ئىنىشقاق سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 25 ئايەتمەنىسى: يېرىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ
ئاسمان يېرىلغان
ئاسمان يېرىلغان
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 2-ئايەت)وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا
رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 3-ئايەت)وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ
زېمىن سوزۇلغان
زېمىن سوزۇلغان
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 4-ئايەت)وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ
قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان
ۋە قوينىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىنىپ قالغان
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 5-ئايەت)وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)
رەببىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 6-ئايەت)يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ
ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)
ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن رەببىڭ تەرەپكە سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن، ئاندىن ئۇنىڭغا مۇلاقات بولغۇچىدۇرسەن
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 7-ئايەت)فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ
نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمگە كەلسەك
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 8-ئايەت)فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا
نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ
ئۇ ئاسان بىر رەۋىشتە ھېساب بېرىدۇ
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 9-ئايەت)وَيَنْقَلِبُ إِلَىٰ أَهْلِهِ مَسْرُورًا
(ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ
ئۇ ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 10-ئايەت)وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ
نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم
نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم بولسا
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 11-ئايەت)فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا
«ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)
ئۆلۈپ يوق بولماقچى بولىدۇ
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 12-ئايەت)وَيَصْلَىٰ سَعِيرًا
دوزاخقا كىرىدۇ
ۋە ئۇ لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 13-ئايەت)إِنَّهُ كَانَ فِي أَهْلِهِ مَسْرُورًا
چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى.
چۈنكى ئۇ ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 14-ئايەت)إِنَّهُ ظَنَّ أَنْ لَنْ يَحُورَ
ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ گۇمان قىلدى
ئۇ رەببىنىڭ دەرگاھىغا ھەرگىز قايتمايدىغانلىقىنى گۇمان قىلدى
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 15-ئايەت)بَلَىٰ إِنَّ رَبَّهُ كَانَ بِهِ بَصِيرًا
ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى رەببى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تورغۇچىدۇر
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 16-ئايەت)فَلَا أُقْسِمُ بِالشَّفَقِ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
شەپەق بىلەن قەسەمكى
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 17-ئايەت)وَاللَّيْلِ وَمَا وَسَقَ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 18-ئايەت)وَالْقَمَرِ إِذَا اتَّسَقَ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى
نۇرى كامالەتكە يەتكەن تولۇن ئاي بىلەن قەسەمكى
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 19-ئايەت)لَتَرْكَبُنَّ طَبَقًا عَنْ طَبَقٍ
سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر
سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تورىسىلەر
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 20-ئايەت)فَمَا لَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟
شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلارغا نېمە بولدىكى، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ؟
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 21-ئايەت)وَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ الْقُرْآنُ لَا يَسْجُدُونَ ۩
ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 22-ئايەت)بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُكَذِّبُونَ
بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ
بەلكى كاپىرلار يالغانغا چىقىرىدۇ
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 23-ئايەت)وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ
ھالبۇكى ئاللاھ، ئۇلارنىڭ يوشۇرىۋاتقانلىرىنى ئوبدان بىلىدۇ
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 24-ئايەت)وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن
-
(84-سۈرە ئىنىشقاق، 25-ئايەت)فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر مۇستەسنادۇركى، ئۇلار ئۈچۈن ئۈزۈلمەس مۇكاپات باردۇر