مۇزەممىل سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 20 ئايەت
مەنىسى: كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
  1. (73-سۈرە مۇزەممىل، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الْمُزَّمِّلُ
    ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!)

    ئى يۆگىنىۋالغۇچى (مۇھەممەد!) [1].

  2. (73-سۈرە مۇزەممىل، 2-ئايەت)
    قُمِ اللَّيْلَ إِلَّا قَلِيلًا
    كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن

    كېچىنىڭ كۆپ قىسمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى دانە ـ دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن [2ـ4].

  3. (73-سۈرە مۇزەممىل، 3-ئايەت)
    نِصْفَهُ أَوِ انْقُصْ مِنْهُ قَلِيلًا
    كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن

    كېچىنىڭ كۆپ قىسمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى دانە ـ دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن [2ـ4].

  4. (73-سۈرە مۇزەممىل، 4-ئايەت)
    أَوْ زِدْ عَلَيْهِ وَرَتِّلِ الْقُرْآنَ تَرْتِيلًا
    كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن

    كېچىنىڭ كۆپ قىسمىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى دانە ـ دانە، ئوچۇق ئوقۇغىن [2ـ4].

  5. (73-سۈرە مۇزەممىل، 5-ئايەت)
    إِنَّا سَنُلْقِي عَلَيْكَ قَوْلًا ثَقِيلًا
    ساڭا ھەقىقەتەن ۋەزنىلىك قۇرئاننى نازىل قىلىمىز

    بىز ساڭا ھەقىقەتەن ھەيۋەتلىك قۇرئاننى نازىل قىلىمىز [5].

  6. (73-سۈرە مۇزەممىل، 6-ئايەت)
    إِنَّ نَاشِئَةَ اللَّيْلِ هِيَ أَشَدُّ وَطْئًا وَأَقْوَمُ قِيلًا
    شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ

    شۈبھىسىزكى، كېچىدە تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ [6].

  7. (73-سۈرە مۇزەممىل، 7-ئايەت)
    إِنَّ لَكَ فِي النَّهَارِ سَبْحًا طَوِيلًا
    ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن، (شۇڭا ئىبادەتكە) كېچىسى بېرىلگىن

    سەن ھەقىقەتەن كۈندۈزى بەك ئالدىراش بولىسەن [7].

  8. (73-سۈرە مۇزەممىل، 8-ئايەت)
    وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدە) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن

    پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن [8].

  9. (73-سۈرە مۇزەممىل، 9-ئايەت)
    رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا
    ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن)

    ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭا ئۇنى ھامىي قىلغىن [9].

  10. (73-سۈرە مۇزەممىل، 10-ئايەت)
    وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاهْجُرْهُمْ هَجْرًا جَمِيلًا
    ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن

    سەن كافىرلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە قويۇپ تۇرغۇن[10].

  11. (73-سۈرە مۇزەممىل، 11-ئايەت)
    وَذَرْنِي وَالْمُكَذِّبِينَ أُولِي النَّعْمَةِ وَمَهِّلْهُمْ قَلِيلًا
    (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ ئايەتلىرىمنى) ئىنكار قىلغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇۋەتكىن (يەنى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن)، ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەرگىن

    (ئى مۇھەممەد!) باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئىنكار قىلغۇچىلارنى ماڭا قويۇپ قويغىن، ئۇلارغا بىر ئاز مۆھلەت بەرگىن [11].

  12. (73-سۈرە مۇزەممىل، 12-ئايەت)
    إِنَّ لَدَيْنَا أَنْكَالًا وَجَحِيمًا
    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلارغا) ئېغىر ئىشكەللەر ۋە (كۆيدۈرگۈچى) دوزاخ بار

    زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدىغان، تاغلار كۆچمە قۇم بارخانلىرىغا ئايلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن (ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان) ئېغىر ئىشكەللەر، دوزاخ، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار[12-14].

  13. (73-سۈرە مۇزەممىل، 13-ئايەت)
    وَطَعَامًا ذَا غُصَّةٍ وَعَذَابًا أَلِيمًا
    (زەققۇم، زەرىدىن ئىبارەت) گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار

    زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدىغان، تاغلار كۆچمە قۇم بارخانلىرىغا ئايلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن (ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان) ئېغىر ئىشكەللەر، دوزاخ، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار[12-14].

  14. (73-سۈرە مۇزەممىل، 14-ئايەت)
    يَوْمَ تَرْجُفُ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ وَكَانَتِ الْجِبَالُ كَثِيبًا مَهِيلًا
    ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە كۆچمە قۇمغا ئايلىنىدۇ

    زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدىغان، تاغلار كۆچمە قۇم بارخانلىرىغا ئايلىنىدىغان قىيامەت كۈنىدە بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن (ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان) ئېغىر ئىشكەللەر، دوزاخ، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار[12-14].

  15. (73-سۈرە مۇزەممىل، 15-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَا إِلَيْكُمْ رَسُولًا شَاهِدًا عَلَيْكُمْ كَمَا أَرْسَلْنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ رَسُولًا
    شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگە (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە پەيغەمبەر ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق [15].

  16. (73-سۈرە مۇزەممىل، 16-ئايەت)
    فَعَصَىٰ فِرْعَوْنُ الرَّسُولَ فَأَخَذْنَاهُ أَخْذًا وَبِيلًا
    پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلدى (يەنى پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنى يالغانغا چىقاردى، ئى قۇرەيش جامائەسى! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغاندەك، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق

    پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلغان ئىدى، بىز ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق [16].

  17. (73-سۈرە مۇزەممىل، 17-ئايەت)
    فَكَيْفَ تَتَّقُونَ إِنْ كَفَرْتُمْ يَوْمًا يَجْعَلُ الْوِلْدَانَ شِيبًا
    ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟

    (ئى قۇرەيش جامائەسى!) ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىىغا ئاق كىرگۈزۈۋېتىدىغان، ئاسمان يېرىلىدىغان كۈندىكى ئازابتىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ ئاللاھ ئاگاھلاندۇرغان بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ [17-18].

  18. (73-سۈرە مۇزەممىل، 18-ئايەت)
    السَّمَاءُ مُنْفَطِرٌ بِهِ ۚ كَانَ وَعْدُهُ مَفْعُولًا
    ئۇ كۈننىڭ (دەھشىتىدىن) ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ)

    (ئى قۇرەيش جامائەسى!) ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىىغا ئاق كىرگۈزۈۋېتىدىغان، ئاسمان يېرىلىدىغان كۈندىكى ئازابتىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ ئاللاھ ئاگاھلاندۇرغان بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ [17-18].

  19. (73-سۈرە مۇزەممىل، 19-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا
    بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن

    بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن نەسىھەتتۇر،خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا ئۇلاشتۇرىدىغان يولنى تۇتسۇن [19].

  20. (73-سۈرە مۇزەممىل، 20-ئايەت)
    إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَىٰ مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ ۚ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ عَلِمَ أَنْ لَنْ تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ ۚ عَلِمَ أَنْ سَيَكُونُ مِنْكُمْ مَرْضَىٰ ۙ وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ ۚ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا ۚ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلدى قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنى بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر. ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر). ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ سەن بىلەن بىللە بولغان بىر توپ ئادەم بىلەن كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر قىسمىدا (تەھەججۇد نامىزىغا) تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ۋاقىت بۆلەكلىرىنى ئاللاھ ئايرىيدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ سىلەرگە رەھىم قىلدى، (يەنى تەھەججۇد نامىزىنىڭ پەرزلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى)، (نامازدا) قۇرئاننىڭ ئۆزۈڭلار ئاسان ئوقۇيالايدىغان ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار، ئاللاھ بىلىدۇكى، ئاراڭلاردا بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بەزىلەر ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى ئىزدەپ يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ قۇرئاننىڭ ئۆزۈڭلار ئاسان ئوقۇيالايدىغان ئايەتلىرىنى ئوقۇڭلار، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىختىيارى ھالدا پۇل-مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قايسىبىر ياخشى ئىشنى ئالدىڭلاردا ماڭدۇرۇۋەتسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [20].