فىل سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەت
مەنىسى: پىل. ئاتىلىش سەۋەبى: «كەئبە شەرىف»نى ۋەيران قىلىش قەستىدە قوشۇن باشلاپ كەلگەن پىل ئىگىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى سۆزلەنگەن
  1. (105-سۈرە فىل، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ تَرَ كَيْفَ فَعَلَ رَبُّكَ بِأَصْحَابِ الْفِيلِ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ فىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ پىللىق قوشۇننى قانداق (ھالاك) قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ [1].

  2. (105-سۈرە فىل، 2-ئايەت)
    أَلَمْ يَجْعَلْ كَيْدَهُمْ فِي تَضْلِيلٍ
    ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟

    پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟ [2].

  3. (105-سۈرە فىل، 3-ئايەت)
    وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ
    ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى

    پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ئاتىدىغان توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتتپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى [3-5].

  4. (105-سۈرە فىل، 4-ئايەت)
    تَرْمِيهِمْ بِحِجَارَةٍ مِنْ سِجِّيلٍ
    قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ

    پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ئاتىدىغان توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتتپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى [3-5].

  5. (105-سۈرە فىل، 5-ئايەت)
    فَجَعَلَهُمْ كَعَصْفٍ مَأْكُولٍ
    ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى

    پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ئاتىدىغان توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتتپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى [3-5].