تەقدىرگە رازى بولۇش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھ تەقدىر قىلغان نەرسىلەرگە ئىچ-ئىچىدىن رازى بولۇش روھىي ھالىتى.
ئېنگلىزچىسى: Contentment with Decree
3 ئايەت
3 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 تەقدىر (ئىلاھىي ھۆكۈم) /
- 📄 تەقدىرگە رازى بولۇش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 156 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّا إِلَيْهِ رَاجِعُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارغا بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز» دەيدۇ[156].
ئەنەس ئالىم: ئۇ سەۋر قىلغۇچىلار شۇنداق كىشىلەركى، بېشىغا مۇسىبەت يەتكەندە: «شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلاردۇرمىز!» دەيدۇ.
ھەدىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
57 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
لِكَيْلَا تَأْسَوْا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا تَفْرَحُوا بِمَا آتَاكُمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھتائالانىڭ ئۇلارنى لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىشى) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەر ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنداق بولۇشى، قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ كەتمەسلىكىڭلار ۋە ئاللاھ بەرگەن نەرسىلەرگە خۇش بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ئاللاھ مۇتەكەببىرلەرنى ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بۇ قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرماسلىقىڭلار ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان نەرسە بىلەن كۆرەڭلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَمَّا إِذَا مَا ابْتَلَاهُ فَقَدَرَ عَلَيْهِ رِزْقَهُ فَيَقُولُ رَبِّي أَهَانَنِ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «پەرۋەردىگارىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببى ئىنساننى سىناپ رىزقىنى تار قىلسا، ئۇ: «رەببىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەمما رەببى ئۇنى سىناپ رىزقىنى تار قىلغان چاغدا: «رەببىم مېنى خار قىلدى» دەيدۇ.