مەست قىلغۇچى ماددىلار
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە شۇنىڭدەك ئەقىلنى بىنورماللاشتۇرىدىغان ماددىلارنى قەتئىي چەكلەش توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Intoxicants
4 ئايەت
3 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ھالال ۋە ھارام /
- 📄 مەست قىلغۇچى ماددىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 219 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِنْ نَفْعِهِمَا ۗ وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنْفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «(ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار)» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ (ئىشلىرىنى) تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ[219].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە ئازغىنا نەپمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ نەپكە قارىغاند چوڭدۇر» دېگىن*[1]، ئۇلار سەندىن قانداق نەرسىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «ئېھتىياجدىن ئارتۇقىنى سەدىقە قىلىڭلار» دېگىن. دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سەندىن مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن بىر قىسىم پايدىلار بار. لېكىن ئىككىسىنىڭ گۇناھى پايدىسىدىن چوڭدۇر». ئۇلار سەندىن نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەفۋەنى چىقىم قىلىڭلار»61. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنْتُمْ سُكَارَىٰ حَتَّىٰ تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّىٰ تَغْتَسِلُوا ۚ وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَىٰ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولساڭلار، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگىنىڭلارغىچە، جۇنۇپ بولساڭلار، ـ يول ئۈستىدە بولغانلار (بۇنىڭدىن) مۇستەسنا، ـ غۇسلى قىلمىغىچە نامازغا يېقىنلاشماڭلار، ئەگەر كېسەل (يەنى كېسەلگە سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا) ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى ھاجەت قىلساڭلار ياكى ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقنى يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا سۈرتۈپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىگە ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈن ئىبادەتنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈچىدۇر)(ئىزاھات: بۇ، ھاراق ھارام قىلىنشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈم ئىدى.)[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مەست بولۇپ قالغاندا، نېمە دەۋاتقىنىڭلارنى بىلگۈدەك بولغۇچە (نامازغا يېقىنلاشماڭلار) *[1]، جۇنۇپ بولۇپ قالغاندا غۇسلى قىلمىغۇچە نامازغا (يەنى مەسجىدكە) يېقىنلاشماڭلار؛ (مەسجىدنىڭ ھويلىسىدىن) ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار بۇنىڭدىن مۇستەستا؛ ئەگەر (سۇ زىيان قىلىدىغان) كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار، ياكى ھاجەت قىلساڭلار، ياكى خوتۇنۇڭلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسەڭلار، (مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراققا ئۇرۇلغان قولۇڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاپ تەيەممۇم قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مەست چېغىڭلاردا نېمە دەۋاتقانلىقىڭلارنى بىلگىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار. جۇنۇپ چېغىڭلاردىمۇ غۇسۇل قىلغىنىڭلارغا قەدەر نامازغا يېقىنلاشماڭلار، يولدىن ئۆتكۈچىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا23. ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولغان بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار24. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، ئىلاھ قىلىپ تىكلەنگەن نەرسىلەرگە چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش پەقەت شەيتاننىڭلا ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مەست قىلغۇچى نەرسە، قىمار، تىكلەپ قويۇلغان تاشلار26، پال ئوقلىرى ھەقىقەتەن پاسكىنا نەرسىلەردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇلاردىن ساقلىنىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
5 : 91 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يُرِيدُ الشَّيْطَانُ أَنْ يُوقِعَ بَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ فِي الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ وَيَصُدَّكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ وَعَنِ الصَّلَاةِ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُنْتَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟[91].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئۆچمەنلىك تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن، قىماردىن) يانمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، شەيتان مەست قىلغۇچى نەرسە ۋە قىمار بىلەن ئاراڭلارغا دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك سېلىشنى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ۋە نامازدىن توسۇشنى ئىرادە قىلىدۇ. ئەمدىغۇ يانىدىغانسىلەر؟