مەسەد سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەت
مەنىسى: چىگە. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەبۇ لەھەبنىڭ سۇخەنچى خوتۇنىنىڭ بوينىدا چىگىدىن ئېشىلگەن ئارغامچا بولدىغانلىقى سۆزلەنگەن
  1. (111-سۈرە مەسەد، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ
    ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلدە) قۇرۇپ كەتتى

    ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇپ كەتسۇن! (ئەمەلىيەتتە) قۇرۇپ كەتتى [1].

  2. (111-سۈرە مەسەد، 2-ئايەت)
    مَا أَغْنَىٰ عَنْهُ مَالُهُ وَمَا كَسَبَ
    ئۇنىڭغا مال ـ مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى

    ئۇنىڭغا مال-مۈلكى ۋە ئېرىشكەن نەرسىلىرى (بالىلىرى) ئەسقاتمىدى [2].

  3. (111-سۈرە مەسەد، 3-ئايەت)
    سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ
    ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ

    ئۇ ئۇزاققا قالماي لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئوتىغا كىرىدۇ [3].

  4. (111-سۈرە مەسەد، 4-ئايەت)
    وَامْرَأَتُهُ حَمَّالَةَ الْحَطَبِ
    ئۇنىڭ ئوتۇن توشۇغۇچى (يەنى سۇخەنچى) خوتۇنىمۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ

    ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بويىنىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان شۇ ئوتقا) كىرىدۇ [4-5].

  5. (111-سۈرە مەسەد، 5-ئايەت)
    فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِنْ مَسَدٍ
    ئۇنىڭ بوينىدا مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بولىدۇ

    ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ مەھكەم ئېشىلگەن ئارغامچا بىلەن ئوتۇننى بويىنىغا باغلاپ يۈدۈگەن ھالدا (لاۋۇلداپ تۇرغان شۇ ئوتقا) كىرىدۇ [4-5].