شۇئەرا سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 227 ئايەتمەنىسى: شائىرلار. ئاتىلىش سەۋەبى: شائىرلار ھەققىدە بايانلار بار (225~227-ئايەتلەر)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ طسم
تا، سىم، مىم — مۇھەممەد سالىھ
تا، سىيم، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى
تا، سىن، مىم. — ئەنەس ئالىم
تا، سىن، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ الْمُبِينِ
بۇ، روشەن كىتاب (يەنى قۇرئان) ئايەتلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
بۇ، روشەن كىتاب-قۇرئان- ئايەتلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇلار روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنكارچىلار! ئەلچىمىز مۇھەممەد سىلەرگە يەتكۈزگەن ۋە سىلەر ئىنكار قىلغان سۆزلەر بىزنىڭ روشەن كىتابىمىزنىڭ ئايەتلىرىدۇر؛ ئايەتلەر ئۆزىنىڭ ھەر جەھەتتىن مۆجىزىلىكى بىلەن قۇرئاننىڭ بىزنىڭ كىتابىمىز، مۇھەممەدنىڭ بىزنىڭ ئەلچىمىز ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ۋە غايەت ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ أَلَّا يَكُونُوا مُؤْمِنِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ مۇئمىن بولمىغانلىقىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىنى بەك ئارزۇ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئىمان كەلتۈرمىسە تولا ئېچىنىپ، دائىم ھەسرەت چېكىپ ۋە ھەددىدىن ئارتۇق ئەپسسۇسلىنىپ ئۆزۈڭنى نابۇت قىلىۋېتىشكە يېقىنلاشتىڭ! ئۇنداق قىلمىغىن، ئۆزۈڭنى ئايىغىن، قەۋمىڭنىڭ تەرسالىق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمەسلىكىگە قايغۇرۇۋەرسەڭ ئۆزۈڭنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولىسەن، بۇنىڭدىن ساقلانغىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قەۋمىنىڭ تەرسالىق قىلىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە بەك ئەپسۇسلىناتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەپسۇسلىنىشى ئۇنىڭغا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن زىيان يەتكۈزگەن، ئۇنىڭ بۇ ئەپسۇسلىنىشى بۇنداق كېتىۋەرسە ئۇنى نابۇت قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە قېتىم ۋەھىي نازىل قىلىپ ئۇنىڭغا ۋەزىپىسىنى ئەسلەتكەن، ئۇنى بۇ ئېچىنىشتىن توسقان ۋە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەن. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ نَشَأْ نُنَزِّلْ عَلَيْهِمْ مِنَ السَّمَاءِ آيَةً فَظَلَّتْ أَعْنَاقُهُمْ لَهَا خَاضِعِينَ
ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتىشىنى) خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن (ئۇلارنى ئىمانغا مەجبۇرلايدىغان) بىر ئايەتنى (ئالامەتنى) نازىل قىلاتتۇق - تە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىز خالايدىغان بولساق، ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئايەتنى نازىل قىلاتتۇقتە، ئۇنىڭغا ئۇلار باش ئەگكەن بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر خالىساق ئۇلارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرىمىز - دە، بويۇنلىرى ئۇنىڭغا دەرھال ئېگىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار ئىمان كەلتۈرمىسە قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۆزۈڭنى خەتەرگە ئاتمىغىن. بىز ئەگەر خالىساق ئۇ تەرسالارغا ئاسماندىن بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈپ ئىمانغا زورلايمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال ئىمان كەلتۈرىدۇ. لېكىن بىز ئۇنداق قىلمايمىز، چۈنكى بىز ئىماننىڭ مەجبۇرىي ئەمەس ئەكسىچە ئىختىيارىي بولۇشىنى، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىشىنى، ئىنكار قىلغانلارنىڭ جازالىنىشىنى ئىرادە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ ذِكْرٍ مِنَ الرَّحْمَٰنِ مُحْدَثٍ إِلَّا كَانُوا عَنْهُ مُعْرِضِينَ
ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن قۇرئاندىن يېڭىدىن بىرنەرسە نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار رەھماندىن كەلگەن ھەر يېڭى زىكىردىن يۈز ئۆرۈيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ساڭا قارشى چىقىۋاتقان بۇ مۇشرىكلار چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھ رەھمەت قىلىپ نازىل قىلغان، ئەلچىسى ئارقىلىق يەتكۈزگەن ۋە ئۆزلىرىگە بەخت - سائادەت يولىنى كۆرسىتىدىغان ھەر يېڭى ئايەتتىن يۈز ئۆرۈپ كەلدى؛ قۇلاق سالمىدى ۋە چۈشىنىشكە ئىنتىلمىدى. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا قۇرئان ئايەتلىرىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يادلىشى، يەتكۈزۈشى ۋە ئىجرا قىلىشى، ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى ئاسان بولسۇن دەپ تەدرىجىي نازىل قىلغان. تەرسا مۇشرىكلار (ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى) ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىگە رەھمەت سۈپىتىدە نازىل قىلغان ھەر يېڭى ئايىتىگە قۇلاق سالمىغان، زەن قويمىغان ۋە ئۇنى چۈشىنىكە ئىنتىلمىگەن، ھەتتا مەسخىرە قىلغان ۋە قارشى چىققان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقَدْ كَذَّبُوا فَسَيَأْتِيهِمْ أَنْبَاءُ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
ئۇلار راستتىنلا (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى (يەنى ئاقىۋىتى) ئۇلارغا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار راستتىنلا ئىنكار قىلدى، مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى ئۇلارغا پات-يېقىندا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە راستنى يالغان دېيىشتى. ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى يېقىندا ئۇلارغا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەر قېتىم كەلگەن يېڭى ئايەتتىن يۈز ئۆرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇ ئايەتنى ئىنكارمۇ قىلدى، ئۇنىڭغا قارشىمۇ چىقتى. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ پەرۋاسىزلىق، بويۇنتاۋلىق ۋە قارشىلىق قىلىشلىرىغا سەۋر قىلغىن، ئۇلار ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازابقا يېقىندا دۇچار بولىدۇ؛ بۇ دۇنيادا مەغلۇپ بولىدۇ، باتىل نىزامى ئاغدۇرۇلىدۇ، ئۇ دۇنيادا مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَمْ يَرَوْا إِلَى الْأَرْضِ كَمْ أَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
ئۇلار زېمىننى (يەنى زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى) كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار زېمىننى كۈزەتمىدىمۇ؟ زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار زېمىنغا قارىمىدىمۇ؟ بىز ئۇنىڭدا نۇرغۇن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار كۇفرىلىقتا قانداقمۇ ئەزۋەيلەيدۇ؟! بىزنىڭ ئەلچىمىزگە قانداقمۇ قارشى چىقىدۇ؟!! ئۇلار زېمىنغا قاراپ بىز ئۇنىڭدا ئۈندۈرگەن تۈرلۈك - تۈمەن پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرمىدىمۇ؟؛ يېتىشكەن خىلمۇخىل زىرائەتلەرنى، مېۋىلىرىنىڭ شەكلى ۋە تەمى پەرقلىق دەرەخلەرنى كۆرمىدىمۇ؟! ئۇلار ناۋادا ئۆزلىرى دەسسەپ تۇرغان زېمىنغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىغان بولسا، ئەنە شۇ زىرائەت ۋە دەرەخلەرنى كۆرەتتى، شۇنداقلا تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئالامەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، زېمىندىن ئەنە شۇ ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ ئۇلاردىن ئاشلىق، مايلىق دان، كۆكتات ۋە مېۋە... قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، رەھمىتى چەكسىز، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە چوقۇم دەلىل بار. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇلارغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىمىدى، نەتىجىدە ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا كۇفرىلىق، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە ۋە زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. ئاللاھ تائالا 1 ~ 9 ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، تەرسا كافىرلار ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرماسلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدۇ، كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 11 ~ 191 - ئايەتلەردە بىرقانچە پەيغەمبەر (مۇسا، ئىبراھىم، نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيسسالاملار)نىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ نَادَىٰ رَبُّكَ مُوسَىٰ أَنِ ائْتِ الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا نىدا قىلدى: «سەن زالىم قەۋمگە بارغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ مۇساغا مۇنداق نىدا قىلدى: «زالىم قەۋمنىڭ يېنىغا بارغىن، — ئەنەس ئالىم
(10-11) ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇسانىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: ئۆز ۋاقتىدا مۇسا مەديەندىن مىسىرغا قايتىشىدا «تۇۋا ۋادىسى»غا كەلگەن چېغىدا، بىز ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئۇنى پەيغەمبەر قىلغانلىقىمىزنى ئېيتقان، ئۇنىڭغا ھاسىسى بىلەن ئوڭ قولىنى ئىككى چوڭ مۆجىزە قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلغان ئىدۇق: «ئى مۇسا! كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە، بەنى ئىسرائىلنى ئاسارەتتە تۇتۇش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلغان زالىم قەۋمنىڭ يېنىغا، يەنى زومىگەر فىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى يېنىغا بارغىن، چۈنكى ئۇلار بەك ھەددىدىن ئاشتى؛ كۇفرىلىق ۋە زالىملىقتا ئەزۋەيلىدى، توغرا يولدىن بەك يىراقلاپ كەتتى. ئۇلار زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارنى توغرا يولغا چىرايلىقچە دەۋەت قىلغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَوْمَ فِرْعَوْنَ ۚ أَلَا يَتَّقُونَ
(ئۇلار) پىرئەۋننىڭ قەۋمىدۇر، ئۇلار (ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن) قورقمامدۇ؟» — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋننىڭ قەۋمىگە، ئۇلار قورقمامدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
يەنى فىرئەۋننىڭ قەۋمىنىڭ يېنىغا بارغىن. ئۇلار تەقۋادار بولمامدۇ؟» — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ رَبِّ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُكَذِّبُونِ
مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئېيتتى: «رەببىم! مەن ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا مۇنداق دېدى: «رەببىم! ئۇلارنىڭ مېنى ‹يالغانچى› دېيىشىدىن قورقىمەن. — ئەنەس ئالىم
(12-14) مۇسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ مۇنداق دېدى: «رەببىم! فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن قورقىمەن. يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم راۋان بولمايدۇ. شۇڭا رەببىم! كۆكسۈمنى كەڭ، ئىشىمنى ئاسان، تىلىمنى راۋان قىلغىن، قېرىندىشىم ھارۇننى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بەرگىن، ئىككىمىز بىرلىكتە بۇ ۋەزىپىنى لايىقىدا ئادا قىلايلى، يارەب! مەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىم، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا بۇ گۇناھىممۇ بار. بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن، شۇڭا قېرىندىشىم ھارۇنمۇ پەيغەمبەر بولسا مېنى تەستىقلايدۇ، قوللايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئوبدان بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تىلى مېنىڭكىدىن راۋان». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَضِيقُ صَدْرِي وَلَا يَنْطَلِقُ لِسَانِي فَأَرْسِلْ إِلَىٰ هَارُونَ
(ئۇلارنىڭ مېنى ئىنكار قىلىشىدىن) يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا (ماڭا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن) ھارۇننى (پەيغەمبەر) قىلىپ ئەۋەتكىن — مۇھەممەد سالىھ
يۈرىكىم سىقىلىۋاتىدۇ، تىلىم كېكەچ، شۇڭا ھارۇننى -پەيغەمبەر- قىلىپ ئەۋەتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى
يۈرىكىم سىقىلىدۇ، تىلىم راۋان بولمايدۇ. شۇڭا ھارۇنغىمۇ ئەلچىلىك بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَهُمْ عَلَيَّ ذَنْبٌ فَأَخَافُ أَنْ يَقْتُلُونِ
(ئۇلارنىڭ دەۋاسىچە) ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇناھىم بار، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھىممۇ بار. شۇڭا ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ كَلَّا ۖ فَاذْهَبَا بِآيَاتِنَا ۖ إِنَّا مَعَكُمْ مُسْتَمِعُونَ
ئاللاھ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى سېنى ئۇلار ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيدۇ)، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (مۇنازىرەڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئېيتتى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەر مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئاڭلاپ تۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ھەرگىز قورقمىغىن! ئىككىڭلار ئايەتلىرىمىزنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز سىلەر بىلەن بىللىدۇرمىز، ئاڭلاپ تۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم
(15-17) بىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «ھەرگىزمۇ قورقمىغىن! تىلىگەنلىرىڭنى ساڭا بېرىمىز: تىلىڭنى راۋان قىلىمىز، قېرىندىشىڭ ھارۇننىمۇ پەيغەمبەر قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سېنىڭ كۈچۈڭنى ئارتتۇرىمىز، ئىككىڭلارغا كۈچلۈك دەلىل بېرىمىز. ئىككىڭلار مۆجىزلىرىمىزنى ئېلىپ فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، بۇيرۇقلىرىمىزنى ئىجرا قىلىشتا سۇسلۇق قىلماڭلار، بىز سىلەر بىلەن بىللىدۇرمىز، سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ ۋە ھەرىكىتىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز. بىز سېنىڭ رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرىدۇرمىز. بەنى ئىسرائىلنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن، ئۇلارنى قىينىمىغىن، توغرا يولنى قوبۇل قىلغان كىشى ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، رەت قىلغان كىشى ئازابقا يولۇقىدۇ›». شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېرىندىشى ھارۇن بىلەن بىللە فىرئەۋننىڭ يېنىغا باردى، فىرئەۋن ئۇلار كەلگەندە دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن سارىيىدا ئىدى، مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئاللاھ كۆرسەتكەن بويىچە ئۇلارنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلدى، ئۇ سورۇندا تۆۋەندىكى ئىشلار ۋە گەپ - سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى: مۇسا: «بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز. ئى فىرئەۋن! بىز سېنى ياراتقان، ياشاتقان ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز. بەنى ئىسرائىلنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن، ئۇلارنى قىينىمىغىن، بىز ساڭا رەببىڭ ئاللاھتىن مۆجىزە ئېلىپ كەلدۇق، سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھ بىزگە توغرا يولنى قوبۇل قىلغان كىشىنىڭ ئامانلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، رەت قىلغان كىشىنىڭ ئازابقا يولۇقىدىغانلىقى بىلدۈردى» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأْتِيَا فِرْعَوْنَ فَقُولَا إِنَّا رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئەلچىسىمىز — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر پىرئەۋنگە بېرىپ: «بىز ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز. — ئەنەس ئالىم
-
أَنْ أَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ
ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قۇللۇقۇڭدىن) بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن (شامغا) كەتسۇن دەڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئىسرائىل ئەۋلادىنى -قۇللۇقۇڭدىن- بوشاتقىن، ئۇلار بىز بىلەن كەتسۇن دەڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن›». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ أَلَمْ نُرَبِّكَ فِينَا وَلِيدًا وَلَبِثْتَ فِينَا مِنْ عُمُرِكَ سِنِينَ
(ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئەلچىلىكنى يەتكۈزدى)، پىرئەۋن (مۇساغا) ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيەلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرمىدىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن ئېيتتى: «سېنى بىز ئۆيىمىزدە كىچىكىڭدىن تەربىيلەپ چوڭ قىلمىدۇقمۇ؟ ئارىمىزدىمۇ كۆپ يىللار تۇردۇڭ — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «بىز سېنى بالا چېغىڭدا ئارىمىزغا ئېلىپ تەربىيەلىمىدۇقمۇ؟ ئۆمرۈڭدىن يىللارنى ئارىمىزدا تۇرۇپ ئۆتكۈزدۈڭ، — ئەنەس ئالىم
(18-19) فىرئەۋن مۇسانى كۆرۈپ تونۇدى، سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلىشىنى ۋە ئۆزىگە بەنى ئىسرائىلنى ئاسارەتتە تۇتماسلىق توغرىسىدا تەلەپ قويۇشىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە تۇزكورلۇق قىلغانلىقى دەپ چۈشەندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز سېنى بالا چېغىڭدا ھىمايىمىزگە ئېلىپ باقمىدۇقمۇ؟ ساڭا يىللارچە ياخشىلىق قىلمىدۇقمۇ! سەن بۇ ياخشىلىقلىرىمىزغا مېنىڭ قەۋمىمدىن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بىلەن جاۋاب قايتۇردۇڭ، ئەمدىلىكتە كېلىپ ‹مەن پەيغەمبەر، بەنى ئىسرائىلنى قويۇۋەتكىن› دەۋاتىسەن، سەن ھەقىقەتەن تۇزكور ئادەمسەن!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَفَعَلْتَ فَعْلَتَكَ الَّتِي فَعَلْتَ وَأَنْتَ مِنَ الْكَافِرِينَ
سەن ھېلىقى قىلغان ئىشىڭنى قىلمىدىڭمۇ؟ (يەنى قىبتىنى ئۆلتۈرمىدىڭمۇ؟) سەن تۇزكورلاردىنسەن» — مۇھەممەد سالىھ
ۋە ئاخىرىدا سەن قىلغان ھېلىقى يامان ئىشچۇ؟ سەن تۇزكورلاردىنسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
قىلغان ھېلىقى قىلمىشىڭنى قىلدىڭ. سەن تۇزكورلاردىنسەن!». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ فَعَلْتُهَا إِذًا وَأَنَا مِنَ الضَّالِّينَ
مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا نادانلاردىن ئىدىم — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا ئېيتتى: «مەن ئۇ ئىشنى قىلغان چېغىمدا گۇمراھلاردىن ئىدىم. — ئەنەس ئالىم
(20-22) مۇسا فىرئەۋنگە جاۋاب بېرىپ ئېيتتى: «مەن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن چېغىمدا پەيغەمبەر ئەمەس ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر مۇشت ئېتىش بىلەن ئۇنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى ئويلىمىغان، بىلمەيتتىم، مەن ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرمىدىم. مەن ئۇ ئىشنى پەيغەمبەر ئەمەس چېغىمدا ۋە سەۋەنلىك بىلەن قىلىپ سالغاندىن كېيىن، سىلەرنىڭ يامانلىقىڭلاردىن قورقۇپ قاچتىم، ئاندىن قاچقان يېرىمدىن بۇ يەرگە قايتىشىمدا ئاللاھ ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدى ۋە مېنى ئەلچىلىرىدىن قىلدى. ئى فىرئەۋن! سېنىڭ ماڭا ‹كېچىكىڭدە باقتۇق› دەپ مىننىتىنى قىلغان ياخشىلىقىڭغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئەسلىي سەۋەبى سېنىڭ بەنى ئىسرائىلنى قۇل قىلىشىڭدۇر؛ سەن مېنىڭ مىللىتىم بولغان بەنى ئىسرائىلنى قۇل قىلمىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرمىگەن بولساڭ، ئانام مېنى سېنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭدىن قورقۇپ دېڭىزغا تاشلىمىغان، مەن ئېقىپ سېنىڭ سارىيىڭنىڭ يېنىغا كەلمىگەن، سېنىڭ ئادەملىرىڭ مېنى دېڭىز بويىدا ئۇچرىتىپ سېنىڭ سارىيىڭغا ئېلىپ كەلمىگەن بولاتتى، نەتىجىدە سەن مېنى باقمىغان بولاتتىڭ. مېنىڭ بىر ئادەمنى سەۋەنلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويۇشۇم ۋە سېنىڭ مېنى كىچىكىمدە بېقىپ چوڭ قىلىشىڭ، ئاللاھنىڭ مېنى ئەلچىسى قىلىشقا توسالغۇ بولمىدى؛ ئاللاھ مېنى ئەلچىسى قىلدى ۋە ساڭا ئەۋەتتى. ھازىر مەن ساڭا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەلدىم، سېنى كۇفرىلق ۋە زومىگەرلىكتىن يېنىشقا، بەنى ئسرائىلنى قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلىمەن.». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَفَرَرْتُ مِنْكُمْ لَمَّا خِفْتُكُمْ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكْمًا وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُرْسَلِينَ
سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، پەرۋەردىگارىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مېنى پەيغەمبەر قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
سىلەردىن قورقۇپ، سىلەردىن قاچتىم، مانا ئەمەدى رەببىم ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى ۋە مېنى پەيغەمبەرلەردىن قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەردىن قاچتىم، چۈنكى سىلەردىن قورققان ئىدىم. رەببىم ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلدى ۋە مېنى ئەلچىلىرىدىن قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَتِلْكَ نِعْمَةٌ تَمُنُّهَا عَلَيَّ أَنْ عَبَّدْتَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلدىڭ، سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان نېمىتىڭ ئەنە شۇدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ ماڭا مىننەت قىلغان ئۇ نېمىتىڭ» سېنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشىڭدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سېنىڭ ماڭا مىننىتىنى قىلغان ياخشىلىقىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشىڭدىن بولغان». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ فِرْعَوْنُ وَمَا رَبُّ الْعَالَمِينَ
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمە؟» — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەققانىي سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە دېيەلمەي، گەپنىڭ مەزمۇنىنى باشقا تەرەپكە يۆتكىدى ۋە: «بايا سەن ‹بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز› دېدىڭ، خوش! ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟» دېدى. فىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئۆزىگە چوقۇندۇرۇپ كەلگەن زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ خۇپسەنلىك قىلاتتى؛ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسى، ئالەملەرنىڭ رەببىگە چوقۇنۇڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار» دېگەن مەنىدىكى چاقىرىقىغا، «بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنى بىلمەيمىز، ئۇ كىم؟» دەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تۈپتىن رەت قىلاتتى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مىسىر ئاھالىسى ئىچىدىكى روھانىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ساقلاپ قېىلىشقا تىرىشاتتى، چۈنكى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئالەملەرنىڭ رەببىگە چوقۇنىڭلار» دېگەن مەنىدىكى سۆزى، «ئۆزىنى يەر يۈزىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مىسىرنىڭ ئىگىسى دەۋالغان بۇ فىرئەۋن چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەس، چوقۇنۇشقا ئاسمان - زېمىن ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا لايىق» دېگەن بولاتتى، فىرئەۋن بۇنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ
مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئېيتتى: «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا: «بىزنىڭ رەببىمىز ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. بىزنىڭ رەببىمىز ھەر نەرسىنى ئايرىم شەكىل ۋە پەرقلىق خۇسۇسىيەت بىلەن ياراتقان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەن زاتتۇر. ئەگەر بۇ ھەقىقەتكە جەزمەن ئىشەنگەن كىشىلەر بولغان بولساڭلار توغرا يولدا بولاتتىڭلار؛ ئى فىرئەۋن! سەن ئىلاھلىق دەۋاسى قىلمىغان بولاتتىڭ، ئى جانابلار! سىلەر ئۇنىڭغا چوقۇنمىغان بولاتتىڭلار» دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋننىڭ سوئالىنى تولۇق چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ «ئالەملەرنىڭ رەببى كىم؟» دېگەن سوئالىغا ئاللاھ تائالانى تونۇتۇش بىلەن جاۋاب بەرگەن، جاۋابنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى يۈزىگە سالغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ لِمَنْ حَوْلَهُ أَلَا تَسْتَمِعُونَ
پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «(ئۇنىڭ جاۋابىنى) ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن مۇسانىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئەتراپىدىكى ئادەملىرىگە مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا: «بۇ نېمە دەۋاتىدۇ، ئاڭلاۋاتامسىلەر؟ سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى دەۋا قىلىۋاتىدۇغۇ بۇ؟!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئيتتى: «ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ رەببىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا فىرئەۋننىڭ پوپوزىسى ۋە يامان سۆزىگە پەرۋا قىلماستىن جاۋابىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئالەملەرنىڭ رەببى سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ الَّذِي أُرْسِلَ إِلَيْكُمْ لَمَجْنُونٌ
پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەن (بۇ) ئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر» — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە ئەۋەتىلگەنئەلچى ئەلۋەتتە مەجنۇندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن: «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ ئەلچىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرنى مۇساغا قارشى كۈشكۈرتۈپ، «ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن سىلەرگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدۇر، ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەمدۇر، چۈنكى بۇنىڭچە مىسىر خەلقىنىڭ مەندىن باشقا رەببى بارمىش» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْقِلُونَ
مۇسا ئېيتتى: «(ئۇ) مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر سىلەر چۈشىنىدىغان بولساڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭمۇ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا يەنە جاۋابىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئالەملەرنىڭ رەببى مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭمۇ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلار ۋە ئالەملەرنىڭ رەببىگە چوقۇنۇڭلار. چۈنكى ھەر كۈنى قۇياشنى چىقىرىش، قۇياشنى ھاۋا بوشلۇقىدا شەرقتىن غەربكە ماڭدۇرۇش ۋە پاتۇرۇش ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىگە، شۇنداقلا يەكە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. سىلەر قۇياشنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى باشقۇرۇۋاتقان ئاللاھقا چوقۇنۇشنى تەرك ئەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئەسلىدە ئەقلىدىن ئازغانلار سىلەردۇرسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ لَئِنِ اتَّخَذْتَ إِلَٰهًا غَيْرِي لَأَجْعَلَنَّكَ مِنَ الْمَسْجُونِينَ
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن» — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر مەندىن غەيرىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن: «ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن» دېدى[1]. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن مۇسانىڭ ھېچبىر سۆزىگە جاۋاب بېرەلمىدى ۋە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، شۇڭلاشقا ئۇ بۇ قېتىم مۇسا بىلەن سۆزلىشىشنى قويۇپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سىياسىي كۈچى بىلەن تەھدىت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەيۋە كۆرسەتتى؛ دېدىكى: «ئى مۇسا! ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن؛ ساڭا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سېنى زىنداندا ياتقۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن». مۇستەبىتلەر ئەنە شۇ فىرئەۋنگە ئوخشاشتۇر؛ دەلىلگە دەلىل بىلەن جاۋاب بېرىلمىگەندە پوپوزا قىلىشقا باشلايدۇ، ھەققانىي سۆز ئالدىدا زۇۋانى تۇتۇلغاندا سۆزلىگۈچىنى تەھدىت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھاقارەت ۋە ئەزىيەت قىلىدۇ، ھەتتا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ھەقىقەتچىنى يوقتىش بىلەن ھەقىقەتنى يوق قىلىپ، ئۆزىنىڭ باتىل نىزامىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ، لېكىن ھەقىقەتنىڭ ئەسلىي ئىگىسى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھنى ئۇنتۇيدۇ. نەتىجىدە ھەقىقەت ھاكىم بولىدۇ، باتىل يوق بولىدۇ، باتىل تەرەپدارى ھالاك بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكَ بِشَيْءٍ مُبِينٍ
مۇسا ئېيتتى: «(مېنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ (زىندانغا تاشلامسەن؟)» — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئېيتتى: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا : «روشەن دەلىل كەلتۈرسەممۇ شۇنداق قىلامسەن؟ مۆجىزە كۆرسەتسەممۇ مېنى زىندانغا تاشلامسەن؟» دېدى ۋە ئۆزى ئەسلىي پەيغەمبەر، قېرىندىشى ھارۇن ياردەمچى پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ فَأْتِ بِهِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر سۆزۈڭ راست بولسا روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن» — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن ئېيتتى: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، روشەن دەلىلىڭنى كەلتۈرگىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن: «قېنى دەلىلىڭنى ئوتتۇرىغا قويغىن، ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ!» دېدى. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن: «ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، قېنى دەلىلىڭنى ئوتتۇرىغا قويغىن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئوپئوچۇق ئەجدىھاغا ئايلاندى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن مۇسا دەرھال ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى — ئەنەس ئالىم
(32-33) شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. ئۇ بىردىنلا ھەقىقىي چوڭ يىلانغا ئايلاندى، قولىنى چىقاردى - دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
مۇسا (قوينىدىن) قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقناپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا قولىنى چىقىرىۋىدى، ناگاھان ئۇ قارىغۇچىلارغا ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە قولىنى چىقاردى - دە، كۆرگۈچىلەرگە ئاپئاق كۆرۈندى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ لِلْمَلَإِ حَوْلَهُ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن چۆرىسىدىكى قەۋمنىڭ چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن چۆرىسىدىكى مەرتىۋىلىك كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن. — ئەنەس ئالىم
(34-35) فىرئەۋن مۇسانىڭ بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ، مۆجىزىلەرنىڭ ھەقىقەتلىكىگە، شۇنداقلا مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كۆڭلىدە ئىشەندى، لېكىن بۇ ئىشىنىشىنى ئېلان قىلسا سەلتەنىتى قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىنكار قىلدى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ زېھنىدىن مۆجىزىلەرنىڭ تەسىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ۋە ئۇلارنى مۇساغا قارشى كۈشكۈرتۈش ئۈچۈن، ئۇلارغا: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن. سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن سېھرى بىلەن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟» دېدى. فىرئەۋن ھەققانىي جاۋابلار ۋە روشەن ھەقىقەتلەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھېچكىمدىن سورىماي ھۆكۈم چىقىرىدىغان، قارار بېرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان دىكتاتور ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ، چۆرىسىدىكى ئادەملىرىدىن «نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟» دەپ مەسلىھەت ۋە ئىجازەت سورايدىغان ھالەتكە كەلگەن ئىدى. ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى ئايەتتە، مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە «شۈبھىسىزكى، بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن. بۇ سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى، نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟» دېگەن مەنىدىكى سۆزنى، فىرئەۋننىڭ ئۆز چۆرىسىدىكى ئەمەلدارلارغا ئېيتقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بۇ سۆزنى ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتقانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. دېمەككى، بۇ سۆزنى دەسلەپتە فىرئەۋن ئېيتقان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى ئەمەلدارلار ئۇنى تەستىقلاش ماھىيىتىدە تەكرارلىغان ياكى بۇ سۆزنى فىرئەۋن ئېيتقان، ئەمەلدارلار باشقىلارغا ئەينەن يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئالغان، شۇنداقلا فىرئەۋنگە يەتكۈزگەن. فىرئەۋننىڭ ئۇ سورۇندىكى ئادەملىرىمۇ مۆجىزىلەرنىڭ ھەقىقەتلىكىگە، شۇنداقلا مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كۆڭلىدە ئىشەنگەن ئىدى، لېكىن ئۇلارمۇ فىرئەۋننىڭ ھاكىمىيىتىدە ئېرىشكەن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەرتىۋىلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشنى ئەلا كۆرۈپ فىرئەۋنگە مۇنداق مەسلىھەت كۆرسەتتى: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن سېھرى بىلەن چىقىرىۋەتمەكچى. نېمىگە بۇيرۇيسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَابْعَثْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «مۇسانى ۋە قېرىندىشىنى تەخىر قىلغىن ۋە شەھەرلەرگە يىققۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنى ۋە قېرىندىشىنى نەزەربەند قىلغىن ۋە شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلار يوللىغىن. — ئەنەس ئالىم
(36-37) «مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كېچىكتۈرگىن، ئادەم يىغىپ كەلتۈرىدىغان خادىملارنى شەھەرلەرگە ئەۋەتكىن، ئۇلار ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ ھۇزۇرىڭغا ئېلىپ كەلسۇن، بۇ ئىككىسىگە دۆلىتىمىزنىڭ ئۇستا سېھىرگەرلىرى سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرسۇن، سېھىرگەرلىرىمىز بۇ ئىككىسىنى يېڭىۋېىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار رەسۋا بولۇپ بۇنداق گەپلەرنى ئىككىنچى ئېغىزلىرىغا ئالمايدىغان بولىدۇ». ئاندىن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن مۇسانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكى گەپ - سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى: فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى: «شۈبھىسىزكى، بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر، ئويدۇرۇلغان سېھىردۇر، بىز بۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىزدا بارلىقىنى ئاڭلىمىدۇق» دېدى. مۇسا: «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كەلگەن ھەق توغرۇلۇق مۇشۇنداق دەمسىلەر؟ بۇ سېھىرمۇ؟ سېھىرگەرلەر مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى. ئۇلار: «سەن بىزنى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدىن چىقىرىش ئۈچۈن ۋە قېرىندىشىڭ بىلەن ئىككىڭلار بۇ يەرنىڭ چوڭلىرى بولۇش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ بىز سەنلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى. مۇسا: «رەببىم، ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن ھىدايەتنى كىمنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ يۇرتنىڭ ياخشى ئاقىۋىتى كىمنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. زالىملار مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ» دېدى. فىرئەۋن ئۆز ئادەملىرىگە: «ئى جانابلار! سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مەن ئۈچۈن خۇمدانغا ئوت قالاپ خش پىشۇرغىن. ئاندىن پىشۇرۇلغان خىشلار بىلەن مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى، ئاندىن مۇساغا قاراپ: «ئى مۇسا! سەن سېھرىڭ بىلەن بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋەتكىلى كەلدىڭمۇ؟ بىزمۇ ساڭا سېنىڭكىگە ئوخشاش سېھىر كۆرسىتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئارىسىدا ئۇچرىشىش ۋاقتى بەلگىلىگىن. ئۇنىڭغا ھېچ قايسىمىز خىلاپلىق قىلمايلى. ئۇچرىشىدىغان يېرىمىزمۇ ئۇيغۇن يەر بولسۇن» دېدى. مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز زىننەت كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٍ
ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سېنىڭ ھوزۇرۇڭغا ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەلسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئەڭ ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يېنىڭغا ئېلىپ كەلسۇن». — ئەنەس ئالىم
-
فَجُمِعَ السَّحَرَةُ لِمِيقَاتِ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى — مۇھەممەد سالىھ
مۇئەييەن كۈندىكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سېھىرگەرلەر توپلاندى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن مەلۇم بىر كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەر توپلاندى. — ئەنەس ئالىم
(38-39) شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا مىسىر دۆلىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يىغىپ كېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. خادىملار بۇيرۇقنى ئىجرا قىلدى، نەتىجىدە فىرئەۋن مۇسا بىلەن پۈتۈشكەن مۇئەييەن كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا، بەلگىكلەنگەن مەيداندا بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەر توپلاندى. ئۇ سورۇنغا خەلقمۇ چاقىرىلغان ئىدى، ئۇلارمۇ بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ مەيدانغا توپلاندى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلْ أَنْتُمْ مُجْتَمِعُونَ
كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى — مۇھەممەد سالىھ
كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلارغا مۇنداق دېيىلدى: «قېنى توپلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
لَعَلَّنَا نَتَّبِعُ السَّحَرَةَ إِنْ كَانُوا هُمُ الْغَالِبِينَ
كىشىلەرگە: «سىلەر يىغىلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سېھىرگەرلەر غالىب چىقسا ئۇلارغا بويسۇنۇشىمىز مۇمكىن» دېيىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سېھىرگەرلەر غالىب كەلسە ئۇلارغا ئەگىشەرمىز». — ئەنەس ئالىم
يىغىلغان خەلق مۇسابىقىنى ساقلاۋېتىپ ئۆزئارا مۇنداق دېيىشتى: «مۇسابىقىنى كۆرەيلى، سېھىرگەرلەر غالىب كەلسە دىنىمىزدا چىڭ تۇرايلى!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَاءَ السَّحَرَةُ قَالُوا لِفِرْعَوْنَ أَئِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار پىرئەۋنگە: «ئەگەر غەلىبە قىلساق بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر كېلىپ فىرئەۋنگە: «ئەگەر غالىب كەلگۈچىلەر بىز بولساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
(41-42) فىرئەۋنمۇ ئۆزىنىڭ ئەكابىر - ئەشرەپلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن، كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇندا تەختىدە ئولتۇرغان ئىدى. سېھىرگەرلەر مەيدانغا كېلىپ ئالدى بىلەن فىرئەۋننىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭدىن مۇسابىقىدە غالىب كەلگەن تەقدىردە مۇكاپات بارلىقى ياكى يوقلۇقى ھەققىدە سوراپ: «ئەگەر بۇ مۇسابىقىدە بىز مۇساغا غالىب كەلسەك، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟» دېدى، فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە مۇكاپاتلىنىسىلەر، ھەتتا سىلەرگە باشقا ئىلتىپاتىممۇ بار؛ سىلەرنى يېقىنلىرىمنىڭ قاتارىغا قوشىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ إِذًا لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
پىرئەۋن: « ھەئە، ئۇ چاغدا (سىلەرگە مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن: « ھەئە، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن ئادەملىرىمدىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن: «ئەلۋەتتە، ھەمدە چوقۇم يېقىنلىرىمدىن بولىسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ أَلْقُوا مَا أَنْتُمْ مُلْقُونَ
مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئۇلارغا: «تاشلايدىغان نەرسەڭلارنى تاشلاڭلار!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلەرنى تاشلاڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
سېھىرگەرلەر فىرئەۋندىن مۇكاپاتلىنىش ۋەدىسىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇسا بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى، مۇسا ئۇلارغا، «كۆرسەتمەكچى بولغان سېھىر ھۈنەرلىرىڭلارنى كۆرسىتىڭلار!» دېدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَلْقَوْا حِبَالَهُمْ وَعِصِيَّهُمْ وَقَالُوا بِعِزَّةِ فِرْعَوْنَ إِنَّا لَنَحْنُ الْغَالِبُونَ
ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى. ئۇلار: «پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسسىلىرىنى تاشلىدى ۋە «پىرئەۋننىڭ كاتتىلىقى بىلەن قەسەمكى، بىز شەك شۈبھىسىز غەلىبە قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى ۋە: «فىرئەۋننىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم غالىب كېلىمىز» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
سېھىرگەرلەر ئارغامچىلىرىنى ۋە ھاسىلىرىنى يەرگە تاشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارغامچا ۋە ھاسىلار سېھىرگەرلەرنىڭ كۆز بويىشى بىلەن ئىنسانلارغا مېڭىۋاتقان يىلانلاردەك كۆرۈندى، شۇنداقلا ئۇلارنى چۆچۈتتى، سېھىرگەرلەر: «فىرئەۋننىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم غالىب كېلىمىز» دەپ قەسەم قىلىشتى. ئۇ ئەسنادا مۇسامۇ ئىچىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ۋەھىي بىلەن قورقماسلىقىنى ۋە ھاسىسىنى يەرگە تاشلىشىنى ئېيتتى، غالىب كېلىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَلْقَىٰ مُوسَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، (ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۇتۇۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ناگاھان ئۇ ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى يۈتۈشقا باشلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى، ھاسا بىردىنلا چوڭ بىر يىلانغا ئايلىنىپ، سېھىرگەرلەر تاشلىغان، شۇنداقلا مېڭىۋاتقان يىلانلاردەك كۆرۈنۈپ كۆرگۈچىلەرنى قورقۇتۇۋەتكەن ئارغامچا ۋە ھاسىلارنى يالماپ يۇتۇشقا باشلىدى، ئاخىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن سىھىرگەرلەر سەجدىگە باردى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ، — ئەنەس ئالىم
(46-48) بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن سېھىرگەرلەر مۇسا كۆرسەتكەن ئىشنىڭ سېھىر ئەمەس ئەكسىچە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باش قويۇپ: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە، يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە. ئىمان كەلتۈردۇق!» دەپ تاشلىدى، چۈنكى ئۇلار ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەرلەر بولۇپ شۇ زاماننىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى سېھىرلىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرى كۆرسەتكەن بۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى سېھىرلەرنى يېڭىۋەتكەن نەرسىنىڭ سېھىر ئەمەس ئەكسىچە مۆجىزە ئىكەنلىكىگە جەزم قىلدى، شۇنداقلا مۆجىزىنى مۇساغا بەرگەن ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ـ ئىمان ئېيتتۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇنداق دېيىشتى: «ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق، — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ فَلَسَوْفَ تَعْلَمُونَ ۚ لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ پۇتۇڭلارنى) كېسىمەن، ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن: «مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ سىلەر مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۈگەتكەن باشلىقىڭلار ئىكەن، ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، مەن قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ كېسىمەن ۋە ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى، ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن بۈيۈكۈڭلاردۇر. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر. قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن كېيىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاستۇرىمەن». — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن سېھىرگەرلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ دەرغەزەپ بولدى ۋە ئۇلارغا: «ھەر قايسىڭ، مەندىن رۇخسەت ئالماستىن مۇساغا قانداقمۇ ئىشىنىشىسەن!؟ دېمەككى، مۇسا سەنلەرنىڭ كاتتىۋېشى، سەنلەرگە سېھىرنى ئۇ ئۆگەتكەن. توختاپ تۇرۇش، ھەممىڭگە كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن؛ مەن سەنلەرنىڭ قول - پۇتلىرىڭنى ئوڭ - چەپ قىلىپ (ھەر كىشىنىڭ ئوڭ قول، سول پۇتىنى) كېسىمەن، ھەممىڭنى دارغا ئاسىمەن» دەپ تەھدىت سالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا لَا ضَيْرَ ۖ إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
سېھىرگەرلەر: «ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئېيتتى: «ھېچ زىيان يوق. شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچى كىشىلەرمىز. — ئەنەس ئالىم
(50-51) كونا سېھىرگەر ۋە يېڭى مۇئمىن بولغان ئۇ كىشىلەر فىرئەۋننىڭ بۇ تەھدىتىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «سەندىن بىزگە يېتىدىغان يامانلىقلاردىن بىز ھېچ زىيان تارتمايمىز، چۈنكى بىز سەن ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ رەببىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمىز. بىز مۇساغا دەسلەپتە ئىمان كەلتۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن رەببىمىز ئاللاھنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى ۋە بىزگە ئىنئام ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز». ئەسكەرتىش: مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ بۇ سېھىرگەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمى قۇرئان كەرىمدە يەنە باشقا بىرقانچە يەردە بايان قىلىنىدۇ. بۇ قىسسىنىڭ بۇ قىسمىدىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتلەر كۆپتۇر، ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىماننىڭ ئىنساننى قانداق ئۆزگەرتىشىدۇر؛ بىرقانچە مىنۇت، ھەتتا بىرقانچە سېكۇنت ئىلگىرى ئۆز دەرۋىنىڭ ئەڭ چوڭ دىكتاتورىدىن مۇكاپات ۋە ئىلتىپات ۋەدىسى ئېلىپ مۇسابىقىگە چۈشكەن سېھىرگەرلەر، ھەقىقەتنى كۆرۈپ ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىنلا مەزكۇر دىكتاتورنىڭ شۇنچە تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۇنىڭ مۇكاپات ۋە ئىلتىپاتلىرىدىن ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى ئەلا بىلىدىغان ھالەتكە كەلگەن. فىرئەۋن، بۇ ھادىسىدىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە بەنى ئىسرائىلغا بولغان زۇلۇملىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، ئادەملىرىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قايتا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام بولسا بىر تەرەپتىن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قەۋمىنى سەۋر قىلىپ ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشقا، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماسلىققا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە قۇرغاقچىلىق، قەھەتچىلىك، كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان قاتارلىق ئاپەت ۋە بالالارنىڭ ھەربىرىنى ئايرىم مۆجىزە ھالىتىدە ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار ئىبرەت ئالمايدۇ؛ كۇفرىلىق، ئاسىيلىق ۋە زۇلۇمدىن يانمايدۇ، ھەتتا فىرئەۋن: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي» دەپ ھەددىدىن ئېشىشتا ناھايىتى ئەزۋەيلەيدۇ، ئۆز خانىدانىدىن بىر مەخپىي مۇئمىن ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ ئېيتقان سەمىمىي نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ مۆھلەتلىرى تۈگەپ ئىلاھىي جازاغا دۇچار بولۇش ۋاقتى كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ، كېچىدە يولغا چىقىپ، مۇئەييەن دېڭىز (قىزىل دېڭىز)نىڭ يېنىغا بېرىشى ۋە ھاسىسى بىلەن ئۇرۇپ دېڭىزدىن يول ئېچىشى توغرۇلۇق ۋەھىي نازىل قىلىدۇ، ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قېلىشتىن ۋە غەرق بولۇپ كېتىشتىن قورقماسلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋەھىي بويىچە قەۋمى بىلەن كېچىدە يولغا چىقىپ دېڭىز بويىغا كېلىدۇ فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمى بىلەن دېڭىزدا ئېچىلغان يولغا كىرىپ قارشى تەرەپتىكى ساھىلغا چىقىپ بولغان ۋە فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇ يولغا كىرىپ بولغان چاغدا ئىككى تەرەپتە تاغدەك تۇرغان ئىككى دولقۇن يېپىلىدۇ. نەتىجىدە مۇسا ئەلەيھىسسالام قەۋمى بىلەن قۇتۇلىدۇ، فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ھالاك بولىدۇ. 52 ~ 66 - ئايەتكىچە قىسسىنىڭ ئەنە شۇ قىسمى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّا نَطْمَعُ أَنْ يَغْفِرَ لَنَا رَبُّنَا خَطَايَانَا أَنْ كُنَّا أَوَّلَ الْمُؤْمِنِينَ
سېھىرگەرلەر: «(بۇنىڭدىمۇ بىزگە) ھېچ زىيان يوق، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز، بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
بىز مۇساغا ھەممىدىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقۇچىلار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئەلۋەتتە ئۈمىد قىلىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۈمىد قىلىمىزكى، رەببىمىز خاتالىقلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغاي! چۈنكى بىز مۇئمىنلارنىڭ ئاۋۋىلى بولدۇق». — ئەنەس ئالىم
-
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر، (يەنى پىرئەۋن ئۆز قەۋمى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ چىقىدۇ)» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز مۇساغا: «كېچىدە بەندىلىرىم-بەنى ئىسرائىل-نى ئېلىپ ئاتلانغىن. سىلەر ئەلۋەتتە قوغلىنىسىلەر» دەپ ۋەھيى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز مۇساغا: «بەندىلىرىم بىلەن بىرلىكتە كېچىدە يولغا چىققىن، چۈنكى سىلەر قوغلىنىسىلەر[2]» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسا مىسىردا تۇرۇپ بىر مۇددەت فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلدى، ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتى، ئۇلار بولسا ھەددىدىن تېخىمۇ ئاشتى، كۇفرىلىقتا ۋە زومىگەرلىكتە ئەزۋەيلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز مۇسانى بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېچىدە مىسىردىن ئايرىلىشقا ۋە قىزىل دېڭىز تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا بۇيرۇدۇق، ئۇنىڭغا فىرئەۋننىڭ قوغلاپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَرْسَلَ فِرْعَوْنُ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
پىرئەۋن شەھەرلەرگە (ئەسكەر) توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلارنى ئەۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن شەھەرلەرگە توپلىغۇچىلار ئەۋەتتى. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن مۇسانىڭ بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولدى ۋە مەخسۇس خادىملىرىنى مەملىكىتىنىڭ شەھەرلىرىگە قوشۇنلىرىنى يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. مەقسىتى قوشۇنلىرى بىلەن مۇسانىڭ باشچىلىقىدىكى بەنى ئىسرائىلنى تۇتۇپ قايتۇرۇپ كېلىش ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَشِرْذِمَةٌ قَلِيلُونَ
(پىرئەۋن ئېيتتىكى:) «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
-پىرئەۋن ئېيتتىكى-: «بۇ كىشىلەر ھەقىقەتەن بىر ئوچۇم ئادەملەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاز سانلىق گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان قەدىرسىز گۇرۇھتۇر. — ئەنەس ئالىم
(54-56) فىرئەۋن خادىملىرىنى يولغا سېلىشنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن مۇنداق دېدى: «بۇ بەنى ئىسرائىل ھەقىقەتەن ئاز سانلىق گۇرۇپپىلاردىن تەركىب تاپقان قەدىرسىز بىر گۇرۇھتۇر، ئۇلار بۇ ئىسيانى بىلەن قاتتىق ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرمەكتىدۇر. بىز بولساق ئېھتىياتچان، ھوشيار ۋە تەدبىرلىك جامائەمىز، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قېچىشىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولدۇق، بۇ ئىشنى قىسقا مۇددەتتە باستۇرىمىز، ئۇلارنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُمْ لَنَا لَغَائِظُونَ
ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرۈپ قويدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەقىقەتەن ئاچچىقىمىزنى كەلتۈرمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِنَّا لَجَمِيعٌ حَاذِرُونَ
بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز» — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن ئېھتىياتچان جامائەمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز بولساق، ئېھتىياتچان بىر جامائەمىز». — ئەنەس ئالىم
-
فَأَخْرَجْنَاهُمْ مِنْ جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئولارنى باغلاردىن، بۇلاقلاردىن ئايرىۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
نەتىجىدە بىز ئۇلارنى باغلاردىن ۋە بۇلاقلاردىن چىقىرىۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
(57-58) فىرئەۋن شەھەرلەرگە ئەۋەتكەن خادىملار قوشۇنلارنى يىغىپ كەلگەن، ھەممىسى فىرئەۋننىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىپ بولغان چاغدا، بىز ئۇلارنى (فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشى بىلەن يىغىلغان قوشۇنلىرىنى) باغلار، بۇلاقلار، خەزىنىلەر ۋە ئېسىل ماقاملاردىن چىقاردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكُنُوزٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ
بىز ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى) باغلاردىن، بۇلاقلاردىن، خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
يەنە خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل تۇرالغۇدىن ئايرىۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
خەزىنىلەردىن ۋە ئېسىل ماقامدىن ئايرىۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
-
كَذَٰلِكَ وَأَوْرَثْنَاهَا بَنِي إِسْرَائِيلَ
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. بىز ئۇ نەرسىلەرنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا مىراس قىلىپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار مۇسانى ۋە بەنى ئىسرائىلنى قوغلاپ باغ - بوستان، مال - دۇنيا ۋە ئالىي سارايلىرىنى تاشلاپ ئەنە شۇنداق چىقتى - بىز ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئوخشىشىغا كېيىن بەنى ئىسرائىلنى ئىگە قىلدۇق - ئەسكەرتىش: بەنى ئىسرائىل دېڭىزدىن ساق - سالامەت ئۆتكەندىن كېيىن مىسىرغا قايتىپ بارمىغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىينا چۆلىدە 40 يىل ئاداشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزى بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇلارغا فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ساراي، باغ - بوستان، بۇلاق، خەزىنە ۋە ئېسىل ماقاملىرىنىڭ ئوخشىشىنى ئاتا قىلغان. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تاشلاپ چىققان ساراي، باغ، خەزىنە ۋە ماقاملارنى بولسا ۋەيران قىلىۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَتْبَعُوهُمْ مُشْرِقِينَ
ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى) ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار -يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنى- ئۇلارنى كۈن چىققان چاغدا قوغلاپ چىقتى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى ئۇلارنى كۈن چىقىپ ئەتراپنى يورۇتقاندا قوغلاپ كەلدى. — ئەنەس ئالىم
فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ باغ، بۇلاق، خەزىنە، ئېسىل ماقاملىرىنى تاشلاپ چىقتى ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كۈن چىقىپ ئەتراپنى يورۇتقاندا ئۇلارغا يېتىشتى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا تَرَاءَى الْجَمْعَانِ قَالَ أَصْحَابُ مُوسَىٰ إِنَّا لَمُدْرَكُونَ
ئىككى توپ (يەنى پىرئەۋن توپى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توپى) بىر ـ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنى)بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىككى توپ بىر ـ بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇشقان چاغدا، مۇسانىڭ ئادەملىرى: «ئۇلار: بىزگە چوقۇم يېتىشىۋالىدىغان بولدى» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرگەن ئىدى، مۇسانىڭ قېرىنداشلىرى: «چوقۇم تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
(61-62) ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرگەن ئىدى مۇسانىڭ قېرىنداشلىرى: «چوقۇم تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولدۇق» دېيىشتى، مۇسا: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەن بىلەن بىللىدۇر، رەببىم ماڭا چوقۇم يول كۆرسىتىدۇ» دەپ ئۇلارغا خاتىرجەم بولۇشى لازىملىقىنى ئۇقتۇردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ كَلَّا ۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهْدِينِ
مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ (يەنى ھەرگىز يېتىشەلمەيدۇ) پەرۋەردىگارىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، مېنى (قۇتۇلۇش يولىغا) باشلايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئېيتتى: «ئۇنداق بولمايدۇ، رەببىم ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا: «ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىم مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ ماڭا چوقۇم يول كۆرسىتىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
فَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْبَحْرَ ۖ فَانْفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرْقٍ كَالطَّوْدِ الْعَظِيمِ
بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسى بىلەن ئۇرۇۋېدى) دەريا يېرىلدى، (ھەر بىر يېرىلغان) قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ
بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دەرياغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن دەريا يېرىلدى، ھەر بىر يېرىلغان قىسمى چوڭ تاغدەك بولۇپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ ئۇرۇشى بىلەن دېڭىز ئىككىگە ئايرىلىپ، ھەر قىسمى چوڭ تاغدەك بولدى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن بىز مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. مۇسانىڭ ئۇرۇشى بىلەن دېڭىز ئايرىلىپ قۇرۇق يول ئېچىلدى، ئايرىلغان ھەر قىسىم چوڭ تاغدەك بولۇپ ئىككى تەرەپتە دولقۇنلىنىپ تۇردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَزْلَفْنَا ثَمَّ الْآخَرِينَ
ئىككىنچى بىر گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق (يەنى پىرئەۋن بىلەن قوشۇنىنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارقىسىدىن دەرياغا كىرگۈزدۇق) — مۇھەممەد سالىھ
ئىككىنچى گۇرۇھنى بۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
باشقىلارنى ئۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق. — ئەنەس ئالىم
(64-66) بىز فىرئەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن ئۇ يەرگە يېقىنلاشتۇردۇق؛ مۇسا قەۋمى بىلەن دېڭىزدا ئېچىلغان قۇرۇق يولغا كىرگەندىن كېيىن فىرئەۋنمۇ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ يولغا كىردى. بىز مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق. فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى بولسا ئىككى تەرەپتە تاغدەك تۇرغان سۇ دولقۇنلىرىنى ئۈستىگە يېپىش بىلەن غەرق قىلىۋەتتۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېچىسى مىسىردىن چىقىشى لازىملىقىنى ۋەھىي قىلغاندا، ئۇنىڭغا دېڭىزغا قاراپ مېڭىشى، دېڭىزغا يېتىپ بارغاندا ھاسىسى بىلەن سۇغا ئۇرسا دېڭىزدىن مۆجىزىلىك شەكىلدە قۇرۇق يول ئېچىلىدىغانلىقى. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى قوغلاپ كېلىدىغانلىقى، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قورقماسلىقى، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىدىغانلىقى، بەنى ئىسرائىلنىڭ ساق - سالامەت قۇتۇلىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ بىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئىش مۇشۇ بويىچە ئاخىرلاشتى؛ ئاللاھ تائالانىڭ ئەنە شۇنداق ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن زالىملار ھالاك بولدى، مەزلۇملار قۇتۇلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْجَيْنَا مُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ أَجْمَعِينَ
مۇسا بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى پۈتۈنلەي قۇتقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ھەمراھلىرىنى قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسانى ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ أَغْرَقْنَا الْآخَرِينَ
ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمىنى) غەرق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئىككىنچى گۇرۇھنى غەرق قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن باشقىلارنى غەرق قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
بۇنىڭدا (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ غەرق بولۇشىدا) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، ئەنە شۇ ھادىسىدە (ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتا ۋە زۇلۇمدا ھەددىدىن ئېشىپ ئۆز خەلقىنى ئۆزىگە چوقۇنۇشقا زورلايدىغان ھالەتكە يەتكەن فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىشىدا، ئۇلارنىڭ ئاسارىتىدىكى بەنى ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشىدا) ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە چوقۇم دەلىل بار؛ بۇ ھادىسە پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلار بىلەن پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، زالىملارنىڭ ئاخىرى ئىلاھىي ئادالەت بىلەن ھالاكەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى، مەزلۇملارنىڭ ئىلاھىي ئىلتىپات بىلەن نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ ھادىسىگە ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قارىمىدى، نەتىجىدە زالىملار تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كۇفرىلىق ۋە زومىگەرلىكتە ئەزۋەيلىدى، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئاسىيلىق قىلدى، مەزلۇملارنىڭ ئىچىدىن، ھەتتا ئۇ ھادىسىنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئىچىدىن ھەقىقەتتىن يانغانلار بولدى. بەنى ئىسرائىلنىڭ فىرئەۋندىن ۋە دېڭىزدىن ئەنە شۇنداق مۆجىزىلىك شەكىلدە قۇتۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار (كۆپچىلىكى) دېڭىزدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇسادىن ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، موزاي ھەيكىلىگە چوقۇنغان، مۇساغا، «سەن ۋە رەببىڭ بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇش قىلىڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە، زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ إِبْرَاهِيمَ
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ خەۋىرىنى ئوقۇپ بەرگىن: — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ نەسلى دەپ پەخىرىلىنىدىغان، لېكىن تەۋھىدتە ئىبراھىمنىڭ يولىدا ماڭمىغان قەۋمىڭگە ئىبراھىمنىڭ، مۇشرىك ئاتىسى ئازەرگە ۋە قەۋمىگە قارشى ئېلىپ بارغان تەۋھىد كۈرىشىنىڭ جەريانىنى ئېيتىپ بەرگىن. ئۇ جەريان تۆۋەندىكىچە بولغان: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا تَعْبُدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى(70]. — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «نېمىگە چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ بۇتلارغا چوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ چوقۇنۇشىنى ئەيىبلەش، شۇنداقلا ئۇلارنى سىلكىشلەپ ھوشىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا: «نېمىلەرگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ بۇ چونۇۋاتقانىڭلار نېمە؟ چوقۇنۇشۇڭلارغا لايىقمۇ؟» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا نَعْبُدُ أَصْنَامًا فَنَظَلُّ لَهَا عَاكِفِينَ
ئۇلار: «بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز، بۇ ئىبادەتنى داۋالاشتۇرىمىز» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بۇتلارغا ئىبادەت قىلىمىز، بۇ ئىبادەتنى داۋالاشتۇرىمىز» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بۇتلارغا چوقۇنىمىز ۋە بۇ چوقۇنىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار پەخىرلىنىپ: «بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارغا چوقۇنۇشقا ئۆزىنى ئاتىغان كىشىلەر بولۇشقا داۋاملىشىمىز؛ ئۇلارغا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ هَلْ يَسْمَعُونَكُمْ إِذْ تَدْعُونَ
ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار (دۇئايىڭلارنى) ئاڭلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم ئېيتتى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار ئاڭلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلار ئاۋازىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(72-73) ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇ بۇتلار دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟ چوقۇنۇشۇڭلارنى ھېس قىلامدۇ؟ ياكى چوقۇنساڭلار سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ ياكى چوقۇنمىساڭلار زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟ بۇتلار ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىغا مۇكاپات، چوقۇنمىغانلارغا جازا بېرەلەمدۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوْ يَنْفَعُونَكُمْ أَوْ يَضُرُّونَ
يا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ يا زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟» — مۇھەممەد سالىھ
يا سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ يا زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئۇلار سىلەرگە پايدا يەتكۈزەلەمدۇ؟ ۋە ياكى زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟». — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا بَلْ وَجَدْنَا آبَاءَنَا كَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «ياق، ئەمما ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ياق، ھېچبىرىنى قىلالمايدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىمىز مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئىبراھىمنىڭ بۇ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ياق، بۇتلار بۇ دېگەنلىرىڭنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمايدۇ. لېكىن ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن؛ بىز ئۇلارنىڭ بۇ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، كۆردۇق، بىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارغا ئەگىشىپ بۇ بۇتلارغا چوقۇندۇق» دېيىشتى. بۇ جاۋاب، ئۇلارنىڭ بۇتلارغا ئاتا - بوۋىلىرىنى تەقلىد قىلىپ چوقۇنغانلىقىغا، بۇتلارنىڭ ھېچكىمگە ھېچقانداق پايدا ياكى زىيان يەتكۈلمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىغا، لېكىن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇنغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ أَفَرَأَيْتُمْ مَا كُنْتُمْ تَعْبُدُونَ
ئىبراھىم ئېيتتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلغىنىڭلار نېمە؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم ئېيتتى: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىڭلار نېمە؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم ئېيتتى: «چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بېقىڭلار قېنى؟ — ئەنەس ئالىم
(75-82) ئىبراھىم ئۇلارنى ئەيىبلەپ ۋە سىلكىشلەپ مۇنداق دېدى: «شۇنداقمۇ قىلغۇلۇقمۇ! سىلەر ۋە قەدىمكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇ نەرسىلىرىڭلارنىڭ نېمە ئىشقا يارايدىغانلىقى، شۇنداقلا چوقۇنۇشقا لايىق بولۇپ بولمىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ! ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئويلىنىپ باققان بولساڭلار ئۇلارغا چوقۇنۇش بىلەن خاتالاشقانلىقىڭلارنى تونۇپ يەتكەن بولاتتىڭلار. بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇ بۇتلار مېنىڭ دۈشمەنلىرىمدۇر؛ مەن ئۇلارغا چوقۇنۇش تۈگۈل، ئۇلاردىن نەپرەت قىلىمەن. دۈشمەن تۇتىمەن. مەن پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا چوقۇنىمەن. ئاللاھ مېنى ياراتقان، مېنى توغرا يولغا باشلايدىغان، ماڭا يېمەك - ئىچمەك بېرىدىغان، كېسەل بولسام شىپالىق بېرىدىغان، مېنى ئەجىلىم توشقاندا جېنىمنى ئېلىپ ئۆلتۈرىدىغان، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرىدىغان ۋە مەن ھېساب ۋاقتىدا خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان زاتتۇر». ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئەقىل ئىشلىتىشكە، شۇنداقلا بۇتنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىشكە تەرغىب قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ۋە مەيدانىنى ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن ئۆزى چوقۇنغان ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان ۋە ئاتا قىلىدىغان نېمەتلىرىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنى ھېچ ئىشقا يارىمايدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ، قۇردىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە رەھمىتى كەڭ يېگانە مەبۇد بەرھەق بولغان ئاللاھقا چوقۇنۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. قىسسىنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئېلىنىدىغان كۆپ ئىبرەت بولۇش بىلەن بىرگە، دەۋەت ئۇسۇلى ۋە تەبلىغ شەكلى توغرىسىدىمۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك كۆپ نەرسە بار. شۇڭلاشقا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ بۇ بۆلۈمىنى چۈشىنىش ۋە لايىق رەۋىشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇش لازىم. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام 70 ~ 82 - ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك، مۇشرىك ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. 83 ~ 89 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ دۇئاسى زىكىر قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمُ الْأَقْدَمُونَ
سىلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئىبادەت قىلغىنى نېمە؟ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنىڭ ۋە ئەجدادلىرىڭلارنىڭچۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارچۇ؟ — ئەنەس ئالىم
-
فَإِنَّهُمْ عَدُوٌّ لِي إِلَّا رَبَّ الْعَالَمِينَ
ئۇلار (يەنى بۇتلار) مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر) — مۇھەممەد سالىھ
بىلىڭلاركى، ئۇلار مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر، پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى -مېنىڭ دوستۇمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىڭلاركى، سىلەر چوقۇنغان نەرسىلەر مېنىڭ دۈشمىنىمدۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم
-
الَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهْدِينِ
ئۇ مېنى ياراتقان، ئۇ مېنى ھىدايەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ مېنى ياراتقان بولۇپ، ماڭا يول كۆرسىتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر. ئۇ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِي هُوَ يُطْعِمُنِي وَيَسْقِينِ
ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ مېنى تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇسسۇلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق زاتكى، ماڭا يېمەكلىك بېرىدۇ، ماڭا ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ، — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ
ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاغرىپ قالسام ئۇ مېنى ساقايتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كېسەل بولسام شىپالىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَالَّذِي أَطْمَعُ أَنْ يَغْفِرَ لِي خَطِيئَتِي يَوْمَ الدِّينِ
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق زاتكى، مەن ئۇنىڭ جازا ۋە مۇكاپات كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. — ئەنەس ئالىم
-
رَبِّ هَبْ لِي حُكْمًا وَأَلْحِقْنِي بِالصَّالِحِينَ
پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن — مۇھەممەد سالىھ
رەببىم! ماڭا ئىلىم ھېكمەت ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلارغا قوشقىن — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىم! ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشىلار قاتارىدا قىلغىن، — ئەنەس ئالىم
«رەببىم! ماڭا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغىن، مېنى ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ياخشىلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇشقا مۇۋەپپەق قىلغىن»، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاجْعَلْ لِي لِسَانَ صِدْقٍ فِي الْآخِرِينَ
كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن — مۇھەممەد سالىھ
كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نامىمنى قالدۇرغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ماڭا كېيىنكىلەر ئىچىدە ياخشى نام قالدۇرۇشنى ۋە ياخشىلىق بىلەن ياد ئېتىلىشنى نېسىپ قىلغىن. — ئەنەس ئالىم
(84-89) ئىبراھىم دۇئاسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتتى: «ماڭا دۇنيادا كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ياخشى نام قالدۇرۇشنى ۋە ياخشىلىق بىلەن ياد ئېتىلىشنى نېسىپ قىلغىن، ئاخىرەتتە سەن نېمەت باغچىلىرى بىلەن مۇكاپاتلايدىغان بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىدىن قىلغىن، ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى ئۇ ئازغۇنلاردىندۇر، ئىنسانلار ساڭا ھېساب بېرىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان، مال - مۈلۈك ۋە ئوغۇل بالىلار ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان، پەقەت ھۇزۇرۇڭغا كۇفرى، نىفاق ۋە رىيادىن پاك قەلب بىلەن كەلگەن مۇئمىنلارلا نىجات تاپىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئاتىسىغا مەغپىرەت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدىن باشقا بۇ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئاتىسى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى - مۇشرىك ئىدى. ئاللاھ تائالا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەۋبىسىز مەغپىرەت قىلمايتتى. شېرىكتىن تەۋبە قىلىش، ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا شېرىكتىن يېنىپ تەۋھىدنى قوبۇل قىلىش بىلەن بولاتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئاتىسى شېرىكتىن تەۋبە قىلمىغان (مۇشرىك پېتى ئۆلگەن). ئەمەلىيەتتىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئاتىسىغا بۇ ھەقتە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە مەغپىرەت تىلىگەن، لېكىن ئۇنىڭ «ئاللاھنىڭ دۈشمىنى» ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئادا - جۇدا بولغان. ئاللاھ تائالا 87 ~ 89 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر دۇئاسىنى زىكىر قىلىش بىلەن قىيامەت كۈنى ئەسقاتىدىغان ۋە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن، 90 ~ 102 - ئايەتلەردە قىيامەت سەھنىلىرىنى ئەسلىتىدۇ، يامانلارنىڭ دوزاختىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارنىڭ دوزاخقا تاشلىنىش سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاجْعَلْنِي مِنْ وَرَثَةِ جَنَّةِ النَّعِيمِ
مېنى نازۇ-نېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ
مېنى نازۇنېمەتلىك جەننەتنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
مېنى نەئىم جەننىتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن قىلغىن. — ئەنەس ئالىم
-
وَاغْفِرْ لِأَبِي إِنَّهُ كَانَ مِنَ الضَّالِّينَ
ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن گۇمراھلاردىن بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاتامغا مەغپىرەت قىلغىن. چۈنكى ئۇ ئازغۇنلاردىندۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا تُخْزِنِي يَوْمَ يُبْعَثُونَ
ئۇلار (يەنى خالايىقلار) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلار تىرىلدۈرىلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈندە مېنى رەسۋا قىلمىغىن، — ئەنەس ئالىم
-
يَوْمَ لَا يَنْفَعُ مَالٌ وَلَا بَنُونَ
ئۇ كۈنى (ھېچ كىشىگە) مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈنى ھېچ كىشىگە مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان كۈندە. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا مَنْ أَتَى اللَّهَ بِقَلْبٍ سَلِيمٍ
پەقەت (ئاللاھنىڭ دەرگاھى) غا پاك قەلب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا پاك قەلب بىلەن كەلگەن كىشى مۇستەسنا» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ساغلام قەلب بىلەن كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا». — ئەنەس ئالىم
-
وَأُزْلِفَتِ الْجَنَّةُ لِلْمُتَّقِينَ
جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى جەننەت تەقۋادارلارغا يېقىنلاشتۇرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(90-91) قىيامەت كۈنى جەننەت كەلتۈرۈلۈپ تەقۋادارلارغا يېقىن جايدا توختىتىلىدۇ، دوزاخمۇ كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ئازغۇنلارغا يېقىن تەرەپتە توختىتىلىدۇ. دوزاخ ئەسلىدە ئازغۇنلار ئۈچۈن كەلتۈرۈلسىمۇ ئۇنى ھەممەيلەن كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَبُرِّزَتِ الْجَحِيمُ لِلْغَاوِينَ
دوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
دوزاخ گۇمراھلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
دوزاخ ئازغۇنلارغا ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْبُدُونَ
ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «سىلەر چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟ — ئەنەس ئالىم
(92-93) ئازغۇنلار دوزاخنى كۆرۈپ قاتتىق قورققان، دوزاخ ئازغۇنلارنى كۆرۈپ قاتتىق ھۆركىرەپ تۇرۇۋاتقان ئەسنادا، ئازغۇنلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرىڭلار قېنى؟ ئۇلار ھازىر سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ياكى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ياردەم بېرەلەمدۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مِنْ دُونِ اللَّهِ هَلْ يَنْصُرُونَكُمْ أَوْ يَنْتَصِرُونَ
ئۇلارغا: «سىلەر ئىلگىرى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار قەيەردە؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ يا ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن؟ ئۇلار سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ياكى ئۆزلىرىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلىرىڭلار قېنى؟ ئۇلار ھازىر سىلەرگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟ ياكى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ياردەم بېرەلەمدۇ؟». — ئەنەس ئالىم
-
فَكُبْكِبُوا فِيهَا هُمْ وَالْغَاوُونَ
بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ۋە گۇمراھلار دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇلار ۋە ئازغۇنلار دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(94-102) ئاندىن ئۇ باتىل مەبۇدلار ۋە ئازغۇنلار دوزاخقا ئۈستى - ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ. دوزاخقا ئىبلىسنىڭ باشقا بارلىق قوشۇنلىرىمۇ تاشلىنىدۇ. دوزاخ ئەھلى دوزاختا جەم بولغاندىن كېيىن بىر - بىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ ۋە ھەسرەت چېكىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنمىز، چۈنكى بىز سىلەرنى ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ بىلەن تەڭ كۆرەتتۇق. بىزنى پەقەت گۇناھكارلار ئازدۇردى. ئەمدى بىزنىڭ ھېچ شاپائەتچىمىز يوق، سەمىمىي دوستىمىزمۇ يوق. كاشكى دۇنياغا قايتىپ مۇئمىنلاردىن بولساقچۇ!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجُنُودُ إِبْلِيسَ أَجْمَعُونَ
بۇتلار، گۇمراھلار ۋە ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى دوزاخقا ئۈستى ـ ئۈستىلەپ تاشلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئىبلىسنىڭ قوشۇنلىرىمۇ بىر پۈتۈن ھالدا تاشلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبلىسنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىمۇ تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا وَهُمْ فِيهَا يَخْتَصِمُونَ
ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار دوزاختا بىر - بىرى بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: — ئەنەس ئالىم
-
تَاللَّهِ إِنْ كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق ئازغۇنلۇق ئىچىدە ئىكەنمىز. — ئەنەس ئالىم
-
إِذْ نُسَوِّيكُمْ بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى ئالەملەرنىڭ رەببى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى بىز سىلەرنى ئالەملەرنىڭ رەببى بىلەن تەڭ كۆرەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا أَضَلَّنَا إِلَّا الْمُجْرِمُونَ
بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى — مۇھەممەد سالىھ
بىزنى پەقەت گۇناھكارلارلا ئازدۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنى پەقەت شۇ گۇناھكارلار ئازدۇردى. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا صَدِيقٍ حَمِيمٍ
ۋە يېقىن دوستمۇ يوق — مۇھەممەد سالىھ
ۋە يېقىن دوستمۇ يوق — تەرجىمە ھەيئىتى
سەمىمىي دوستىمىزمۇ يوق. — ئەنەس ئالىم
-
فَلَوْ أَنَّ لَنَا كَرَّةً فَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
ئەگەر بىزگە (دۇنياغا) قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىزگە دۇنياغا قايتىشقا بولسا ئىدى، بىز مۇئمىنلاردىن بولاتتۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى
كاشكى دۇنياغا قايتىپ مۇئمىنلاردىن بولساقچۇ!». — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (يەنى ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ قىسسەسىدە) (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، ئىبراھىمنىڭ مۇشرىك ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە قارشى قىلغان بۇ ئىلمىي كۈرىشىدە چوقۇم ئىبرەت بار؛ ئىبراھىمنىڭ تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىگە كەلتۈرگەن دەلىللىرى، مۇشرىك قەۋمىنىڭ تەقلىدچىلىكتىن باشقا دەلىل كەلتۈرەلمەسلىكى، چوقۇنۇشقا پەقەت ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ بۇ شېرىككە قارشى ئېلىپ بارغان توختاۋسىز كۈرىشى، ئۇنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان، لېكىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا لايىق نەسىل بولالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىدە ئەنە شۇنداق ئىبرەتلەر بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان بۇ قەۋمىڭنىڭ تولىسى ئىمان كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە، زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ
نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! نۇھنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلار دەۋەت قىلغان ھەقىقەتنى رەت قىلدى. ئەسكەرتىش: بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى تەۋھىدكە بۇيرۇش ۋە شېرىكتىن توسۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار پەرقلىق زامانلاردا، پەرقلىق قەۋملەرگە ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەۋملىرىنى ئەينى يولغا چاقىراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەلەرنىڭ بىرىنى ئىنكار قىلىش بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ نُوحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىنداشلىرى نۇھ ئېيتتى: «سىلەر قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى نۇھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىندىشى بولغان نۇھ بىرنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ كەلگەن ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانساڭلار بولمامدۇ؟ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەرك ئېتىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق بىر پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن؛ سىلەرنى نىجاتلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى سىلەرگە كەم - زىيادە قىلماستىن ئەينەن يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار. ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار؛ مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، مەن توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ
تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرنى مەنپەتىڭلار بولغان ئىشلارغا بۇيرۇغانلىقىم ۋە زىيىنىڭلار بولغان ئىشلاردىن توسقانلىقىم ئۈچۈن، سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغان ئاللاھ بېرىدۇ. دېمەككى، مەن سىلەرگە خالىس نەسىھەتچىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئۇنداقتا، ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، مەن باشلىغان يولغا كىرىپ مېڭىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا أَنُؤْمِنُ لَكَ وَاتَّبَعَكَ الْأَرْذَلُونَ
ئۇلار: «(ئى نۇھ!) ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «-ئى نۇھ!- ساڭا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا، ساڭا بىز ئىمان ئېيتامدۇق؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بىز ساڭا ئىشىنەمدۇق؟ ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا!» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار: «بىز ساڭا قانداق ئىشىنەيلى؟ ساڭا ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەر ئەگەشكەن تۇرسا! بىز ساڭا ئەگەشسەك جەمئىيەتتىكى قەدىرسىز ۋە يوقسۇل ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرگەن بولمايمىزمۇ! شۇڭلاشقا بىز ساڭا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ وَمَا عِلْمِي بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن — مۇھەممەد سالىھ
نۇھ ئېيتتى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ئۇقمايمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
نۇھ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. — ئەنەس ئالىم
نۇھ مۇنداق دېدى: «مەن ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى بىلمەيمەن، مەن ھەممەيلەننى ئوخشاشلا توغرا يولغا دەۋەت قىلىمەن، جۈملىدىن ئۇلارنى دەۋەت قىلدىم، ئۇلار قوبۇل قىلىپ دەۋىتىمگە ئىجابەت قىلدى. مەن كىم بولسا بولسۇن دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ ماڭا ئەگەشكەنلەرنى قېرىنداشلىرىم دەپ بىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ حِسَابُهُمْ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّي ۖ لَوْ تَشْعُرُونَ
ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت پەرۋەردىگارىم ئۈستىگە ئالغان — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىلسەڭلار ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى پەقەت رەببىم ئۈستىگە ئالغان — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن ھېساب ئېلىش رەببىمنىڭ ئىشىدۇر. كاشكى ھېس قىلساڭلارچۇ! — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىشلىرىنىڭ ۋە دىللىرىدىكى سىرلىرىنىڭ ھېسابىنى ئېلىش رەببىم ئاللاھنىڭ ئىشىدۇر، چۈنكى ئاللاھ بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇغۇچى يېگانە ئىلاھ بولۇپ، ئۇنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىزدۇر. مەن بولسام ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇرمەن. سىلەر بۇ ھەقىقەتلەرنى ھېس قىلساڭلارچۇ؛ بۇ ھەقىقەتلەرنى ئاڭقارغان بولساڭلار ئۇلارنى بۇنداق كەمسىتمىگەن بولاتتىڭلار، ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىشنى مەندىن تەلەپ قىلمىغان بولاتتىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الْمُؤْمِنِينَ
مەن مۆمىنلەرنى قوغلىۋەتمەيمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن مۇئمىنلارنى قوغلىۋەتمەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن مۇئمىنلارنى يېنىمدىن قوغلىۋىتىدىغان كىشى ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
مەن دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇئمىن بولغان كىشىلەرنى، سىلەرنى ئىمان كەلتۈرەرمىكى دەپ يېنىمدىن قوغلىۋىتىدىغان كىشى ئەمەسمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
مەن پەقەت ئوچۇق ـ ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». — ئەنەس ئالىم
مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن؛ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارنى ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلدىم، شۇڭلاشقا مەن ئاڭلىغۇچىلارنى (بايمۇ كەمبەغەلمۇ، ئىناۋىتى يۇقىرىمۇ تۆۋەنمۇ؟) ئايرىماستىن ھەممەيلەننى ئوخشاشلا توغرا يولغا دەۋەت قىلىمەن، دەۋىتىمنى كىم قوبۇل قىلسا مۇئمىن دەپ بىلىمەن، دەۋەتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇئمىن بولۇپ بولغان قېرىنداشلىرىمنى، دەۋىتىمنى قوبۇل قىلمىغان ئادەملەرنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەسلا قوغلىۋەتمەيمەن». نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئۇ تەرسالار يېنىدىكى مۇئمىنلارنى قوغلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلارغا ئەنە شۇ قەتئىي جاۋابنى بەرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ يَا نُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمَرْجُومِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن (پەيغەمبەرلىك دەۋىتىڭدىن) يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى نۇھ! ئەگەر سەن -بۇ يولۇڭدىن- يانمىساڭ، سەن چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئى نۇھ! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلگۈچىلەردىن بولىسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
نۇھ ئۇلارنى يىللارچە كېچە - كۈندۈز ۋە يوشۇرۇن - ئاشكارا دەۋەت قىلدى. ئۇلار بولسا قاتتىق قارشىلىق قىلدى ۋە ئاخىرى: «ئى نۇھ! ئەگەر بۇ دەۋىتىڭدىن يانمىساڭ، سېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دەپ تەھدىت قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوْمِي كَذَّبُونِ
نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
نۇھ ئېيتتى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
نۇھ مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەۋمىم مېنى يالغانچى دېدى. — ئەنەس ئالىم
(117-118) نۇھ ئۇلارنىڭ بۇ تەھدىتىنى ئاڭلاپ ئاللاھقا: «يا رەببى! قەۋمىم مېنى ئىنكار قىلىشتا ئەزۋەيلىدى. بۇنى بىلىسەن، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ھالاك قىلىش ۋە مەن بىلەن مۇئمىنلارنى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغىن يارەب!» دەپ ئىلتىجا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَافْتَحْ بَيْنِي وَبَيْنَهُمْ فَتْحًا وَنَجِّنِي وَمَنْ مَعِيَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن» — مۇھەممەد سالىھ
مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇڭا مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتكىن، مېنى ۋە مەن بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلارنى قۇتقۇزغىن». — ئەنەس ئالىم
-
فَأَنْجَيْنَاهُ وَمَنْ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
بىز ئۇنى ۋە (ئادەملەر، ھايۋانلار بىلەن) لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە لىق تولغان كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى توشقۇزۇلغان كېمىدە قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى، نۇھ بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ياسىغان كېمىدە قۇتقۇزدۇق. ئۇ كېمە، نۇھ چىقارغان ئىنسانلار، ھەر تۈرلۈك ھايۋاندىن ئەركەك - چىشى بولۇپ بىر جۈپتىن ئالغان ھايۋانلار، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ۋە ئۇ ھايۋانلارنىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرى قاتارلىقلار بىلەن توشقۇزۇلغان ھالەتتە ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ أَغْرَقْنَا بَعْدُ الْبَاقِينَ
(ئۇلارنى قۇتقۇزغاندىن) كېيىن ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن كېيىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن قالغانلارنى غەرق قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
نۇھ ئادەملىرىنى ۋە توپلىغان ھايۋانلارنى كېمىگە چىقىرىپ ھەر بىرىنى مۇناسىپ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، بىز قالغانلارنى ئاسماندىن سۇ چۈرۈپ ۋە زېمىندىن سۇ ئېتىلدۇرۇپ چىقىرىپ غەرق قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
بۇنىڭدا (تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۈچۈن) ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلار (يەنى كىشىلەر) نىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، نۇھنىڭ ئۇزۇن مۇددەت (950 يىل بويىچە) ھارماي - تالماي ھەر تۈلۈك ئۇسلۇبلار بىلەن ھەر پۇرسەتتە دەۋەت قىلىشى ۋە ئاخىرىدا غەلىبە قىلىشى، تەرسا قەۋمىنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى تۇرۇشى ۋە ئاخىرىدا ئىلاھىي جازاغا يولۇقۇپ ھالاك بولۇشى قاتارلىق ئىشلاردا چوقۇم ئىبرەت بار؛ ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئاسىيلارنى ئادالىتى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! نۇھنىڭ قىسسەسىدە ئەنە شۇنداق ئىبرەتلەر بار تۇرۇقلۇق ئۇ قىسسىنى بىلىدىغان بۇ قەۋمىڭنىڭ تولىسى ئىمان كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە، زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. ئەسكەرتىش: نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە يەردە بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەڭ باشتىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسلىنىپ مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ
ئاد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاد -خەلقى- پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلار دەۋەت قىلغان ھەقىقەتنى رەت قىلدى. ئاد قەۋمى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىنداشلىرى ھۇد ئېيتتى: «سىلەر قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى ھۇد مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىندىشى بولغان ھۇد بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ كەلگەن ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانساڭلار بولمامدۇ؟ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەرك ئېتىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن؛ سىلەرنى نىجاتلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى سىلەرگە كەم - زىيادە قىلماستىن ئەينەن يەتكۈزىمەن — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار؛ ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، مەن توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ
تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرنى ھەق يولغا دەۋەت قىلغانلىقىم (مەنپەتىڭلار بولغان ئىشلارغا بۇيرۇغانلىقىم ۋە زىيىنىڭلار بولغان ئىشلاردىن توسقانلىقىم) ئۈچۈن، سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغان ئاللاھ بېرىدۇ. دېمەككى، مەن سىلەرگە خالىس نەسىھەتچىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَتَبْنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ آيَةً تَعْبَثُونَ
سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت (يەنى ئېگىز بىنا) سالامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن ـ كۈلكە ئۈچۈن بىر ئالامەت سالامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ھەر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشا ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىنا سالامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى قەۋمىم! سىلەر ھەر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشا ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىنالارنى سالامسىلەر؟ سىلەر بۇ بىنالارنى ئېھتىياجىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن ياكى بىرەر ياخشى ئىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە پەقەت باشقىلارغا ئۆزۈڭلارنى چوڭ كۆرسىتىش، يىغىلىپ ئويۇن - تاماشا قىلىش ۋە يامان ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن سېلىپ، ئۇ بىنالاردا ئەيش - ئىشرەت قىلىۋاتىسىلەر! سىلەر ئەبەدىي ھاياتىڭلاردا نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان ئىمان كەلتۈرۈشتىن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ قىسقا مۇددەتلىك دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە مۇشۇنداق چۆكۈپ كەتسەڭلار بولامدۇ؟ بىلىڭلاركى، سىلەر بۇ قىلمىشىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى خەتەرگە ئېتىۋاتىسىلەر! مەن سىلەرگە كۆيۈنۈپ ئېيتىمەنكى، ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا بۇ ئىشتىن يېنىڭلار، دۇنيادا پالاكەتتىن، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەن باشلىغان يولغا كېلىڭلار، توغرا يول كارۋىنىغا قېتىلىڭلار، بەخت - سائادەت مەنزىلىگە قاراپ بىللە ماڭايلى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمْ تَخْلُدُونَ
(گويا سىلەر ئۆلمەيدىغاندەك) دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
دۇنيادا مەڭگۈ قېلىشنى ئۈمىد قىلىپ پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆلمەسلىك ئۈمىدى بىلەن مۇستەھكەم سارايلار سالامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆلمەسلىك ئۈمىدى بىلەن مۇستەھكەم ئىمارەتلەر سالامسىلەر؟ سىلەر مۇشۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشاشنى ئويلاپ ھەشەمەتلىك ساراي ۋە پۇختا قۇرۇلۇشلارنى ياسامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ ئىمارەتلىرىڭلار سىلەرگە، سىلەر ئۇ ئىمارەتلەرگە باقىي ئەمەس؛ ئۇلار يېقىندا باشقىلارغا قالىدۇ، سىلەر بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كېتىسىلەر. بارغان يېرىڭلاردا سىلەرگە ئارقاڭلاردا (بۇ دۇنيادا) قويۇپ كەتكەن پۇختا ئۆي - ئىمارەت، كاتتا قۇرۇلۇش ۋە كۆركەم باغۋارانلىرىڭلار ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، سىلەرگە ئۇ يەردە پەقەت ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئەسقاتىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى كۈتۈپ تۇرغان ئەبەدىي ھاياتىڭلاردا ئەسقاتىدىغان ئىشلاردىن غاپىل بولۇۋاتىسىلەر، ئەقلىڭلارنى، زېھنىڭلارنى ۋە بارلىق كۈچۈڭلارنى ئەسقاتمايدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتىسىلەر. بۇ، قانداق چۈشەنچە؟! قانداق كۆزقاراش؟! قانداق مەنتىق؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا بَطَشْتُمْ بَطَشْتُمْ جَبَّارِينَ
ئەگەر (بىراۋنى) جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىراۋنى جازالىساڭلار، زالىملاردەك جازالايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
جازالىساڭلار، زۇلۇم قىلغان ھالدا جازالايسىلەر! — ئەنەس ئالىم
جازالىساڭلار، زۇلۇم قىلغان ھالدا جازالايسىلەر؛ ئاچچىقىڭلارنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىشنىڭ ئورنىغا رھىمسىزچە ئۇرىسىلەر، خاتالىق قىلغان كىشىلەرنى جىنايىتىگە تەڭ كېلىدىغان شەكىلدە ئەمەس ئەكسىچە زالىملارچە جازالايسىلەر، ئۇلارغا قوپاللىق ۋە قاتتىق قوللۇق قىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئۇ ئىشلاردىن يېنىڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار؛ ئاللاھ توسقان كۇفرىلىق، تەكەببۇرلۇق، كۆرەڭلىك ۋە زالىملىقنى تاشلاش، شۇنداقلا ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا يولۇقۇشتىن ساقلىنىڭلار، مەن باشلىغان يولغا كېلىڭلار، مەنزىلىڭلار بەخت - سائادەت بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاتَّقُوا الَّذِي أَمَدَّكُمْ بِمَا تَعْلَمُونَ
سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە، سىلەر بىلىدىغان نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان زاتقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
(132-135) سىلەرگە سىلەر بىلىدىغان تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئەڭ ئەتىۋارلىق ماللىرىڭلار بولغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى، كۈچۈڭلارغا كۈچ قوشىدىغان ئوغۇللارنى، سىلەرنى خىلمۇخىل مېۋىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان باغلارنى، سۇ ئېھتىياجىڭلارنى قامدايدىغان تاتلىق سۇ بۇلاقلىرىنى ئاتا قىلدى. سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمىساڭلار يەنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان ماڭا ئەگەشمىسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنى دۇنيادا قاتتىق ئازابلايدۇ، ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلايدۇ، مەن سىلەرنىڭ بۇ يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىشىڭلاردىن قورقىۋاتىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَدَّكُمْ بِأَنْعَامٍ وَبَنِينَ
ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى ۋە ئوغۇللارنى بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە ئوغۇللار ئاتا قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَجَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى، ئوغۇللارنى، باغلارنى، بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
يەنە باغلارنى ۋە بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
باغلار ۋە بۇلاقلار بەردى. — ئەنەس ئالىم
-
إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشۈشتىن قورقۇۋاتىمەن». — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَوَعَظْتَ أَمْ لَمْ تَكُنْ مِنَ الْوَاعِظِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بەرىبىر بىزگە ئوخشاش — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «نەسىھەت قىلامسەن، قىلمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ۋەز - نەسىھەت قىلامسەن ياكى ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر. — ئەنەس ئالىم
ھۇد ئۇلارغا ئەنە شۇنداق سەمىمىي نەسىھەت ۋە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قىلدى. ئۇلار بولسا، ئەدەپسىزلىك ۋە قوپاللىق بىلەن ھۇدقا مۇنداق دېدى: «ۋەز - نەسىھەت قىلامسەن ياكى ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىلاردىن بولمامسەن، بىز ئۈچۈن بەرىبىر؛ بىز سېنىڭ سۆزلىرىڭگە پەرۋا قىلمايمىز، يولىمىزدىن يانمايمىز، بىز ئۈچۈن نەسىھەت قىلىشىڭ بىلەن نەسىھەت قىلماسلىقىڭ ئوخشاش، ئوبدان نەسىھەت قىلىدىغانلاردىن ياكى ئوبدان نەسىھەت قىلالمايدىغانلاردىن بولۇشىڭ بىزگە مۇھىم ئەمەس». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ هَٰذَا إِلَّا خُلُقُ الْأَوَّلِينَ
بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت — مۇھەممەد سالىھ
بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئادەت — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئادىتى، خالاس. — ئەنەس ئالىم
(137-138) ئۇلار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتتى: «سەن بىزنى تۇسۇۋاتقان ئىشلار (بىزنىڭ دىنىمىز، ئېگىز بىنا ۋە ئالىي سارايلارنى سېلىش) بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئادىتى، يولى ۋە تۇرمۇش شەكلىدۇر. بىز بولساق ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭىمىز، ئادىتىنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز بۇ قىلمىشىمىز ئۈچۈن ھەرگىزمۇ ئازابلانمايمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا نَحْنُ بِمُعَذَّبِينَ
بىز ھەرگىز جازالانمايمىز» — مۇھەممەد سالىھ
ۋە بىز جازالانغۇچىلار ئەمەسمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزگە ھەرگىزمۇ ئازاب قىلىنمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
فَكَذَّبُوهُ فَأَهْلَكْنَاهُمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۇلار ئۇنى (يەنى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى بىز ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھۇدنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
دېمەك، ئۇلار ھۇدنى يالغانچى دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ھۇدنى يالغانچىغا چىقىرىشتا ئەزۋەيلىدى؛ ئىنكار قىلىشنى ۋە قارشى چىقىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ تەرسا قەۋمنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. شۈبھىسىزكى، ھۇدنىڭ مەزكۇر ئەدەپسىز، مۇتەكەببىر ۋە قالاق قەۋمىگە سەمىمىيلىك بىلەن نەسىھەت قىلىشى ۋە ئاخىرىدا غەلىبە قىلىشى، تەرسا قەۋمىنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى تۇرۇشى ۋە ئاخىرىدا ئىلاھىي جازاغا يولۇقۇپ ھالاك بولۇشى قاتارلىق ئىشلاردا چوقۇم ئىبرەت بار؛ ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئاسىيلارنى ئادالىتى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! ھۇدنىڭ قىسسەسىدە ئەنە شۇنداق ئىبرەتلەر بار تۇرۇقلۇق ئۇ قىسسىنى بىلىدىغان بۇ قەۋمىڭنىڭ تولىسى ئىمان كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە، زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. ئەسكەرتىش: ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە قېتىم زىكىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسلىنىپ، بۇ قىسسىنىڭ خۇلاسىسى ئەڭ باشتا زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَذَّبَتْ ثَمُودُ الْمُرْسَلِينَ
سەمۇد (خەلقى) پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
سەمۇد -خەلقى- پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سەمۇد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەمۇد قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلار دەۋەت قىلغان ھەقىقەتنى رەت قىلدى. سەمۇد قەۋمى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ صَالِحٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىنداشلىرى سالىھ ئېيتتى: «قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى سالىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىندىشى بولغان سالىھ بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ كەلگەن ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانساڭلار بولمامدۇ؟ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەرك ئېتىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن؛ سىلەرنى نىجاتلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى سىلەرگە كەم - زىيادە قىلماستىن ئەينەن يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار؛ ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، مەن توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىمەن — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ
تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرنى ھەق يولغا دەۋەت قىلغانلىقىم (مەنپەتىڭلار بولغان ئىشلارغا بۇيرۇغانلىقىم ۋە زىيىنىڭلار بولغان ئىشلاردىن توسقانلىقىم) ئۈچۈن، سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغان ئاللاھ بېرىدۇ. دېمەككى، مەن سىلەرگە خالىس نەسىھەتچىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَتُتْرَكُونَ فِي مَا هَاهُنَا آمِنِينَ
سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟) — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر بۇ يەرلەردە خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر بۇ يەردە خاتىرجەم قويۇۋېتىلەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
(146-149) سىلەر: «ئاللاھ بىزنى بۇ خاتىرجەم ۋە پاراۋان تۇرمۇشىمىزدا قويۇۋېتىدۇ، بىزدىن نېمەتلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالمايدۇ، كۇفرىلىق قىلساقمۇ بىزنى جازالىمايدۇ» دەپ ئويلامسىلەر؟ يەنى سىلەر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ تۇرۇقلۇق بۇ باغلار، بۇلاقلار، زىرائەتلەر ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلىرىڭلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ياشاشنى، ئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى ئويۇپ ئۆيلەرنى ياساشنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟) — مۇھەممەد سالىھ
باغچىلاردىن ۋە بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولغان — تەرجىمە ھەيئىتى
باغلار ۋە بۇلاقلاردىن، — ئەنەس ئالىم
-
وَزُرُوعٍ وَنَخْلٍ طَلْعُهَا هَضِيمٌ
سىلەر بۇ يەرلەردە، باغچىلاردىن، بۇلاقلاردىن، زىرائەتلەردىن، يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولۇپ خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز (دەپ ئويلامسىلەر؟) — مۇھەممەد سالىھ
ۋە زىرائەتلەردىن ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولغان ھالدا خاتىرجەم ھالدا داۋاملىق قالىمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
زىرائەتلەر ۋە يۇمشاق پىشقان خورمىلاردىن بەھرىمەن بولارمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
-
وَتَنْحِتُونَ مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا فَارِهِينَ
ئۇستىلىق بىلەن تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
خۇشال ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي ياسامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
تاغلاردىن ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ ئۆيلەر ياسارمىز دەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئۇنداق ئويلىغان بولساڭلار خاتا ئويلىغان بولىسىلەر، باياشاتلىق، خاتىرجەملىك ۋە بىناكارلىقتا ئۇستىلىق ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلەردۇر. بۇ نېمەتلەر سىلەرگە مەڭگۈ باقىي ئەمەس؛ ئاللاھ يېقىندا ئۇلارنىڭ ھېسابىنى سىلەردىن ئالىدۇ، شۇڭلاشقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار، مېنىڭ نەسىھىتىمنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ماڭا ئەگىشىڭلار، چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تُطِيعُوا أَمْرَ الْمُسْرِفِينَ
زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار. — ئەنەس ئالىم
(151-152) ئىچىڭلاردا بۇزغۇنچىلىقتىن باشقا ئىش قىلمايدىغان، يۇرتنىڭ ۋە ئاھالىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلمايدىغان، شېرىك كەلتۈرۈش، كۇفرىلىق قىلىش ۋە ھەقىقەتكە قارشى چىقىشقا چاقىرىۋاتقان كاتتىباشلىرىڭلارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماڭلار، ئۇنداق چوڭلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلماڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ
زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلماڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە ئىسلاھ قىلمايدىغانلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئىسلاھ قىلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا إِنَّمَا أَنْتَ مِنَ الْمُسَحَّرِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن سېھىر قىلىنغانلاردىنسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «سەن قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىنسەن. — ئەنەس ئالىم
(153-154) ئۇلار سالىھنىڭ بۇ سەمىمىي نەسىھەت ۋە جىددىي ئاگالاندۇرۇشلىرىغا قوپاللىق ۋە ئەخمەقلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئى سالىھ! سەن كۈچلۈك سېھىرنىڭ تەسىرىدە قېلىپ ئەقلىڭدىن ئېزىپسەن. سەن بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسەن؛ سېنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭ يوق، سەن قانداق بولۇپ بىزگە پەيغەمبەر بولغۇدەكسەن؟! ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا راستچىللاردىن بولىدىغان بولساڭ، بىزگە پەيغەمبەرلىكىڭنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر مۆجىزە كۆرسەتكىن!» — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا أَنْتَ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا فَأْتِ بِآيَةٍ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن» — مۇھەممەد سالىھ
سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسانسەن، ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان. ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ قېنى بىرەر مۆجىزە كەلتۈرۈپ باققىن!» — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ هَٰذِهِ نَاقَةٌ لَهَا شِرْبٌ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
سالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
سالىھ ئېيتتى: «بۇ بىر چىشى تۆگىدۇر، ئۇنىڭ بىر ئىچمە ھەققى باردۇر، سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈنىڭلار باردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سالىھ ئېيتتى: «ئۇ مۆجىزە بۇ چىشى تۆگىدۇر. ئۇنىڭ بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتى بار، سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتىڭلار بار. — ئەنەس ئالىم
(155-156) ئۇ ئەسنادا ئاللاھ سالىھقا مۆجىزە سۈپىتىدە بىر چىشى تۆگە بەردى، شۇنىڭ بىلەن سالىھ ئۇلارغا ئۇ تۆگىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئاللاھنىڭ مۆجىزە تۆگىسىدۇر. ئۇنىڭ بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتى بار بولۇپ ئۇ كۈندە پەقەت بۇ تۆگە سۇ ئىچىدۇ، سىلەر ئىچمەيسىلەر. سىلەرنىڭمۇ مۇئەييەن بىر كۈن سۇ ئىچىش نۆۋىتىڭلار بار بولۇپ، ئۇ كۈندە تۆگە سۇ ئىچمەيدۇ، پەقەت سىلەر ئىچىسىلەر. بۇ تۆگىگە چېقىلماڭلار، ئۇنىڭغا ھېچقانداق يامانلىق قىلماڭلار، ناۋادا ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق قىلىپ قويساڭلار ناھايىتى دەھشەتلىك بىر كۈندە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابُ يَوْمٍ عَظِيمٍ
ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەر بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا يامانلىق قىلماڭلار، بولمىسا سىلەرگە بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى چۈشىدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
فَعَقَرُوهَا فَأَصْبَحُوا نَادِمِينَ
ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەمما ئۇلار ئۇ چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نادامەتكە قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بۇنىڭغا قارىماي ئۇ تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، ئارقىسىدىنلا پۇشايمان قىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار سالىھنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن كۆرسىتىلگەن بۇ مۆجىزە تۆگىنى پۇتلىرىنى كېسىپ ئۆلتۈردى، ئاندىن ئازابقا يولۇقىدىغانلىغا جەزم قىلغان چېغىدا پۇشايمان قىلدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَخَذَهُمُ الْعَذَابُ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئازاب چۈشتى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
لېكىن كېيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمىدى؛ ئۇلارنى ئاللاھ ئازاب ئەۋەتىپ ھالاك قىلىۋەتتى، سالىھنى ۋە مۇئمىنلارنى قۇتقۇزدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ سەمۇد قەۋمىگە سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى، سالىھنىڭ ئۇ قەۋمنى يىللارچە سەۋرچانلىق بىلەن توغرا يولغا دەۋەت قىلىشى، دەۋەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى، قارشى چىققانلارنىڭ ھالاك بولۇشى... قاتارلىق ئىشلاردا چوقۇم ئىبرەت بار؛ ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئاسىيلارنى ئادالىتى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! سالىھنىڭ قىسسىسىدە ئەنە شۇنداق ئىبرەتلەر بار تۇرۇقلۇق ئۇ قىسسىنى بىلىدىغان بۇ قەۋمىڭنىڭ تولىسى ئىمان كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە، زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. ئەسكەرتىش: سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە قېتىم زىكىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىسسەنىڭ خۇلاسىسى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسلىنىپ، بۇ قىسسە ئەڭ باشتا زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ الْمُرْسَلِينَ
لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! لۇتنىڭ قەۋمى ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلار دەۋەت قىلغان ھەقىقەتنى رەت قىلدى. لۇتنىڭ قەۋمى ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ لَهُمْ أَخُوهُمْ لُوطٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىنداشلىرى لۇت ئېيتتى: «سىلەر قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا قېرىندىشى لۇت مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەۋادار بولمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قېرىندىشى بولغان لۇت بىرنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ كەلگەن ۋە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانساڭلار بولمامدۇ؟ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەرك ئېتىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن؛ سىلەرنى نىجاتلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى سىلەرگە كەم - زىيادە قىلماستىن ئەينەن يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار؛ ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، مەن توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ
تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرنى ھەق يولغا دەۋەت قىلغانلىقىم (مەنپەئەتىڭلار بولغان ئىشلارغا بۇيرۇغانلىقىم ۋە زىيىنىڭلار بولغان ئىشلاردىن توسقانلىقىم) ئۈچۈن، سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغان ئاللاھ بېرىدۇ. دېمەككى، مەن سىلەرگە خالىس نەسىھەتچىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَتَأْتُونَ الذُّكْرَانَ مِنَ الْعَالَمِينَ
سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن ئەرلەر بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئالەملەرنىڭ ئىچىدىن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولامسىلەر؟[3]، — ئەنەس ئالىم
(165-166) بارلىق جاھان ئەھلى ئىچىدىن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولۇش قەبىھلىكىنى سىلەر قىلامسىلەر؟ ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىم قىلمىغان بۇ قەبىھ ئىشنى سىلەر قىلامسىلەر؟، رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تەرك ئېتەمسىلەر؟ ئەسلىدە سىلەر ھەددىڭلاردىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَذَرُونَ مَا خَلَقَ لَكُمْ رَبُّكُمْ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ عَادُونَ
سىلەر ئەھلى جاھان ئىچىدىن لىۋاتە قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن (بۇزۇقچىلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تاشلاپ قويامسىلەر؟ سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياراتقان ئاياللىرىڭلارنى تەرك ئېتەمسىلەر؟ بەلكى سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر». — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ يَا لُوطُ لَتَكُونَنَّ مِنَ الْمُخْرَجِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر (دەۋىتىڭدىن) قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى لۇت! ئەگەر -دەۋىتىڭدىن- قايتمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئى لۇت! ئەگەر بۇ سۆزلىرىڭدىن يانمىساڭ، چوقۇم سۈرگۈن قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى لۇتنىڭ ئەيىبلىشىگە ۋە تەرك ئېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشىغا دەرغەزەپ بولۇپ: «ئى لۇت! ئەگەر بىزنى ئەيىبلەشنى تەرك ئەتمەيدىغان بولساڭ، سېنى يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ إِنِّي لِعَمَلِكُمْ مِنَ الْقَالِينَ
لۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن — مۇھەممەد سالىھ
لۇت ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىقىڭلاردىن قاتتىق يىرگىنىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
لۇت مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ قىلىمىشىڭلارنى قاتتىق يامان كۆرگۈچىلەردىنمەن. — ئەنەس ئالىم
(168-169) لۇت ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ قىلىمىشىڭلارنى قاتتىق يامان كۆرگۈچىلەردىنمەن؛ بۇ قەبىھ قىلمىشىڭلاردىن قاتتىق نەپرەت قىلىمەن، سىلەرنى ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى، ئاندىن بىزگە ئىلتىجا قىلىپ: «رەببىم! مېنى ۋە ئائىلە تەۋەيىمنى بۇ جاھىللارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن، زىيانكەشلىكىدىن قوغدىغىن، ئۇلارغا ئازاب ئەۋەتكەن چېغىڭدا قۇتقۇزغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
رَبِّ نَجِّنِي وَأَهْلِي مِمَّا يَعْمَلُونَ
پەرۋەردىگارىم! قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئۇلارغا كېلىدىغان ئازابتىن) مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى قۇتقۇزغىن» — مۇھەممەد سالىھ
رەببىم! مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قۇتقۇزغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىم! مېنى ۋە ئائىلە - تاۋابىئاتىمنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قۇتقۇزغىن». — ئەنەس ئالىم
-
فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ أَجْمَعِينَ
ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم
(170-173) شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق؛ لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي خوتۇنىدىن باشقا پۈتكۈل ئائىلە تەۋەسىنى قۇتقۇزدۇق، ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق؛ قاتتىق ئاۋاز ئەۋەتتۇق، تۇرغان يەرلىرىنى ئۇلار بىلەن قوشۇپ كۆمتۈرۈۋەتتۇق ۋە ئۈستىگە تاش ياغدۇردۇق. ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرۇلغان بۇ تاش يامغۇرى نېمىدېگەن يامان يامغۇر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا عَجُوزًا فِي الْغَابِرِينَ
پەقەت موماينى (يەنى لۇتنىڭ ئايالىنى قالدۇرۇپ قويۇپ) ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
موماي مۇستەسنا. ئۇنى ھالاك بولغۇچىلار ئىچىدە قالدۇرۇپ قويدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ھالاك بولغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالغان موماي بۇنىڭدىن مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ دَمَّرْنَا الْآخَرِينَ
ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن قالغانلارنى ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن باشقىلارنى ھالاك قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَسَاءَ مَطَرُ الْمُنْذَرِينَ
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر ياغدۇردۇق، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يامغۇرى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) بىر ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە بىر ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئۇ ئازغۇن قەۋمگە لۇتنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى، لۇتنىڭ ئۇ قەۋمنى يىللارچە سەۋرچانلىق بىلەن توغرا يولغا دەۋەت قىلىشى، ئۇ قەۋمنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان سەمىمىي نەسىھەت ۋە جىددىي ئاگانلاندۇرۇشلارغا قارشى چىقىپ ئاخىرى ھالاك بولۇشى... قاتارلىق ئىشلاردا چوقۇم ئىبرەت بار؛ ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئاسىيلارنى ئادالىتى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! لۇتنىڭ قىسسىسىدە ئەنە شۇنداق ئىبرەتلەر بار تۇرۇقلۇق ئۇ قىسسىنى بىلىدىغان بۇ قەۋمىڭنىڭ تولىسى ئىمان كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە، زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. ئەسكەرتىش: لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە قېتىم زىكىر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قىسسىنىڭ خۇلاسىسى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئاساسلىنىپ، بۇ قىسسە ئەڭ باشتا زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَذَّبَ أَصْحَابُ الْأَيْكَةِ الْمُرْسَلِينَ
ئەيكىلىقلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەيكە خەلقىمۇ پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقاردى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەيكەلىكلەر ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەيكەلىكلەر ئەلچىلەرنى يالغانچى دېيىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئەلچىلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلار دەۋەت قىلغان ھەقىقەتنى رەت قىلدى. ئەيكەلىكلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ لَهُمْ شُعَيْبٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر (ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا شۇئەيب ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەر قورقمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا شۇئەيب مۇنداق دېگەن ئىدى: «تەقۋادار بولمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا بىزنىڭ ئەلچىمىز بولغان شۇئەيب مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئەيكەلىكلەر! ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا دۇچار بولۇشتىن قورقمامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانساڭلار بولمامدۇ؟ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەرك ئېتىڭلار، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە سادىق پەيغەمبەرمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىشەنچلىك بىر پەيغەمبەرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن؛ سىلەرنى نىجاتلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى سىلەرگە كەم - زىيادە قىلماستىن ئەينەن يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار؛ ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىڭلار، مەن توسقان ئىشلاردىن يېنىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ الْعَالَمِينَ
تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن تىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، ئۇنى پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببىدىن تىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن بۇ تەبلىغ ئۈچۈن سىلەردىن ئەجىر تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ ئەجرىمنى ئالەملەرنىڭ رەببى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
مەن سىلەرنى ھەق يولغا دەۋەت قىلغانلىقىم (مەنپەتىڭلار بولغان ئىشلارغا بۇيرۇغانلىقىم ۋە زىيىنىڭلار بولغان ئىشلاردىن توسقانلىقىم) ئۈچۈن، سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ بارلىقىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغان ئاللاھ بېرىدۇ. دېمەككى، مەن سىلەرگە خالىس نەسىھەتچىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوْفُوا الْكَيْلَ وَلَا تَكُونُوا مِنَ الْمُخْسِرِينَ
ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بېرىڭلار، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئۆلچەمنى تولدۇرۇپ بېرىڭلار، كەم بەرگۈچىلەردىن بولماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
كەمچەننى تولۇق تۇتۇڭلار، زىيان تارتقۇزغۇچىلاردىن بولماڭلار. — ئەنەس ئالىم
(181-183) ئى ئەيكەلىكلەر! كەمچەننى ۋە تارازىنى توغرا تۇتۇڭلار، بىرەر نەرسە كەمچەنلىگەن ياكى تارتقان چېغىڭلاردا باشقىلارنىڭ ھەققىنى كېمەيتىپ ئۇلارغا زىيان سالماڭلار؛ ئالغاندا تولۇق ئېلىپ بەرگەندە كەم بېرىدىغان ئىشنى قىلماڭلار، ئالغاندمىۇ بەرگەندىمۇ ئوخشاش ئۆلچەڭلار، ھەققانىي بولۇڭلار. ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە توغرا يولدىن توسۇش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىقلارنى تەرك ئېتىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَزِنُوا بِالْقِسْطَاسِ الْمُسْتَقِيمِ
(نەرسىلەرنى) توغرا تارازىدا تارتىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
نەرسىلەرنى توغرا تارازىدا تارتىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
توغرا ئۆلچەم بىلەن ئېغىرلىق ئۆلچەڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى (يەنى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ھەقلىرىنى) كەم بەرمەڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار — مۇھەممەد سالىھ
كىشىلەرگە نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار ۋە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ پىتنە ـ پاسات تېرىماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلارنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار، بۇ زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
وَاتَّقُوا الَّذِي خَلَقَكُمْ وَالْجِبِلَّةَ الْأَوَّلِينَ
سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان ئاللاھتىن قورقۇڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى خەلقلەرنى ياراتقان زاتقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
شۇئەيب سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئېيتتى: «سىلەرنى ۋە ئىلگىرىكى خەلقلەرنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا إِنَّمَا أَنْتَ مِنَ الْمُسَحَّرِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «سەن سېھىر قىلىنغۇچىلاردىنسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «سەن سېھىر قىلىنغۇچىلاردىنسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، سەن قاتتىق سېھىرلەنگەنلەردىنسەن. — ئەنەس ئالىم
(185-187) ئەيكەلىكلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشتىن كېيىن قىلغان ئەڭ چوڭ گۇناھى ئۆلچەمنى كەم تۇتۇپ ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئىدى. شۇڭلاشقا شۇئەيب ئۇلارنى تەۋھىدكە بۇيرۇپ شېرىكتىن توسقاندىن كېيىن، بۇ گۇناھتىن يېنىشقا بۇيرۇغان، ئۇلار بولسا شۇئەيبنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېين كۇفرىلىقتا ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى شۇئەيب! سەن كۈچلۈك سېھىرنىڭ تەسىرىدە قېلىپ ئەقلىڭدىن ئېزىپسەن. سەن بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسەن؛ سېنىڭ بىزدىن بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭ يوق، سەن قانداق بولۇپ بىزگە پەيغەمبەر بولغۇدەكسەن؟! سەن بىزنىڭچە چوقۇم يالغانچىلاردىنسەن. سەن ئەگەر پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا راستچىللاردىن بولىدىغان بولساڭ، ئۈستىمىزگە ئازاب سۈپىتىدە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرۈپ بىزنى جازالىغىن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَنْتَ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَإِنْ نَظُنُّكَ لَمِنَ الْكَاذِبِينَ
سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش (ئاددى) ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن، سېنى بىز ھەقىقەتەن يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن خۇددى بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان. بىزنىڭچە سەن چوقۇم يالغانچىلاردىن. — ئەنەس ئالىم
-
فَأَسْقِطْ عَلَيْنَا كِسَفًا مِنَ السَّمَاءِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
ئەگەر (سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرگىن» — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە ئاسماندىن ئازاب چۈشۈرگىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، ئۈستىمىزگە ئاسماندىن پارچىلار چۈشۈرگىن». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ رَبِّي أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ
شۇئەيب ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
شۇئەيب ئېيتتى: «رەببىم سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇئەيب: «رەببىم قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
شۇئەيب: «رەببىم سىلەرنىڭ بۇ يامان قىلمىشىڭلارنى ۋە سىلەر تېگىشلىك بولغان ئازابنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ئۇ ئازابنى چۈشۈرۈپ سىلەرنى جازالايدۇ. مەن بولسام ئۇنىڭ ئەلچىسى، ۋەزىپەم سىلەرگە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشتۇر، مەن ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم، سىلەردىن ھېساب ئېلىش ۋە تېگىشلىك بولغان جازايىڭلارغا دۇچار قىلىش رەببىمنىڭ ئىشىدۇر، رەببىمنىڭ سىلەرنى قاچان ۋە قانداق شەكىلدە جازالايدىغانلىقىنى مەن بىلمەيمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَكَذَّبُوهُ فَأَخَذَهُمْ عَذَابُ يَوْمِ الظُّلَّةِ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇئەيبنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى ھالاك قىلدى. ئۇ ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابى ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
دېمەك، ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچى دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سايە كۈنىنىڭ ئازابى تۇتتى. ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ كۈننىڭ ئازابى ئىدى[4]. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار شۇئەيبنى يالغانچىغا چىقىرىشتا ئەزۋەيلىدى؛ ئۇنى ئىنكار قىلىشنى ۋە قارشى چىقىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارغا باشتا قاتتىق ئىسسىق ئەۋەتتى، ئاندىن بىر تۈرلۈك بۇلۇت ئەۋەتتى. ئۇلار ئىسسىقتىن قېچىپ سايىداش ئۈچۈن ھەممىسى بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ بۇلۇتنىڭ ئاستىغا يىغىلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇ بۇلۇتتىن ئازاب يامغۇرى ياغدۇرۇپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى، ئۇ ھەقىقەتەن چوڭ كۈننىڭ ئازابى ئىدى. ئەسكەرتىش: شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، 7 - سۈرە (ئەئراف)نىڭ 91 - ئايىتىدە ۋە 29 - سۈرە (ئەنكەبۇت)نىڭ 37 - ئايىتىدە «شىددەتلىك زىلزىلە» بىلەن، 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 94 - ئايىتىدە «دەھشەتلىك ئاۋاز» بىلەن، بۇ ئايەتتە بولسا «سايە كۈنىنىڭ ئازابى» بىلەن جازالاندۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. دېمەككى، ھاۋادا بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارغا سايە سالغان، ئۇلار بۇلۇتنىڭ ئاستىدا سۆرۈنلۈك، سالقىنلىق ۋە راھەت بار دەپ ئويلاپ، بىر - بىرىنى چاقىرىشىپ، ھەممىسى سايىنىڭ ئاستىغا تولۇق جەم بولغاندا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ئۈستۈن تەرەپتىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئۇچقۇن ۋە چوغلارنى ئەۋەتكەن، ئاستىن تەرەپتىن يەرنى قاتتىق تەۋرەتكەن. نەتىجىدە ئۇلار ھالاك بولغان. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلار قۇتۇلغان. بۇ قىسسەنىڭ خۇلاسىسى، بۇ قىسسە ئەڭ باشتا بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً ۖ وَمَا كَانَ أَكْثَرُهُمْ مُؤْمِنِينَ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە (چوڭ) ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولمىدى — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭدا ئەلۋەتتە مېنى ۋە تەۋەلىرىمنى ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچىلاردىن بولمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا چوقۇم ئايەت بار. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى مۇئمىن بولمىدى. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئەيكەلىكلەرگە شۇئەيبنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى، شۇئەيبنىڭ ئۇلارنى يىللارچە سەۋرچانلىق بىلەن توغرا يولغا دەۋەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قىلىنغان سەمىمىيي نەسىھەت ۋە جىددىي ئاگانلاندۇرۇشلارغا قارشى چىقىپ ئاخىرى ھالاك بولۇشى... قاتارلىق ئىشلاردا چوقۇم ئىبرەت بار؛ ئۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى چەكسىز ئىكەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئاسىيلارنى ئادالىتى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ۋە ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇھەممەد! شۇئەيبنىڭ قىسسەسىدە ئەنە شۇنداق ئىبرەتلەر بار تۇرۇقلۇق ئۇ قىسسەنى بىلىدىغان بۇ قەۋمىڭنىڭ تولىسى ئىمان كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ رەببىڭ ھەقىقەتەن ناھايىتى غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرىتى ۋە ئالاھىدە ئىلتىپاتى بىلەن ساڭا ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت، غەلىبە، زەپەر ئاتا قىلىدۇ، ساڭا قارشى چىققانلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھالاك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلىرىڭنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن. خۇلاسە: ئاللاھ تائلا 11 ~ 191 - ئايەتلەردە مۇسا، ئىبراھىم، نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملاردىن ئىبارەت يەتتە پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي ۋە بېشارەت بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ تەبلىغ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، ئۇ پەيغەمبەرلەر باشلىغان يولنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە قۇتۇلۇشى، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ھالاك بولۇشى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى، ئەگەشمىگەنلەرنىڭ ئىلاھىي جازاغا يولۇقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى، ئەگەشمىگەنلەرنىڭ جازاغا يولۇقۇشى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى بولۇپ (سۇننەتۇللاھ) بولۇپ، بۇ قانۇن قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگىدۇر. ئەسكەرتىش: ئايەتلەردە بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنىڭ باشلىنىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزى ئەۋەتىلگەن كىشىلەرنى تەۋھىدكە بۇيرۇيدۇ، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىشەنچلىك ئەلچى ۋە خالىس نەسىھەتچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا نىجاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزى باشلىغان يولغا كىرىپ مېڭىشى لازىملىقىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن ئۇلارنى گۇناھلاردىن، بولۇپمۇ ئۆز زامانىدا قىلىنىۋاتقان چوڭ گۇناھتىن توسىدۇ. گۇناھ - ئىنساندىن ياكى جىندىن بولغان شەيتانغا ئەگىشىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن يامانلىقتۇر. شەيتانلارنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى «تاغۇت»تۇر. دېمەككى، تارىخ بويىچە كەلگەن ھەر پەيغەمبەر ئىنسانلارنى تەۋھىدكە بۇيرۇش، تاغۇتقا ئىتائەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن كەلگەن. ئاللاھ تائالا 1 ~ 9 ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېلان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، تەرسا كافىرلار ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن قايغۇرماسلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ ۋە تەسەللىي بېرىدۇ، كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 11 ~ 191 - ئايەتلەردە بىرقانچە پەيغەمبەر (مۇسا، ئىبراھىم، نۇھ، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيسسالاملار)نىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەكىتلەيدۇ. ئاندىن 192 ~ 196 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەرەبچە تىل بىلەن نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئەڭ باشتىكى ماۋزۇنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُ لَتَنْزِيلُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، ساڭا بۇ قۇرئاننى ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى دااۋملاشتۇرغۇچى بولغان ئاللاھ نازىل قىلدى؛ بۇ كىتابنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكى ۋە سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭ راستتۇر، ھەقىقەتتۇر. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاننى، ئىنسانلارغا چۈشەنگەنسېرى ئاز - ئازدىن ۋە ئاستا - ئاستا ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق، شۇنداقلا تەدرىجىي نازىل قىلدۇق». «كافىرلار: ‹قۇرئان مۇھەممەدكە نېمىشقا بىراقلا نازىل قىلىنمىدى؟› دېدى. ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئان بىلەن سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۇنى مۇشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى دانە - دانە ئوقۇپ بەردۇق». «ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى ساڭا بىز نازىل قىلدۇق». بۇ ئايەتلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر قەتئىي دالالەت قىلىدۇكى، قۇرئان كەرىمنى ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان؛ قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
نَزَلَ بِهِ الرُّوحُ الْأَمِينُ
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنى ئىشەنچلىك رۇھ ئېلىپ چۈشتى، — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاننى ساڭا ئىشەنچلىك رۇھ ئېلىپ چۈشتى، «ئىشەنچلىك روھ» - جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عَلَىٰ قَلْبِكَ لِتَكُونَ مِنَ الْمُنْذِرِينَ
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇڭ ئۈچۈن سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى، — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلىپ، ئۇنى قەلبىڭە ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز ئىنسانلارنى ئۇ قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشىڭ ئۈچۈندۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنىىشى، ئۇنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈندۇر. دەرۋەقە قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ مۆجىزە كىتاب بولۇشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، ئۇنى ئاللاھ تائالادىن تاپشۇرۇۋېلىپ يەتكۈزگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. قىيامەتكە قەدەر قۇرئان يېتىشكەن ھەر ئىنساننى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرئانغا بويسۇنۇشى لازىملىقى، ئەكسى تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندرغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بِلِسَانٍ عَرَبِيٍّ مُبِينٍ
(قۇرئان) ئوچۇق ئەرەبى تىلدا (نازىل بولدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئوچۇق ئەرەب تىلى بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئوچۇق ئەرەبچە تىل بىلەن. — ئەنەس ئالىم
بىز قۇرئاننى ساڭا ئوچۇق ئەرەبچە تىل بىلەن نازىل قىلدۇق. قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە نازىل قىلىنىشىنىڭ ھېكمىتى توغرىسىدا 12 - سۈرە (يۇسۇف)نىڭ 2 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُ لَفِي زُبُرِ الْأَوَّلِينَ
ھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى (پەيغەمبەرلەرنىڭ) كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن قۇرئان ئىلگىرىكى كىتابلاردا تىلغا ئېلىنغان — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، قۇرئان چوقۇم بۇرۇنقىلارنىڭ كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، قۇرئان چوقۇم بۇرۇنقىلارنىڭ كىتابلىرىدا زىكىر قىلىنغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى نازىل قىلىغان كىتابلىرىدا بېشارەت بەرگەن، ئايەتلەرنىڭ خۇلاسە مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: ئى مۇھەممەد! بىز بۇ قۇرئاننى ساڭا، ئىنسانلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىپ قوبۇل قىلمىغانلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق، ئەرەبچە تىلدا نازىل قىلىپ سېنىڭ قەلبىڭگە ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ قۇرئان بىز ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىمىزگە نازىل قىلغان كىتابلاردا زىكىر قىلىنماقتىدۇر. ئاللاھ تائالا 192 ~ 196 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى كىتابلىرىدا زىكىر قىلغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى بايان قىلىدۇ. 197 ~ 203 - ئايەتلەردە بولسا، تەرسالىق قىلىپ قۇرئان كەرىمگە ئىمان كەلتۈرمىگەن مۇشرىكلارغا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزى نازىل قىلغان كىتاب، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ئەۋەتكەن ئەلچى ئىكەنلىكىگە يەنە بىر دەلىل كەلتۈرۈپ رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَلَمْ يَكُنْ لَهُمْ آيَةً أَنْ يَعْلَمَهُ عُلَمَاءُ بَنِي إِسْرَائِيلَ
(ئابدۇللا ئىبنى سالام ۋە ئۇنىڭ ئىمان ئېيتقان ھەمراھلىرىغا ئوخشاش) بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا (قۇرئاننىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل بولمامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى مۇشرىكلارغا دەلىل بولمامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىلىشى ئۇلار ئۈچۈن دەلىل بولمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ راستلىقىغا، قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىكى ۋە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىلاھىي كىتابلاردا زىكىر قىلىنىشى دالالەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىنىڭ قۇرئاننى بىزنىڭ نازىل قىلىغانلىقىمىزنى بىلىشىمۇ دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ئۆلىمالارنىڭ بۇنى بىلىشى، ئىمان كەلتۈرۈشى ۋە سورىغانلارغا بۇنى ئېيتىپ بېرىشى سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ راستىلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا دەلىل بولمامدۇ؟ ئەسكەرتىش: بۇ ئۆلىمالار بەنى ئىسرائىلنىڭ ياخشى ئۆلىمالىرى بولۇپ، ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆز كىتابلىرىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ نَزَّلْنَاهُ عَلَىٰ بَعْضِ الْأَعْجَمِينَ
ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەجەملەرنىڭ بىرىگە نازىل قىلغان بولساق، — ئەنەس ئالىم
(198-199) ئى مۇھەممەد! بۇ تەرسالار بىزنىڭ بۇ قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلغانلىقىمىزغا ئىشەنمەيۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بىزنىڭ: «ئەگەر قۇرئاننى مۇھەممەد ئويدۇرۇپ چىقتى دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، سىلەرمۇ مۇھەممەدكە ئوخشاش ئەرەب بولغاندىكىن قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېگەن مەنىدىكى تەكلىپىمىز ئالدىدا ئاجىز قېلىۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا قۇرئاننى سېنىڭ ئويدۇرۇپ چىققانلىقىڭنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ. ناۋادا بۇ قۇرئاننى بىرەر ئەرەب كىشىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن بولىدىغان بولسا ۋە سەن ئۇنى ئويدۇرۇپ چىققان بولساڭ، ئۇلارمۇ ئەرەب بولغاندىكىن نېمىشقا قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرە ئويدۇرۇپ چىقالمىدى؟ تەكلىپ قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە، قېنى ئەنە مەيدان! ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئىمان كەلتۈرمەسلىكىگە باھانە كۆرسىتىشتۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار، بىز بۇ قۇرئاننى ساڭا ئەمەس ئەكسىچە ئەرەب بولمىغان بىرەر ئادەمگە نازىل قىلغان ۋە ئۇ ئادەم بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ قۇرئاننى يەتكۈزگەن تەقدىردە يەنىلا ئىشەنمىگەن ۋە: «بۇ ئادەم قۇرئاننى بىرەر ئەرەبتىن ئۆگەندى» دېگەن بولاتتى، چۈنكى ئۇلار ھازىر خىجىل بولماي قۇرئاننى سېنىڭ بىر ئەجەمدىن ئۆگەنلىكىڭنى داۋا قىلىۋاتىدۇ، ناۋادا قۇرئاننى بىر ئەجەم پەيغەمبەر بولۇپ كېلىپ يەتكۈزگەن بولسا، ئۇلار بۇنداق گەپنى ئاللىقاچان دېگەن بولاتتى. شۇنىڭدەك، بىز ناۋادا قۇرئاننى ئەجەمچە تىلدا نازىل قىلغان بولساق، بۇ تەرسالار ئۇ چاغدا «ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟» دېگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقَرَأَهُ عَلَيْهِمْ مَا كَانُوا بِهِ مُؤْمِنِينَ
ئەگەر بىز قۇرئاننى ئەرەب بولمىغان بىر ئادەمگە نازىل قىلغان بولساق، ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ قۇرئاننى ئۇلارغا ئوقۇپ بەرسە، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىشەنمەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
قۇرئاننى ئۇلارغا ئۇ ئوقۇغان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمەيتتى. — ئەنەس ئالىم
-
كَذَٰلِكَ سَلَكْنَاهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ
شۇنىڭدەك گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا ئىشەنمەسلىكنى سالدۇق (ئۇلار قۇرئاننى چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پاساھەت ـ بالاغىتىنى ۋە مۆجىزە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىمان ئېيتمىدى) — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدەك بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى سالدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز قۇرئاننى گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر ئەجەم ئەلچى ئېلىپ كەلگەن تەقدىردە بۇ تەرسالارنىڭ قەلبلىرىگە ئۇنى ئىنكار قىلىشنى كىرگۈزگىنىمىزدەك، ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشنى كىرگۈزىمىز، چۈنكى بۇ تەرسالارنىڭ قارىيىپ ۋە داتلىشىپ كەتكەن قەلبلىرى ھەقنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىنى ۋە ۋەھىينىڭ نۇرى بىلەن يورۇش سالاھىيىتىنى يوقاتقان، شۇڭلاشقا ئۇلار قۇرئاننى پەقەت بۇ شەكىلدىلا (ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلنغان شەكىلدىلا) قوبۇل قىلىدۇ، بىز قۇرئانغا ئىشىنىشنى ئۇلارنىڭ بۇ قارا قەلبلىرىگە مەجبۇرىي كىرگۈزمەيمىز، ئەكسىچە ئۆز پېتىچە تاشلىۋېتىمىز. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا يامان يولنى تاللىغانلارنى ھىدايەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ياخشى ۋە يامان ئىككى يولنى قويۇپ، ئۇلارغا ئۇ يولنىڭ قايسىسىنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن، بۇ ئىختىيارى بىلەن يامان يولنى تاللىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىغان يامان يولدا قويۇپ قويىدۇ. ئايەتنىڭ «تەرسالىقتا ۋە ئىنكاردا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى ئىنكار قىلىشنى كىرگۈزۈپ قويىمىز» دېگەن مەنىدىكى «نسلكه في قلوب المجرمين» قىسمى ئۇلارنى ئۆزلىرى تاللىغان يامان يولدا تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ حَتَّىٰ يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ) قاتتىق ئازابىنى كۆرمىگۈچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەمما ئۇلار قاتتىق ئازابنى كۆرمىگىچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قۇرئانغا ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(201-203) بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگۈچە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇ چاغدىكى ئىشىنىش ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ. ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار ھەسرەت - نادامەت چېكىپ، ئۆزلىرىگە مۆھلەت بېرىلىشىنى ۋە بېرىلگەن مۆھلەت ئىچىدە ياخشى ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ ئارزۇسىنى ئاشكارا ئېيتىدۇ، لېكىن ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىت يامانلىقنىڭ جازاسىنى چېكىش ۋاقتىدۇر. ئاللاھ تائالا 200 ~ 203 - ئايەتلەردە تەرسا مۇشرىكلارنىڭ ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگىچىگە قۇرئان كەرىمگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئەلەملىك ئازابنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىزلا كېلىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ مۆھلەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 204 ~ 209 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ھازىر باياشاتلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشاش ئۈچۈن مەزكۇر ئەلەملىك ئازابنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇ ئازاب كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ باياشاتلىق ئىچىدە ئۇزۇن يىللار ياشىشىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلىشتىكى قانۇنىنى ۋە ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئىبرەت ئېلىشقا، شۇنداقلا پۇرسەت بار چاغدا ئۆزلىرىنى تۈزىتىشكە چاقىرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَيَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ (كەلگەنلىكىنى) تۇيماي قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەمما ئۇ ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ-كەلگەنلىكىنى- تۇيماي قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
فَيَقُولُوا هَلْ نَحْنُ مُنْظَرُونَ
(ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب كەلگەندە) ئۇلار: «بىزگە (ئىمان ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن) مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىزگە مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىزگە مۆھلەت بېرىلەمدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَبِعَذَابِنَا يَسْتَعْجِلُونَ
ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ بۇرۇنراق كېلىشىنى تىلەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئازابىمىزنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنىڭ ئەجەبلىنەرلىك بىر يېرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن مۆھلەتكە ئالدىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ باياشات تۇرمۇشىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئازابىمىزنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئىنكاردا ئەزۋەيلەپ ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ دەرۋەقە مۇشرىكلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلشتىن باشقا، ئىنكارچىلارنىڭ ئىلاھىي ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە ھاماقەتلىكتە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ ئۇ ئازابقا تېز دۇچار بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ تەلەپنى قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارغا ئازابنىڭ دەرھال كەلمگەنلىكىنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَرَأَيْتَ إِنْ مَتَّعْنَاهُمْ سِنِينَ
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى نۇرغۇن يىللار نېمەتلىرىمىزدىن بەھرىمەن قىلساق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتىپ باققىنا! بىز ئۇلارنى ئۇزۇن يىل نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ياشاتساق، — ئەنەس ئالىم
(205-206) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار باياشاتلىق ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن ئۇ ئازابنى ئىنكار قىلىپ شۇنداق تەلەپنى قويىدۇ، ئېيتىپ باققىنا! بىز ئۇلارنى ئۇزۇن يىللار نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ياشاتساق، ئاندىن كېيىن ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۇ نازۇنېمەتلەرنىڭ ئىچىدە شۇنچە ئۇزۇن يىللار ياشىغانلىقى نېمىگە ئاسقاتىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ جَاءَهُمْ مَا كَانُوا يُوعَدُونَ
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن كېيىن ئۇلارغا، ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلسە، — ئەنەس ئالىم
-
مَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يُمَتَّعُونَ
ئېيتىپ باققىنا! ئەگەر ئۇلارنى (نۇرغۇن) يىللار (نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن قىلساق، ئاندىن ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئازاب كەلسە، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى (ئۇلاردىن ئازابنى دەپئى قىلىشتا) ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان نېمەتلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئۇ نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتى بىر نەرسىگە ئەسقاتامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇلارنىڭ ئۇ نازۇنېمەتلەر ئىچىدە ئۆتكەن شۇنچە ئۇزۇن ھاياتى نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ باياشاتلىق ئىچىدە ئۇزۇن ياشاش بىزنىڭ ئازابىمىزغا دالدا بولالامدۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ دالدا بولالمايدۇ، تېگىشلىك بولغانلارغا ۋەدە قىلىنغان ئازاب كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمرى ۋە باياشات تۇرمۇشى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا لَهَا مُنْذِرُونَ
قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگۈچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگىچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ھېچبىر يۇرتنى ئاگاھلاندۇرغۇچىلىرى بولماستىن ھالاك قىلمىدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىلىرىنى ھالاك قىلىۋەتتۇق، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى پەيغەمبەر ئەۋەتىپ يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرماستىن ھالاك قىلمىدۇق؛ ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەۋەتىپ ياخشىلىققا بۇيرۇدۇق، يامانلىقتىن توستۇق، يامانلىقتىن يانمىغان تەقدىردە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئەسلەتتۇق، ئاندىن كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەپ ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق. ھالاك قىلىش بىلەن ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق، لېكىن ئۇلار ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولۇش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ذِكْرَىٰ وَمَا كُنَّا ظَالِمِينَ
قانداقلىكى شەھەر بولمىسۇن، ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتمىگۈچە، ئۇنى ھالاك قىلمىدۇق، (ئۇلارنى جازالاشتا) بىز زالىم بولمىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتمەستىن. بىز زالىم بولمىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر بىرىگە ئەسلىتىلدى. بىز زۇلۇم قىلمىدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى تەرسا مۇشرىكلار! بۇ، سىلەرگە يامان يولدىن يانمىساڭلار ئىلگىرى پەيغەمبەرلىرىگە قارشى چىقىپ ھالاك بولۇپ كەتكەن قەۋملەر دۇچار بولغان يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىڭلارنى ئەسلىتىشتۇر ۋە پۇرسەت بار چاغدا ئۇ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشتىن ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇش توغرىسىدا قىلىنغان نەسىھەتتۇر، چۈنكى بىزنىڭ گۇناھكارنى جازالاش قانۇنىمىز ھەمىشە كۈچكە ئىگىدۇر. بىز ئىنسانلار گۇناھ قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنى دەرھال جازالىمايمىز؛ ئۇلارغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىمىز، تەۋبە قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىمىز، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى جازالايمىز، چۈنكى بىزنىڭ مەرھەمىتىمىز ۋە ئادالىتىمىز بۇنى تەلەپ قىلىدۇ، بىز ئەسلا ناھەقچىلىك قىلمايمىز. مۇشرىكلار قۇرئان كەرىم ھەققىدە، «مۇھەممەد قۇرئان دەپ ئېيتىۋاتقان سۆزلەرنى ئۆزى ئويدۇردى»، «بىر كىشىدىن ئۆگەندى»، «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدىن كۆچۈرتۈۋالدى» دېگەن ناشايان سۆزلەرنى قىلىپ ئىمان كەلتۈرۈشتىن باش تارتقان ئىدى. ئاللاھ تائالا 192 ~ 209 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. شۇنىڭدەك، بەزى مۇشرىكلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە «كاھىن، ساھىر» دەپ، قۇرئان كەرىم ھەققىدە «سېھىر» دەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنى شەيتانلاردىن ئۆگەنگەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە «قۇرئان كاھىننىڭ سۆزى ئەمەس»، «مۇھەممەد ھەرگىزمۇ كاھىن ئەمەس» دېگەن مەنىدىكى سۆزلىرى بىلەن رەددىيە بېرىدۇ. بۇ يەردە (110 ~ 112 - ئايەتلەردە) بولسا ئۇ مۇشرىكلارغا، شەيتاننىڭ قۇرئاننى ئۆگىتىشكە كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈپ رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا تَنَزَّلَتْ بِهِ الشَّيَاطِينُ
قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق — تەرجىمە ھەيئىتى
قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشمىدى. — ئەنەس ئالىم
(210-212) قۇرئاننى مۇھەممەدكە شەيتانلار نازىل قىلمىدى. شەيتانلارنىڭ روھلىرى قارا ۋە نىجىس بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئىلاھىي رەھمەت سۈپىتىدىكى قۇرئاننى ئاللاھتىن تاپشۇرۇۋېلىپ ئۇنى بەلگىلەنگەن پەيغەمبەر مۇھەممەدكە ئېلىپ چۈشۈش مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەيتانلارنىڭ بۇ ئىشقا كۈچىمۇ يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغان. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قۇرئان تۈگۈل، پەرىشتىلەرنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدەك، شەيتانلار قۇرئان مۇھەممەدكە يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئەسنادىمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشالمايدۇ، چۈنكى بىز مۇھەممەد ۋەھىينى تاپشۇرۇلغان ئەسنادا ئۇنىڭ ئەتراپىدا كۆزەتچى پەرىشتىلەر قويىمىز. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 212 - ئايەتكىچە قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. 213 ~ 220 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ۋەزىپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يَنْبَغِي لَهُمْ وَمَا يَسْتَطِيعُونَ
بۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس. ئۇلارمۇ (ئۇنىڭغا) قادىر بولالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئۇلارغا لايىقمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۈچلىرىمۇ يەتمەيدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ ئۇلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇلار بۇنىڭغا قادىرمۇ بولالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّهُمْ عَنِ السَّمْعِ لَمَعْزُولُونَ
شۈبھىسىزكى، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) (ئوغرىلىقچە) تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئۇلار تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى ئۇلار ۋەھىينى تىڭشاشتىن مەنئى قىلىنغان. — ئەنەس ئالىم
-
فَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ فَتَكُونَ مِنَ الْمُعَذَّبِينَ
ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھقا ئىبادەت قىلمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ، ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنداقتا ئاللاھقا قوشۇپ باشقا ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن! بولمىسا ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار ئەنە شۇنداق تەرسالىق قىلىپ ئىمان كەلتۈرمەي ئاخىرى قاتتىق ئازابقا مەھكۇم بولىدۇ. ئۇنداقتا، سەن ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلمىغىن؛ ئاللاھتىن غەيرىيگە يېلىنمىغىن، تېۋىنمىغىن، چوقۇنمىغىن. مۇبادا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنىدىغان بولساڭ، مەزكۇر قاتتىق ئازابقا مەھكۇم قىلىنغۇچىلاردىن بولىسەن. شۇڭلاشقا سەن ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشنى ۋە ئاللاھ تاپشۇرغان تەبلىغ ۋەزىپەڭنى دادىللىق بىلەن ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە ئەگەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شېرىك كەلتۈرگەن تەقدىردە، ئۇنىڭمۇ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن، ئۇنىڭ ئۇممىتىنىڭ ھەربىر ئەزاسى شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلانلاندۇرۇلغان. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىمۇ شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ يامانلىقى بۇ شەكىلدە بىلدۈرۈلىدۇ. ئۇ ئايەتلەردىن بىرىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: ‹ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن› دەپ ۋەھىي قىلىندى». ئاللاھ تائالا 6 - سۈرە (ئەنئام)نىڭ 83 ~ 88 - ئايەتلىرىدە 18 كىشىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىلىرىنىمۇ پەيغەمبەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 88 - ئايەتىنىڭ ئاخىرىدا «وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ (ئەگەردە ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى» دەپ شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ناھايىتى چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى، بۇ گۇناھنى قىلغان كىشىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىش ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇش جازاسى بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ يامانلىقى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەنە شۇنداق بىلدۈرۈلگەن ۋە شېرىكتىن يىراق تۇرۇش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. شۇڭلاشقا ھەر كىشىنىڭ، شېرىككە چۈشۈپ قالماسلىق ھەققىدە پەيغەمبەرلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان يەردە مېنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىم لازىم ئىكەن دېگەن چۈشەنچە بىلەن ياشىشى، شۇنداقلا مۇشرىكلارنىڭ بۇزۇق ئېتىقاد ۋە يامان قىلمىشلىرىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْذِرْ عَشِيرَتَكَ الْأَقْرَبِينَ
يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن — مۇھەممەد سالىھ
يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئىچىدىن ساڭا تۇغقان كېلىدىغانلارنى، ئۇلارنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسى بويىچە ئاگاھلاندۇرغىن، چۈنكى ئۇلار سېنىڭ تەبلىغ قىلىشىڭ كېرەك بولغانلارنىڭ ئىچىدىن ياخشىلىق قىلىشىڭغىمۇ لايىق بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا، شېرىكتىن يانمىسا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ۋە سەن بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغىن. سەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەلچى نقىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر، ۋەزىپەڭ بارلىق ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بولسىمۇ ئاۋۋال تۇغقانلىرىڭنى، ئۇلارنىڭ ساڭا ئەڭ يېقىن تۇغقان كېلىدىغانلىرىدىن باشلاپ ئاگاھلاندۇرغىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بارلىق جەمەت ۋە ئايماقلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارنى شېرىك كەلتۈرۈشتىن ۋە گۇناھ قىلىشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق دوزاخ ئازابىدىن ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئىككى رىۋايەت تۆۋەندىكىچە: 1) رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھ تائالا «ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى نازىل قىلغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سەفا تېغىغا چىقىپ قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ بارلىق جەمەتلىرىنى چاقىرغان ۋە ئۇلارغا ئىسلامنى تەبلىغ قىلغان. تەبلىغدىن كېيىن ئەبۇ لەھەب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى) ئاچچىقلاپ: «تەببەن لەكە (تَبًّا لَكَ) - بېشىنى يەيدىغان، ھۇ ئۆلگۈر! بىزنى بۇنىڭ ئۈچۈن چاقىردىڭمۇ؟» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن 111 - سۈرە (مەسەد) نازىل بولغان. 2) رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئاللاھ تائالا «ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى نازىل قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام قۇرەيش جەمەتلىرىنى چاقىردى، ئۇلار يىغىلىپ بولغاندا ئۇلارغا باشتا ئومۇمىي ئىسمى بىلەن، ئاندىن ھەر جەمەتنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىسمى بىلەن چاقىرىپ تۇرۇپ ئايرىپ - ئايرىم ئاگاھلاندۇردى؛ ئۇ مۇنداق دېدى: «ئى قۇرەيش جامائەسى! ئى كەئب ئىبنى لۇئەي جەمەتى! ئۆزۈڭلارنى دوزاخ ئوتىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئى ئابدىمەناف جەمەتى! ئۆزۈڭلارنى دوزاخ ئوتىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئى ھاشىم جەمەتى! ئۆزۈڭلارنى دوزاخ ئوتىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئى ئابدىلمۇتتەلىب جەمەتى! ئۆزۈڭلارنى دوزاخ ئوتىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزۇڭلار، مەن سىلەردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسە دەپئى قىلالمايمەن. ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئاتا تەرەپ ھاممىسى سەفىييە! مەن سەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسە دەپئى قىلالمايمەن. ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مېلىمدىن خالىغىنىڭنى ئالغىن، مەن سەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسە دەپئى قىلالمايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِمَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن — مۇھەممەد سالىھ
ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا مۇلايىم بولغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا كەمتەر بولغىن. — ئەنەس ئالىم
تۇغقانلىرىڭدىن ۋە باشقىلاردىن دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىپ ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلارغا كەمتەر بولغىن؛ ئۇلارغا چىرايلىق سۆز ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارغا كۆيۈمچان بولغىن، كۆڭۈل بۆلگىن. ئەسكەرتىش: كەمتەرلىك گۈزەل ئەخلاقلاردىن بىرى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇئمىنلارغا كەمتەر بولۇشقا بۇيرۇش ئارقىلىق بۇ ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇئمىنلارنىڭ بىر - بىرىگە كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِنْ عَصَوْكَ فَقُلْ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تَعْمَلُونَ
ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدا مەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر خىش ـ ئەقرىبالىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلسا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدا مەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇ تۇغقانلىرىڭ ساڭا ئاسىيلىق قىلسا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن» دېگىن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇ تۇغقانلىرىڭ دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن؛ شېرىك كەلتۈرۈش، گۇناھ قىلىش ۋە تەۋھىدنى قوبۇل قىلماسلىقىڭلارغا نارازىمەن، سىلەرنىڭ بۇ قەبىھ قىلمىشىڭلارغا ئەسلا قوشۇلمايمەن» دېگىن. ئەسكەرتىش: ئۇلارنىڭ قىلمىشىلىرىدىن ئادا - جۇدا بولۇش، ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولۇشنى ئىپادىلىمەيدۇ، شۇڭلاشقا بىر قېتىملىق دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغان ۋە بىر نۆۋەت قىلغان نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ تۇغقانلارنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار بىلەن ئىنسانىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتمەسلىك، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشنى. تەۋبىگە دەۋەت قىلىشنى ۋە ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ بۇزۇق ئېتىقاد ۋە يامان ئىشلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكنى ئىپادىلەپ تۇرۇش لازىم. شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە نۇھ، ھۇد، سالىھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ھەربىرىنىڭ، ئۆز قەۋمىگە نەسىھەت قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغانلىقى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە «ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى مۇنداق دېدى...» دەپ بىلدۈرۈلگەن. دېمەككى، يامان يولدىكىلەرنى ياخشى يولغا دەۋەت قىلىشتىن ۋاز كەچمەسلىك كېرەك، بىر قەۋمنىڭ ئىچىدىن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىغانلار بىلەن بولغان تۇغقانلىقى يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭلاشقا ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغانلار ئۇلارغا كۆيۈنۈشى، تۇغقاندارچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇلارغا ئۇيغۇن پۇرسەتتە، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن، چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ تۇرۇشى لازىم. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغان يۇرت ئاھالىسىنىڭ، شەھەرنىڭ يىراق بىر چېتىدىكى بىر مىللەتدىشىنىڭ ئۇ ئاھىلىگە نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كېلىشى، ئۇ ئاھالىنىڭ بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى ۋە بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن مىللىتىگە ھىدايەت تېپىپ جەننەتكە كىرىشلىرىنى ئارزۇ قىلىشى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرىدىكى تۆت پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئۆزلىرىنى ئىنكار قىلىۋاتقان قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم ‹مىللىتىم›! - يا قومي» دەپ تۇرۇپ نەسىھەت قىلىشى، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مىللەتداش ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش، ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىك بىلەن بىرلىكتە مىللىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈش ئۈچۈندۇر (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَوَكَّلْ عَلَى الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى غالىب، مېھرىبان ئاللاھقا يۆلەنگىن — مۇھەممەد سالىھ
ناھايىتى غالىب، مېھرىبان ئاللاھقا يۆلەنگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەزىز ۋە كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن. — ئەنەس ئالىم
(217-220) ئى مۇھەممەد! سەن، دۈشمەنلىرىنى ئۆز قۇدىرىتى بىلەن يېڭىشكە، دوستلىرىغا ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن نۇسرەت ۋە زەپەر ئاتا قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان، سېنىڭ ھەر ئەھۋالىڭنى، بولۇپمۇ تەھەججۇد ۋە باشقا نەپلە نامازلارغا تۇرغان چېغىڭدىكى ئەھۋالىڭنى، پەرز نامازلارنى ئۆتىگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدىكى (رۇكۇئـ، سەجدە ۋە ئولتۇرۇش) ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، شۇنداقلا ساڭا ئىلتىپات قىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن؛ ئاللاھقا تايانغىن، قولۇڭدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن. چۈنكى ئاللاھ ھەر سۆزنى ئاڭلاپ، ھەر نەرسىنى ۋە ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر؛ سەن ئىبادەت ۋە دەۋەت پائالىيەتلىرىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، سېنى چوقۇم قوغدايدۇ ۋە زەپەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا 110 ~ 112 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا شەيتاننىڭ ئۆگەتكەنلىكىنى دەۋا قىلغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ . 221 ~ 223 - ئايەتلەردە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ دەۋاسىغا يەنە بىر قېتىم رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي يَرَاكَ حِينَ تَقُومُ
ئاللاھ سېنى (نامازغا) قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سېنى قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق زاتكى سېنى قەيەردە تۇرساڭ كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَتَقَلُّبَكَ فِي السَّاجِدِينَ
ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق، رۇكۇغا تۇرغانلىق ۋە قىيامدا تۇرغانلىق) ھەرىكىتىڭنى كۆرۈپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ھەرىكىتىڭنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەرىكەتلىرىڭنىمۇ كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
چۈنكى ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
هَلْ أُنَبِّئُكُمْ عَلَىٰ مَنْ تَنَزَّلُ الشَّيَاطِينُ
(ئى مۇھەممەد! مەككە كۇففارلىرىغا ئېيتقىنكى) سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرگە مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن سىلەرگە شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(221-223) «مۇھەممەدنىڭ قۇرئان دەپ ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىنى ئۇنىڭ كۆڭلىگە شەيتانلار سالىدۇ» دېگەن مۇشرىكلارغا ئاللاھ رەددىيە بېرىپ ئېيتىدۇكى، «مەن شەيتانلارنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: شەيتانلار ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان تۆھمەتخور، كاززاپ ۋە گۇناھ قىلىشقا ھېرىسمەن ئادەملەرگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە بەزى نەرسىلەرنى سالىدۇ. ئۇلار شەيتانلارغا قۇلاق سالىدۇ ۋە شەيتانلار سالغان نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئېيتىدۇ، ئۇ كىشىلەرنىڭ تولىسى شەيتانلاردىن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىگە باشقا يالغانلارنى قوشۇپ ئېيتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ(كاھىن)لارنىڭ سۆزلىرىنىڭ تولىسى يالغان چىقىدۇ، ئەمما مۇھەممەد بەرگەن ھەر خەۋەر راست ۋە ئېيتقان ھەر سۆز توغرا چىقىدۇ، شۇڭلاشقا مۇھەممەد يەتكۈزگەن سۆزلەر ھەرگىزمۇ شەيتانلار ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان نەرسە ئەمەس، ئەكسىچە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدۇر». ئەسكەرتىش: شەيتانلار يارىتىلىشتىن تېز ھەرىكەت قىلالايدىغان ۋە ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىغان مەخلۇقات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىنسانلار بىلمەيدىغان ۋە كۆرمەيدىغان بەزى ئەھۋاللارنى بىلىدۇ، كۆرىدۇ، كۆرگەن - بىلگەنلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆگىتىدۇ، شاگىرتلار ئۇستازلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرىنى ئاۋۇتۇپ باشقىلارنى ئالدايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ناھايىتى ئاز قىسمىنىڭ توغرا چىقىشىنىڭ سەۋەبى مانا بۇدۇر. ئەمما شەيتانلار پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالالمايدۇ، ناۋادا ئۇلاردىن بىرى ئوغرىلىقچە بىرەر نەرسە ئاڭلىۋالغان بولسا، دەرھال ئۇنى بىر ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ بېرىپ ئۆتمە - تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ؛ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالا 224 ~ 227 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ شېئىر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
تَنَزَّلُ عَلَىٰ كُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ھەربىر ئىغۋا توقۇغۇچى، گۇناھكارغا چۈشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بوھتان چاپلاشقا ۋە گۇناھ قىلىشقا ھېرىسمەن ھەر كىشىگە چۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
يُلْقُونَ السَّمْعَ وَأَكْثَرُهُمْ كَاذِبُونَ
ئۇلار (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە) ئاڭلايدۇ، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) نىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنىڭ تولىسى يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شەيتانلارغا قۇلاق سالىدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى يالغانچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَالشُّعَرَاءُ يَتَّبِعُهُمُ الْغَاوُونَ
شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شائىرلارغا ئازغۇنلار ئەگىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(224-226) مۇشرىكلار: «مۇھەممەد قۇرئان دەپ ئېيتىۋاتقان سۆزلەر شېئىر، مۇھەممەد شائىر» دېدى، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى مۇھەممەد يەتكۈزگەن سۆزلەر بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز، مۇھەممەد بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇپ، ئۇ سۆزلەر شېئىر بىلەن، مۇھەممەد شائىرلار بىلەن ئەسلا ئوخشاشمايدۇ؛ مۇھەممەد بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت، ھېكمەت ۋە راستنى سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن بەندىلىرىمىز ئەگىشىدۇ. شائىرلار بولسا يالغان، بوھتان، ساختا ۋە ئويدۇرمىلارنى سۆزلەيدۇ؛ ياماننى ماختايدۇ، ياخشىنى سۆكىدۇ، پوچىلىق قىلىدۇ، بار نەرسىنى يوق، يوق نەرسىنى بار قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئۆزلىرى قىلمايدىغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئۇلارغا ئازغۇنلارلار ئەگىشىدۇ. شائىرلارنڭ كۆپىنچىىسنىڭ ئەھۋالى مانا بۇنىڭدىن ئىبارەت. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ تَرَ أَنَّهُمْ فِي كُلِّ وَادٍ يَهِيمُونَ
ئۇلارنىڭ (سۆز) ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆرمىدىڭمۇ: ئۇلار ھەر ۋادىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّهُمْ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ
ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرى قىلمىغان ۋە قىلمايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَذَكَرُوا اللَّهَ كَثِيرًا وَانْتَصَرُوا مِنْ بَعْدِ مَا ظُلِمُوا ۗ وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ
پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغان شائىرلار ئۇنداق ئەمەس[5]. زالىملار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تامامەن يىقىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
لېكىن ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغان، قۇرئاننى، پەيغەمبەرنى، ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى سۆكۈپ شېئىر ئوقۇغانلارغا شېئىر بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ئىنتىقام ئالغان شائىرلار ئۇنداق ئەمەس؛ بۇ مۇئمىن شائىرلار ئازغۇن شائىرلارنىڭ ئەكسىچە ھەقنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ھېكمەتنى بايان قىلىدىغان ۋە ياخشى مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلارنى ئىجاد قىلىدۇ ۋە ئوقۇيدۇ. شۇنىڭدەك، ئازغۇن شائىرلارنىڭ شېئىر بىلەن تەنە - ھاقارەت ۋە مەسخىرە قىلىشلىرىغا شېئىر بىلەن رەددىيە بېرىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق، ئۇلارنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى شېئىر بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مانا بۇ، مۇئمىن شائىرلارنىڭ ئازغۇن شائىرلاردىن ئىنتىقام ئېلىشىدۇر. شېرىك كەلتۈرۈش، قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرگە بوھتان چاپلاش، ھەقىقەتنى سۆكۈش قاتارلىقلار بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلار يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن يامان جايغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؛ ئۇلار يېقىندا ئۆلىدۇ ۋە يېقىندا قيامەت قايىم بولىدۇ، ئۇلار ئۆلگىنىدىن كېيىنلا ۋە قايتا تىرىلگەن ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يامان جاي بولغان دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى