كافىرۇن سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 6 ئايەتمەنىسى: كاپىرلار. ئاتىلىش سەۋەبى: كۇپپارلار رەسۇلۇللاھتىن، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا بىر يىل، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىلاھىغا بىر يىل ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا رەدىيە سۈپىتىدە نازىل بولغان
-
(109-سۈرە كافىرۇن، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ
(ئى مۇھەممەد! سېنى بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۈندىگۈچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى كاپىرلار!
ئېيتقىنكى: «ئى كاپىرلار!
-
(109-سۈرە كافىرۇن، 2-ئايەت)لَا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا مەن چوقۇنمايمەن
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە مەن ئىبادەت قىلمايمەن
-
(109-سۈرە كافىرۇن، 3-ئايەت)وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر
-
(109-سۈرە كافىرۇن، 4-ئايەت)وَلَا أَنَا عَابِدٌ مَا عَبَدْتُمْ
سىلەر چوقۇنغان بۇتلارغا مېنىڭ چوقۇنغىنىم يوق
سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەرگە مەن ئىبادەت قىلمايمەن
-
(109-سۈرە كافىرۇن، 5-ئايەت)وَلَا أَنْتُمْ عَابِدُونَ مَا أَعْبُدُ
سىلەرنىڭمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىڭلار يوق
سىلەرمۇ مەن ئىبادەت قىلغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلمايسىلەر
-
(109-سۈرە كافىرۇن، 6-ئايەت)لَكُمْ دِينُكُمْ وَلِيَ دِينِ
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈن»
سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ دىنىممۇ ئۆزۈم ئۈچۈندۇر»