مۇرتەدلىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ تاشلىۋېتىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش قىلمىشى.
ئەرەبچىىسى: الردة
ئېنگلىزچىسى: Apostasy
18 ئايەت
7 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىمان ۋە كاپىرلىق /
- 📄 مۇرتەدلىك
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
أَمْ تُرِيدُونَ أَنْ تَسْأَلُوا رَسُولَكُمْ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِنْ قَبْلُ ۗ وَمَنْ يَتَبَدَّلِ الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئىلگىرى مۇسادىن سوئال سورىغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلاردىن سوئال سورىماقچى بولامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرىغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇساغا تەلەپ قويغاندەك، سىلەرمۇ پەيغەمبىرىڭلارغا تەلەپ قويماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ كىمكى ئىمانىنى كۇفرغا تېگىشسە، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن تايغان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ياكى سىلەر رەسۇلۇڭلارغا ئىلگىرى مۇساغا قويۇلغاندەك تەلەپلەرنى قويماقچىمۇ؟ كىم ئىماننى كۇفرىغا تېگىشىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ.
2 : 209 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ زَلَلْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْكُمُ الْبَيِّنَاتُ فَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن (توغرا يولدىن) تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، (سىلەر جازالىنىسىلەر، چۈنكى) ئاللاھ غالىبتۇر (يەنى سىلەردىن ئىنتىقام ئېلىشتىن ئاجىز ئەمەستۇر)، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[209].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن توغرا يولدىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن يەنىلا ھەقتىن تېيىپ كەتسەڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
2 : 217 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ ۖ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ ۖ وَصَدٌّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَكُفْرٌ بِهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِ مِنْهُ أَكْبَرُ عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ ۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمْ عَنْ دِينِكُمْ إِنِ اسْتَطَاعُوا ۚ وَمَنْ يَرْتَدِدْ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدە (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۆمىنلەرگە زىيانكەشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[217].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئەمما ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرلىق قىلىش، ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇش ۋە ھەرە مەسجىدى ئەھلىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، (دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن مۆمىنلەرگە) زىيانكەشلىك قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». كافىرلار قولىدىن كەلسىلا، سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ تۇرىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كافىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. لېكىن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كافىر بولۇش، مەسجىدى ھەرەمنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىش بولسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. فىتنە ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر». ئۇلار كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرغانغا قەدەر توختىماي سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىم دىنىدىن يېنىپ كافىر ھالىتىدە ئۆلسە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
8 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ آمِنُوا بِالَّذِي أُنْزِلَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَجْهَ النَّهَارِ وَاكْفُرُوا آخِرَهُ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن.
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار ئىمانىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىن؛
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن بىر گۇرۇھ ئۆز - ئارا مۇنداق دېيىشتى: «شۇ مۇئمىنلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىگە ئەتىگىنى ئىمان ئېيتىپ، ئاخشىمى ئۇنى ئىنكار قىلىڭلار. ئۇلار سىلەرگە ئەگىشىپ ئىمانىدىن يېنىشى مۇمكىن.
3 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ تَوَلَّىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدىن كېيىن ئەھدىنى بۇزغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇنىڭدىن كېيىن كىم يۈز ئۆرۈسە، ئەنە شۇلار فاسىقلاردۇر18.
3 : 86 - ئايەت
كۆرۈش
كَيْفَ يَهْدِي اللَّهُ قَوْمًا كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ وَشَهِدُوا أَنَّ الرَّسُولَ حَقٌّ وَجَاءَهُمُ الْبَيِّنَاتُ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقاندىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە شاھىت بولغاندىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كاپىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[86].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن! ئاللاھ بۇنداق زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، بۇ ئەلچىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن كافىر بولغان قەۋمنى ئاللاھ قانداقمۇ ھىدايەت قىلسۇن؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
3 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
أُولَٰئِكَ جَزَاؤُهُمْ أَنَّ عَلَيْهِمْ لَعْنَةَ اللَّهِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش ئۇلارغا بېرىلگەن جازادۇر
ئەنەس ئالىم: ئەنە شۇلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە ئۇچراش جازاسى بېرىلىدۇ.
3 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بَعْدَ إِيمَانِهِمْ ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَنْ تُقْبَلَ تَوْبَتُهُمْ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الضَّالُّونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كاپىر بولغانلار، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرلىقتا تېخىمۇ چىڭ تۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولۇپ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئازغۇنلار ئەنە شۇلاردۇر.
3 : 100 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ تُطِيعُوا فَرِيقًا مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ يَرُدُّوكُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ كَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىغە ئىتائەت قىلساڭلار، مۆمىن بولغىنىڭلاردىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ[100].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار سىلەرنى كافىرلىققا قايتۇرۇۋېتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر كىتاب بېرىلگەنلەردىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئىمانىڭلاردىن ئايرىپ كافىر قىلىۋېتىدۇ.
3 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
يَوْمَ تَبْيَضُّ وُجُوهٌ وَتَسْوَدُّ وُجُوهٌ ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ اسْوَدَّتْ وُجُوهُهُمْ أَكَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ، بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا (پەرىشتىلەر ئېيتىدۇكى): «ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلارمۇ؟ كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار»[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنىدە بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ يۈزلىرى قارىداپ كېتىدۇ. يۈزى قارىداپ كەتكەنلەرگە: «ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن يەنە كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى بەزى يۈزلەر ئاقىرىدۇ ۋە بەزى يۈزلەر قارىيىدۇ. يۈزى قارايغانلارغا: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شۇ ئازابنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ.
3 : 177 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ اشْتَرَوُا الْكُفْرَ بِالْإِيمَانِ لَنْ يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىماننى كۇفرىغا تېگىشكەنلەر (يەنى مەزكۇر مۇناپىقلار) (كۇفرى بىلەن) ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[177].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىماننى كۇفرغا تېگىشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمانغا كۇفرىنى سېتىۋالغانلار ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
نىسا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 115 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُشَاقِقِ الرَّسُولَ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُ الْهُدَىٰ وَيَتَّبِعْ غَيْرَ سَبِيلِ الْمُؤْمِنِينَ نُوَلِّهِ مَا تَوَلَّىٰ وَنُصْلِهِ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ئۆزىگە (مۆجىزىلەر ئارقىلىق) توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي![115].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقا يولغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كىمكى توغرا يولنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھتىن ئايرىلسا ۋە مۇئمىنلارنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگەشسە، بىز ئۇنى كىرگەن يولىغا قويۇپ بېرىمىز ۋە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
4 : 137 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كاپىر بولغان، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن (يەنى شۇ كۇفرى بىلەن ئۆلگەن) كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا (يەنى جەننەتكە) يېتەكلىمەيدۇ[137].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن يەنە كافىر بولغان، ئاندىن كۇفردا ھەددىدىن ئاشقان كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە توغرا يولغا يېتەكلىمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كافىر بولغان، ئاندىن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسەتمەيدۇ.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَنْ يَرْتَدَّ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَسَوْفَ يَأْتِي اللَّهُ بِقَوْمٍ يُحِبُّهُمْ وَيُحِبُّونَهُ أَذِلَّةٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ أَعِزَّةٍ عَلَى الْكَافِرِينَ يُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَخَافُونَ لَوْمَةَ لَائِمٍ ۚ ذَٰلِكَ فَضْلُ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئاللاھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقىرىدىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش) ئاللاھنىڭ پەزلىدۇركى، (ئاللاھ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (ئاللاھ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى (ئىسلام دىنىدىن) يانىدىكەن، ئاللاھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) ئۆزى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كەمتەر، كافىرلارغا قاتتىق قول، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى ئۇزاققا قالماي كەلتۈرىدۇ. بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش ئاللاھنىڭ پەزلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، ئاللاھ پەزلى كەڭ، ھەممىنى بىلگۈچى زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەردىن كىم دىنىدىن يانىدىكەن، بىلسۇنكى، ئاللاھ يېقىندا باشقا قەۋم مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار مۇئمىنلارغا كەمتەر ۋە يۇمشاق كۆڭۈللۈك، كافىرلارغا غۇرۇرلۇق ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدۇ ۋە ھېچبىر مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتى كەڭدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 66 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِنْ نَعْفُ عَنْ طَائِفَةٍ مِنْكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز[66].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئازابقا دۇچار قىلىمىز
ئەنەس ئالىم: ئى مۇنافىقلار! ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېين كافىر بولدۇڭلار. سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساقمۇ، يەنە بىر گۇرۇھنى ئازابلايمىز. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار بولغان كىشىلەردۇر.
9 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِنْ فَضْلِهِ ۚ فَإِنْ يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشى پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى، ئۇلارنىڭ ئىنتىقام ئالماقچى بولۇشلىرى، پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ «بىز ئۇنداق دېمىدۇق» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۇ كۇفرى سۆزنى ئېيتتى، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كافىر بولدى ۋە ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇندى15. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ئۆزلىرىنى باي قىلىپ قويغانلىقىنىلا يامان كۆردى16. ئۇلار ئەگەر تەۋبە قىلسا ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسە ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلايدۇ. ئۇلارغا يەر يۈزىدە ھېچبىر ۋەلىي ۋە ھېچبىر ياردەمچى يوقتۇر.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ أُوحِيَ إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ لَئِنْ أَشْرَكْتَ لَيَحْبَطَنَّ عَمَلُكَ وَلَتَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھىي قىلىندى[65 ـ 66].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمەلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى.
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكىلەرگە: «ئەگەر شېرىك كەلتۈرسەڭ، ئەمىلىڭ بىكار بولۇپ كېتىدۇ ۋە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ كېتىسەن» دەپ ۋەھىي قىلىندى.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ ارْتَدُّوا عَلَىٰ أَدْبَارِهِمْ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ الْهُدَى ۙ الشَّيْطَانُ سَوَّلَ لَهُمْ وَأَمْلَىٰ لَهُمْ
مۇھەممەد سالىھ: توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار)غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆزلىرىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلارغا كەلسەك، شەيتان ئۇلارغا خاتالىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قۇرۇق خىياللار بىلەن تىندۇردى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، توغرا يول ئۆزلىرىگە ئېنىق بولغاندىن كېيىن كەينىگە يېنىۋالغانلارنى شەيتان كۈشكۈرتتى ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بەردى.