قۇرەيش سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 4 ئايەت
مەنىسى: قەبىلە نامى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ قۇرەيشكە ئاتا قىلغان نېمەتلىرى ئەسلىتىلگەن
  1. (106-سۈرە قۇرەيش، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لِإِيلَافِ قُرَيْشٍ
    قۇرەيش قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن

    قۇرەيش قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاچارچىلىق ۋاقتىدا ئۆزلىرىنى ئوزۇقلاندۇرغان ۋە خەۋپ-خەتەردىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆينىڭ (كەئبەنىڭ) پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇن [1ـ4].

  2. (106-سۈرە قۇرەيش، 2-ئايەت)
    إِيلَافِهِمْ رِحْلَةَ الشِّتَاءِ وَالصَّيْفِ
    ئۇلار قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن

    قۇرەيش قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاچارچىلىق ۋاقتىدا ئۆزلىرىنى ئوزۇقلاندۇرغان ۋە خەۋپ-خەتەردىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆينىڭ (كەئبەنىڭ) پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇن [1ـ4].

  3. (106-سۈرە قۇرەيش، 3-ئايەت)
    فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَٰذَا الْبَيْتِ
    بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇ ئۇلارنى ئاچلىقتا ئوزۇقلاندۇردى، ئۇلارنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلدى

    قۇرەيش قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاچارچىلىق ۋاقتىدا ئۆزلىرىنى ئوزۇقلاندۇرغان ۋە خەۋپ-خەتەردىن خاتىرجەم قىلغان بۇ ئۆينىڭ (كەئبەنىڭ) پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇن [1ـ4].

  4. (106-سۈرە قۇرەيش، 4-ئايەت)
    الَّذِي أَطْعَمَهُمْ مِنْ جُوعٍ وَآمَنَهُمْ مِنْ خَوْفٍ