رەھمان سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 78 ئايەتمەنىسى: ناھايىتى شەپقەتلىك. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
-
(55-سۈرە رەھمان، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الرَّحْمَٰنُ
مېھرىبان ئاللاھ
مېھرىبان ئاللاھ
-
(55-سۈرە رەھمان، 2-ئايەت)عَلَّمَ الْقُرْآنَ
قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى)
قۇرئاننى ئۆگەتتى
-
(55-سۈرە رەھمان، 3-ئايەت)خَلَقَ الْإِنْسَانَ
ئىنساننى ياراتتى
ئىنساننى ياراتتى
-
(55-سۈرە رەھمان، 4-ئايەت)عَلَّمَهُ الْبَيَانَ
ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى
ئۇنىڭغا سۆز ئارقىلىق مەخسىتىنى ئىپادىلەشنى ئۆگەتتى
-
(55-سۈرە رەھمان، 5-ئايەت)الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ
كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ
كۈن بىلەن ئاي ئۆز بۇرجلىرىدا مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 6-ئايەت)وَالنَّجْمُ وَالشَّجَرُ يَسْجُدَانِ
ئوت ـ چۆپلەر، دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ)
ئوت ـ چۆپلەر ۋە دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 7-ئايەت)وَالسَّمَاءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ
ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى
ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى ۋە تارازىنى بېكىتتى
-
(55-سۈرە رەھمان، 8-ئايەت)أَلَّا تَطْغَوْا فِي الْمِيزَانِ
ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى
بۇ، ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر
-
(55-سۈرە رەھمان، 9-ئايەت)وَأَقِيمُوا الْوَزْنَ بِالْقِسْطِ وَلَا تُخْسِرُوا الْمِيزَانَ
ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار
ئۆلچەمدە ئادىل بۇلۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار
-
(55-سۈرە رەھمان، 10-ئايەت)وَالْأَرْضَ وَضَعَهَا لِلْأَنَامِ
زېمىننى كىشىلەرنىڭ (پايدىلىنىشى) ئۈچۈن (يايپاڭ) قىلدى
زېمىننى ئىنسانلار ئۈچۈن قويدى
-
(55-سۈرە رەھمان، 11-ئايەت)فِيهَا فَاكِهَةٌ وَالنَّخْلُ ذَاتُ الْأَكْمَامِ
زېمىندا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورمىلار بار
زېمىندا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورمىلار بار
-
(55-سۈرە رەھمان، 12-ئايەت)وَالْحَبُّ ذُو الْعَصْفِ وَالرَّيْحَانُ
سامىنى بار دانلىق زىرائەتلەر، خۇش بۇي ئۆسۈملۈكلەر بار
سامىنى بار دانلىق زىرائەتلەر ۋە خۇش بۇي ئۆسۈملۈكلەر بار
-
(55-سۈرە رەھمان، 13-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 14-ئايەت)خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ صَلْصَالٍ كَالْفَخَّارِ
(ئاللاھ) ئىنساننى (يەنى ئاتاڭلار ئادەمنى) (چەكسە جاراڭلايدىغان) ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى
ئاللاھ ئىنساننى چەكسە جاراڭلايدىغان ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى
-
(55-سۈرە رەھمان، 15-ئايەت)وَخَلَقَ الْجَانَّ مِنْ مَارِجٍ مِنْ نَارٍ
جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى
جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى
-
(55-سۈرە رەھمان، 16-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 17-ئايەت)رَبُّ الْمَشْرِقَيْنِ وَرَبُّ الْمَغْرِبَيْنِ
ئۇ ئىككى مەشرىق (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ چىقىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئىككى مەغرىب (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ پاتىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر
ئۇ ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر
-
(55-سۈرە رەھمان، 18-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 19-ئايەت)مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ
ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ
ئۇ ئىككى دېڭىزنى ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 20-ئايەت)بَيْنَهُمَا بَرْزَخٌ لَا يَبْغِيَانِ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ

(55-سۈرە رەھمان، 21-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 22-ئايەت)يَخْرُجُ مِنْهُمَا اللُّؤْلُؤُ وَالْمَرْجَانُ
ئۇلاردىن مەرۋايىت بىلەن مارجان چىقىدۇ
ئۇلاردىن مەرۋايىت بىلەن مارجان چىقىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 23-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 24-ئايەت)وَلَهُ الْجَوَارِ الْمُنْشَآتُ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر

(55-سۈرە رەھمان، 25-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 26-ئايەت)كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍ
زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ
زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 27-ئايەت)وَيَبْقَىٰ وَجْهُ رَبِّكَ ذُو الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ
ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ
ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 28-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 29-ئايەت)يَسْأَلُهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ)
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن سورايدۇ، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر
-
(55-سۈرە رەھمان، 30-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 31-ئايەت)سَنَفْرُغُ لَكُمْ أَيُّهَ الثَّقَلَانِ
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن (يەنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز
-
(55-سۈرە رەھمان، 32-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 33-ئايەت)يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ إِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَنْ تَنْفُذُوا مِنْ أَقْطَارِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ فَانْفُذُوا ۚ لَا تَنْفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَانٍ
ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر

(55-سۈرە رەھمان، 34-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 35-ئايەت)يُرْسَلُ عَلَيْكُمَا شُوَاظٌ مِنْ نَارٍ وَنُحَاسٌ فَلَا تَنْتَصِرَانِ
(قىيامەت كۈنى) سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر
سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر
-
(55-سۈرە رەھمان، 36-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 37-ئايەت)فَإِذَا انْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ وَرْدَةً كَالدِّهَانِ
(قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن) ئاسمان يېرىلغان چاغدا، ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسمان قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 38-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 39-ئايەت)فَيَوْمَئِذٍ لَا يُسْأَلُ عَنْ ذَنْبِهِ إِنْسٌ وَلَا جَانٌّ
بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ (يەنى گۇناھلىرىنىڭ ئالاھىدە ئالامىتى بولغانلىقتىن مۇنداق سوراشقا ھاجەت بولمايدۇ
بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 40-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 41-ئايەت)يُعْرَفُ الْمُجْرِمُونَ بِسِيمَاهُمْ فَيُؤْخَذُ بِالنَّوَاصِي وَالْأَقْدَامِ
گۇناھكارلار ئۆزلىرىنىڭ (يۈزلىرى قارا، كۆزلىرى كۆك بولۇشتىن ئىبارەت) بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلۇپ (دوزاخقا تاشلىنىدۇ)
گۇناھكارلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئاندىن ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 42-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 43-ئايەت)هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا الْمُجْرِمُونَ
بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەمدۇر

(55-سۈرە رەھمان، 44-ئايەت)يَطُوفُونَ بَيْنَهَا وَبَيْنَ حَمِيمٍ آنٍ
ئۇلار دوزاخ بىلەن قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىپ تۇرىدۇ (يەنى گاھىدا ئوت بىلەن، گاھىدا قايناقسۇ بىلەن ئازابلىنىدۇ
ئۇلار دوزاخ بىلەن قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىپ تۇرىدۇ
-
(55-سۈرە رەھمان، 45-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 46-ئايەت)وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ جَنَّتَانِ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار
رەببىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ -ھېساب بېرىشتىن- قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار
-
(55-سۈرە رەھمان، 47-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 48-ئايەت)ذَوَاتَا أَفْنَانٍ
ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار

(55-سۈرە رەھمان، 49-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 50-ئايەت)فِيهِمَا عَيْنَانِ تَجْرِيَانِ
ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار

(55-سۈرە رەھمان، 51-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 52-ئايەت)فِيهِمَا مِنْ كُلِّ فَاكِهَةٍ زَوْجَانِ
ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار

(55-سۈرە رەھمان، 53-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 54-ئايەت)مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ فُرُشٍ بَطَائِنُهَا مِنْ إِسْتَبْرَقٍ ۚ وَجَنَى الْجَنَّتَيْنِ دَانٍ
ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان ئادەممۇ ئۈزەلەيدىغان دەرىجىدە) يېقىندۇر
ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى يېقىندۇر
-
(55-سۈرە رەھمان، 55-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 56-ئايەت)فِيهِنَّ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنْسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّ
ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار

(55-سۈرە رەھمان، 57-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 58-ئايەت)كَأَنَّهُنَّ الْيَاقُوتُ وَالْمَرْجَانُ
گويا ئۇلار (سۈزۈكلۈكتە) ياقۇتتۇر، (ئاقلىقتا) مەرۋايىتتۇر
ئۇلار گويا ياقۇت ۋە مەرۋايىتتۇر
-
(55-سۈرە رەھمان، 59-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 60-ئايەت)هَلْ جَزَاءُ الْإِحْسَانِ إِلَّا الْإِحْسَانُ
ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ

(55-سۈرە رەھمان، 61-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 62-ئايەت)وَمِنْ دُونِهِمَا جَنَّتَانِ
ئۇ ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك ئىككى جەننەت بار

(55-سۈرە رەھمان، 63-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 64-ئايەت)مُدْهَامَّتَانِ
ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر
ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر
-
(55-سۈرە رەھمان، 65-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 66-ئايەت)فِيهِمَا عَيْنَانِ نَضَّاخَتَانِ
ئۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ چىقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار

(55-سۈرە رەھمان، 67-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 68-ئايەت)فِيهِمَا فَاكِهَةٌ وَنَخْلٌ وَرُمَّانٌ
ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار

(55-سۈرە رەھمان، 69-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 70-ئايەت)فِيهِنَّ خَيْرَاتٌ حِسَانٌ
ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق خوتۇنلار بار
ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق دىلبەرلەر بار
-
(55-سۈرە رەھمان، 71-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 72-ئايەت)حُورٌ مَقْصُورَاتٌ فِي الْخِيَامِ
ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر
ئۇلار جەننەتنىڭ چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر
-
(55-سۈرە رەھمان، 73-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 74-ئايەت)لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنْسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّ
ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان
ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان
-
(55-سۈرە رەھمان، 75-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
-
(55-سۈرە رەھمان، 76-ئايەت)مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ رَفْرَفٍ خُضْرٍ وَعَبْقَرِيٍّ حِسَانٍ
ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا، چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئىستىراھەت قىلىدۇ

(55-سۈرە رەھمان، 77-ئايەت)فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
(ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر
-
(55-سۈرە رەھمان، 78-ئايەت)تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ ذِي الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ
ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى مۇبارەكتۇر
ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ نامى ئۇلۇغدۇر