نەجم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 62 ئايەت
مەنىسى: يۇلتۇز. ئاتىلىش سەۋەبى: يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (53-سۈرە نەجم، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَىٰ
    ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى

    ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى

  2. (53-سۈرە نەجم، 2-ئايەت)
    مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَىٰ
    سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى

    سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار -مۇھەممەد - گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى

  3. (53-سۈرە نەجم، 3-ئايەت)
    وَمَا يَنْطِقُ عَنِ الْهَوَىٰ
    (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ

    ئۇ ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ

  4. (53-سۈرە نەجم، 4-ئايەت)
    إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ
    پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ

    ئۇ پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ

  5. (53-سۈرە نەجم، 5-ئايەت)
    عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَىٰ
    ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى

    ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە -جىبرىئىل- تەلىم بەردى

  6. (53-سۈرە نەجم، 6-ئايەت)
    ذُو مِرَّةٍ فَاسْتَوَىٰ
    ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى

    ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ

  7. (53-سۈرە نەجم، 7-ئايەت)
    وَهُوَ بِالْأُفُقِ الْأَعْلَىٰ
    ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى

    ئۇ يۇقىرى ئۇپۇقتا ئىدى

  8. (53-سۈرە نەجم، 8-ئايەت)
    ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ
    ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى

    ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى

  9. (53-سۈرە نەجم، 9-ئايەت)
    فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَىٰ
    ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى

    ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى

  10. (53-سۈرە نەجم، 10-ئايەت)
    فَأَوْحَىٰ إِلَىٰ عَبْدِهِ مَا أَوْحَىٰ
    ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھىيلەرنى ۋەھىي قىلدى

    ئاللاھ بەندىسىگە ۋەھيىلەرنى ۋەھىي قىلدى

  11. (53-سۈرە نەجم، 11-ئايەت)
    مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَىٰ
    ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى)

    ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى

  12. (53-سۈرە نەجم، 12-ئايەت)
    أَفَتُمَارُونَهُ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟

    ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر ؟

  13. (53-سۈرە نەجم، 13-ئايەت)
    وَلَقَدْ رَآهُ نَزْلَةً أُخْرَىٰ
    ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى

    ئۇ جىبرىئىلنى ئىككىنچى قېتىم كۆردى

  14. (53-سۈرە نەجم، 14-ئايەت)
    عِنْدَ سِدْرَةِ الْمُنْتَهَىٰ
    ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى

    سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا

  15. (53-سۈرە نەجم، 15-ئايەت)
    عِنْدَهَا جَنَّةُ الْمَأْوَىٰ
    جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر

    ئۇنىڭ يېنىدا جەننەتۇلمەئۋا باردۇر

    .
  16. (53-سۈرە نەجم، 16-ئايەت)
    إِذْ يَغْشَى السِّدْرَةَ مَا يَغْشَىٰ
    (ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى)

    سىدرەتۇلمۇنتەھانى قاپلىغان نەرسە قاپلىغان ئىدى

    .
  17. (53-سۈرە نەجم، 17-ئايەت)
    مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
    (پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى

    كۆز ئوڭ ـ سولغا بۇرالمىدى، ھەددىدىنمۇ ئاشمىدى

  18. (53-سۈرە نەجم، 18-ئايەت)
    لَقَدْ رَأَىٰ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِ الْكُبْرَىٰ
    شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ رەببىڭنىڭ كاتتا بىر قىىسم ئايەتلىرىنى كۆردى

  19. (53-سۈرە نەجم، 19-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمُ اللَّاتَ وَالْعُزَّىٰ
    ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)

    سىلەرمۇ لات، ئۇززانى كۆردۈڭلارمۇ؟

  20. (53-سۈرە نەجم، 20-ئايەت)
    وَمَنَاةَ الثَّالِثَةَ الْأُخْرَىٰ
    ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)

    ئۈچىنچىسى بولغان ماناتنىچۇ؟

  21. (53-سۈرە نەجم، 21-ئايەت)
    أَلَكُمُ الذَّكَرُ وَلَهُ الْأُنْثَىٰ
    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟

    -ئى مۇشرىكلار جامائەسى!- ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟

  22. (53-سۈرە نەجم، 22-ئايەت)
    تِلْكَ إِذًا قِسْمَةٌ ضِيزَىٰ
    ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر

    ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز بىر تەقسىماتتۇر

  23. (53-سۈرە نەجم، 23-ئايەت)
    إِنْ هِيَ إِلَّا أَسْمَاءٌ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَمَا تَهْوَى الْأَنْفُسُ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنْ رَبِّهِمُ الْهُدَىٰ
    بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل ـ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ

    بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ بۇلار ھەققىدە ھېچبىر دەلىل ـ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ

  24. (53-سۈرە نەجم، 24-ئايەت)
    أَمْ لِلْإِنْسَانِ مَا تَمَنَّىٰ
    ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟

    ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟

  25. (53-سۈرە نەجم، 25-ئايەت)
    فَلِلَّهِ الْآخِرَةُ وَالْأُولَىٰ
    ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ)

    ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر

  26. (53-سۈرە نەجم، 26-ئايەت)
    وَكَمْ مِنْ مَلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لَا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا إِلَّا مِنْ بَعْدِ أَنْ يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَرْضَىٰ
    ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ

    ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ

  27. (53-سۈرە نەجم، 27-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ لَيُسَمُّونَ الْمَلَائِكَةَ تَسْمِيَةَ الْأُنْثَىٰ
    شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ

    شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ

  28. (53-سۈرە نەجم، 28-ئايەت)
    وَمَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ ۖ وَإِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا
    ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ

    ھالبۇكى ئۇلار ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ

  29. (53-سۈرە نەجم، 29-ئايەت)
    فَأَعْرِضْ عَنْ مَنْ تَوَلَّىٰ عَنْ ذِكْرِنَا وَلَمْ يُرِدْ إِلَّا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
    بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن

    شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بىزنىڭ زىكرىمىز –يەنى قۇرئان-دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن

  30. (53-سۈرە نەجم، 30-ئايەت)
    ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُمْ مِنَ الْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدَىٰ
    ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ

  31. (53-سۈرە نەجم، 31-ئايەت)
    وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاءُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ

  32. (53-سۈرە نەجم، 32-ئايەت)
    الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ ۚ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَإِذْ أَنْتُمْ أَجِنَّةٌ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ ۖ فَلَا تُزَكُّوا أَنْفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَىٰ
    ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ

    ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن رەببىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ

  33. (53-سۈرە نەجم، 33-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتَ الَّذِي تَوَلَّىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن

    -ئى مۇھەممەد!- يۈز ئۆرۈگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟

  34. (53-سۈرە نەجم، 34-ئايەت)
    وَأَعْطَىٰ قَلِيلًا وَأَكْدَىٰ
    ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى

    ئۇ ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى

  35. (53-سۈرە نەجم، 35-ئايەت)
    أَعِنْدَهُ عِلْمُ الْغَيْبِ فَهُوَ يَرَىٰ
    ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟

    ئۇنىڭ دەرگاھىدا غەيب ئىلمىي بولۇپ، ئۇ كۆرىۋاتامدۇ؟

  36. (53-سۈرە نەجم، 36-ئايەت)
    أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ
    ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟

    ياكى بولمىسا ئۇ مۇسانىڭ سەھىپىلىرىدىكىلەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ

  37. (53-سۈرە نەجم، 37-ئايەت)
    وَإِبْرَاهِيمَ الَّذِي وَفَّىٰ
    ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)

    ۋاپادار ئىبراھىمنىڭكىدىنچۇ؟

  38. (53-سۈرە نەجم، 38-ئايەت)
    أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ
    ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)

    ئۇنىڭدا «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ

  39. (53-سۈرە نەجم، 39-ئايەت)
    وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَىٰ
    ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ

    ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ

  40. (53-سۈرە نەجم، 40-ئايەت)
    وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَىٰ
    ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ)

    ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ

  41. (53-سۈرە نەجم، 41-ئايەت)
    ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاءَ الْأَوْفَىٰ
    ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ

    ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ

  42. (53-سۈرە نەجم، 42-ئايەت)
    وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الْمُنْتَهَىٰ
    ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر

    ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر

  43. (53-سۈرە نەجم، 43-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ
    ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ

    ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرىدۇ ۋە يىغلىتىدۇ

  44. (53-سۈرە نەجم، 44-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا
    ئاللاھ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر

    ئاللاھ ئۆلتۈرىدۇ ۋە تىرىلدۈرىدۇ

  45. (53-سۈرە نەجم، 45-ئايەت)
    وَأَنَّهُ خَلَقَ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
    ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى

    ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى

  46. (53-سۈرە نەجم، 46-ئايەت)
    مِنْ نُطْفَةٍ إِذَا تُمْنَىٰ
    ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى)

    ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن ياراتتى

  47. (53-سۈرە نەجم، 47-ئايەت)
    وَأَنَّ عَلَيْهِ النَّشْأَةَ الْأُخْرَىٰ
    (ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى

    ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى

  48. (53-سۈرە نەجم، 48-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ أَغْنَىٰ وَأَقْنَىٰ
    ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە (ئاز بىلەنمۇ) مەمنۇن قىلالايدۇ

    ئاللاھ ئىنساننى باي قىلىدۇ ۋە پېقىرلاشتۇرىدۇ

  49. (53-سۈرە نەجم، 49-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ رَبُّ الشِّعْرَىٰ
    ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر

    ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ رەببىدۇر

  50. (53-سۈرە نەجم، 50-ئايەت)
    وَأَنَّهُ أَهْلَكَ عَادًا الْأُولَىٰ
    ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى

    ئۇ قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى

  51. (53-سۈرە نەجم، 51-ئايەت)
    وَثَمُودَ فَمَا أَبْقَىٰ
    سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى

    سەمۇدنىمۇ ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ قويمىدى

  52. (53-سۈرە نەجم، 52-ئايەت)
    وَقَوْمَ نُوحٍ مِنْ قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَىٰ
    ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى

    ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدى، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى

  53. (53-سۈرە نەجم، 53-ئايەت)
    وَالْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَىٰ
    . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى

    قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى

  54. (53-سۈرە نەجم، 54-ئايەت)
    فَغَشَّاهَا مَا غَشَّىٰ
    . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى

    ئاندىن ئۇنى قاپلىغان نەرسە قاپلىۋالدى

  55. (53-سۈرە نەجم، 55-ئايەت)
    فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ
    ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟

    ئى ئىنسان! رەببىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟

  56. (53-سۈرە نەجم، 56-ئايەت)
    هَٰذَا نَذِيرٌ مِنَ النُّذُرِ الْأُولَىٰ
    بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

    بۇمۇ، ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

  57. (53-سۈرە نەجم، 57-ئايەت)
    أَزِفَتِ الْآزِفَةُ
    قىيامەت يېقىنلاشتى

    قىيامەت يېقىنلاشتى

  58. (53-سۈرە نەجم، 58-ئايەت)
    لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ كَاشِفَةٌ
    ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر

    ئاللاھتىن باشقا ئۇنى كەشىپ قىلغۇچى يوقتۇر

  59. (53-سۈرە نەجم، 59-ئايەت)
    أَفَمِنْ هَٰذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ
    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟

    سىلەر بۇ سۆزدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟

  60. (53-سۈرە نەجم، 60-ئايەت)
    وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
    (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟

    كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟

  61. (53-سۈرە نەجم، 61-ئايەت)
    وَأَنْتُمْ سَامِدُونَ
    سىلەر غاپىلدۇرسىلەر

    سىلەر غاپىلدۇرسىلەر

  62. (53-سۈرە نەجم، 62-ئايەت)
    فَاسْجُدُوا لِلَّهِ وَاعْبُدُوا ۩
    ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار

    قېنى ئەمدى ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار