىڭ كۆپلىكى بىلەن پەخىرلىنىش سىلەرنى ئۆلۈپ قەبرىگە كۆمۈلگىچە غەپلەتتە قالدۇردى [1ـ2].
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 3-ئايەت)كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار، (بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر [3].
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 4-ئايەت)ثُمَّ كَلَّا سَوْفَ تَعْلَمُونَ
ئاندىن راستتىنلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
يەنە دەپ قوياي، سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار، كەلگۈسىدە بىلىپ قالىسىلەر [4].
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 5-ئايەت)كَلَّا لَوْ تَعْلَمُونَ عِلْمَ الْيَقِينِ
ئەگەر سىلەر راستتىنلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)
ھەقىقەت شۇكى، ئەگەر سىلەر راستىنلا بىلگەن بولساڭلار (غەپلەتتە قالماس ئىدىڭلار) [5].
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 6-ئايەت)لَتَرَوُنَّ الْجَحِيمَ
سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر
سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر [6].
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 7-ئايەت)ثُمَّ لَتَرَوُنَّهَا عَيْنَ الْيَقِينِ
ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر
كۆرگەندىمۇ چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر [7].
-
(102-سۈرە تەكاسۇر، 8-ئايەت)ثُمَّ لَتُسْأَلُنَّ يَوْمَئِذٍ عَنِ النَّعِيمِ
ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر
ئاندىن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن نېمەتلەر توغرۇلۇق بۇ كۈندە سوراققا تارتىلىسىلەر[8].