ئىنشىراھ سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەتمەنىسى: ئېچىۋېتىش. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ قەلبىنى ئىمانغا ئېچىۋېتىپ، دىلىنى ھېكمەت بىلەن تولدۇرغانلىقى بايان قىلىنغان
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
-ئى مۇھەممەد!- سەن ئۈچۈن كۆكسىڭنى ئېچىپ كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 2-ئايەت)وَوَضَعْنَا عَنْكَ وِزْرَكَ
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق
سېنىڭ ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىمىدۇقمۇ؟
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 3-ئايەت)الَّذِي أَنْقَضَ ظَهْرَكَ
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق
ئۇ ئېغىر يۈك بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئىدى
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 4-ئايەت)وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ
سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق
سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلمىدۇقمۇ؟
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 5-ئايەت)فَإِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 6-ئايەت)إِنَّ مَعَ الْعُسْرِ يُسْرًا
ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 7-ئايەت)فَإِذَا فَرَغْتَ فَانْصَبْ
(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن
شۇنىڭ ئۈچۈن بوشىغان چېغىڭدا دەرھال تىرىشقىن
-
(94-سۈرە ئىنشىراھ، 8-ئايەت)وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَارْغَبْ
پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن
ۋە رەببىڭگە يۈزلەنگىن