كەۋسەر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 3 ئايەتمەنىسى: ھەۋزى كەۋسەر. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھقا ھەۋزى كەۋسەر ئاتا قىلىنغانلىقى سۆزلەنگەن
-
(108-سۈرە كەۋسەر، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَعْطَيْنَاكَ الْكَوْثَرَ
بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق [1].
-
(108-سۈرە كەۋسەر، 2-ئايەت)فَصَلِّ لِرَبِّكَ وَانْحَرْ
پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن
شۇڭا سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن [2].
-
(108-سۈرە كەۋسەر، 3-ئايەت)إِنَّ شَانِئَكَ هُوَ الْأَبْتَرُ
ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام ـ نىشانى قالمايدۇ
(مۇھەممەدنىڭ ئوغلى ئۆلۈپ، ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى دەپ) ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشىلا ھەقىقىي نەسلى قۇرۇپ كېتىدىغان كىشىدۇر [3].