مۇنازىرە ۋە دەتالاش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش ۋە گۇمانلارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئەدەبلىك، ئەقلىي مۇلاھىزە، سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىش.
ئەرەبچىىسى: المجادلة
ئېنگلىزچىسى: Dialogue and Debate
18 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 دەۋەت ئۇسۇللىرى /
- 📄 مۇنازىرە ۋە دەتالاش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 139 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ أَتُحَاجُّونَنَا فِي اللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ وَلَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ وَنَحْنُ لَهُ مُخْلِصُونَ
مۇھەممەد سالىھ: «بىز بىلەن ئاللاھ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقىلا سادىقمىز» دېگىن[139].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھ توغرۇلۇق بىز بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئاللاھقا خالس ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر بىزنىڭمۇ رەببىمىز، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھ توغرىسىدا بىز بىلەن دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز بىزنىڭ، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار سىلەرنىڭدۇر. بىز ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن كىشىلەرمىز».
2 : 258 - ئايەت
كۆرۈش
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِي حَاجَّ إِبْرَاهِيمَ فِي رَبِّهِ أَنْ آتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ إِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّيَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا أُحْيِي وَأُمِيتُ ۖ قَالَ إِبْرَاهِيمُ فَإِنَّ اللَّهَ يَأْتِي بِالشَّمْسِ مِنَ الْمَشْرِقِ فَأْتِ بِهَا مِنَ الْمَغْرِبِ فَبُهِتَ الَّذِي كَفَرَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىرىنى ئۆلتۈردى، يەنە بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[258].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تۈپەيلى، ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئادەمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرەلەيمەن، ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى. ئىبراھىم: «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرىدۇ، سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېۋىدى، ئۇ كافىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھۆكۈمدارلىق ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىبراھىم بىلەن رەببى توغرىسىدا دەتالاش قىلقان كىشى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «مېنىڭ رەببىم تىرىلدۈرىدىغان، ئۆلتۈرىدىغان زاتتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ: «مەنمۇ تىرىلدۈرىمەن، ئۆلتۈرىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم: «ئۇنداق بولسا، ئاللاھ قۇياشنى مەشرىقتىن چىقىرىدۇ. قېنى، سەن ئۇنى مەغرىبتىن چىقىرىپ باق!» دېدى. ئۇ كافىر تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ حَاجَّكَ فِيهِ مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ فَقُلْ تَعَالَوْا نَدْعُ أَبْنَاءَنَا وَأَبْنَاءَكُمْ وَنِسَاءَنَا وَنِسَاءَكُمْ وَأَنْفُسَنَا وَأَنْفُسَكُمْ ثُمَّ نَبْتَهِلْ فَنَجْعَلْ لَعْنَتَ اللَّهِ عَلَى الْكَاذِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىملەركى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن ئىيسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھەر قانداق بىر كىشى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا:«كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، خوتۇنلىرىمىزنى ۋە خوتۇنلىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى» دېگىن
ئەنەس ئالىم: ساڭا بۇ ئىلىم كەلگەندىن كېيىن كىم سەن بىلەن بۇ توغرىدا دەتالاش قىلىشسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، بىزنىڭ ئوغۇللىرىمىزنى، سىلەرنىڭ ئوغۇللىرىڭلارنى، بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى چاقىرايلى، ئاندىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن دەپ چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلى».
3 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لِمَ تُحَاجُّونَ فِي إِبْرَاهِيمَ وَمَا أُنْزِلَتِ التَّوْرَاةُ وَالْإِنْجِيلُ إِلَّا مِنْ بَعْدِهِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولدى. (سۆزۈڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئەھلى كىتاب! نېمە ئۈچۈن ئىبراھىم توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىسىلەر؟ (ئىبراھىمنى ئۆزۈڭلارنىڭ دىنىدا دەپ گۇمان قىلىسىلەر؟) ھالبۇكى، تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر بۇنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى ئەھلى كىتاب! ئىبراھىم توغرىسىدا نېمە ئۈچۈن دەتالاش قىلىشىسىلەر؟ تەۋرات بىلەن ئىنجىل ئىبراھىمدىن كېيىن نازىل قىلىنغان تۇرسا! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
ئەنئام سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 80 - ئايەت
كۆرۈش
وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ ۚ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ ۚ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا ۗ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر؟[80]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن؛ پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىرادە قىلغىنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنى ئويلىمامسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشتى. ئىبراھىم دېدىكى: «سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىرەر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن8. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئويلىمامسىلەر؟9.
6 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَسُبُّوا الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ فَيَسُبُّوا اللَّهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ مَرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغانلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلماي ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار نادانلىقىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى پەرۋاردىگارىنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان زاتلىرىنى تىللىماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىلمەستىن ئاللاھنى تىللايدۇ. بىز ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئەمىلىنى ئاشۇنداق چىرايلىق كۆرسەتتۇق. ئاخىردا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن رەببى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ.
6 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۖ مِنَ الضَّأْنِ اثْنَيْنِ وَمِنَ الْمَعْزِ اثْنَيْنِ ۗ قُلْ آلذَّكَرَيْنِ حَرَّمَ أَمِ الْأُنْثَيَيْنِ أَمَّا اشْتَمَلَتْ عَلَيْهِ أَرْحَامُ الْأُنْثَيَيْنِ ۖ نَبِّئُونِي بِعِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) سەككىز خىل چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر (سىلەر ئاللاھ بۇلارنى بىزگە ھارام قىلدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ ئېيتىپ بېرىڭلار!»[143].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) ئەركەك-چىشى سەككىز چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى ئۆچكە). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنى ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، قېنى ماڭا توغرىسىنى ئېيتىپ بېرىڭلار!»
ئەنەس ئالىم: يەنى ئاللاھ سەككىز جۈپنى ياراتتى26: قويدىن ئىككىنى، ئۆچكىدىن ئىككىنى ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار ماڭا ئىلىم بىلەن ئېيتىپ بېرىڭلار».
6 : 150 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ هَلُمَّ شُهَدَاءَكُمُ الَّذِينَ يَشْهَدُونَ أَنَّ اللَّهَ حَرَّمَ هَٰذَا ۖ فَإِنْ شَهِدُوا فَلَا تَشْهَدْ مَعَهُمْ ۚ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَهُمْ بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) «ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار» دېگىن. ئەگەر ئۇلار (ھازىر بولۇپ يالغاندىن) گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارغا قوشۇلۇپ گۇۋاھلىق بەرمىگىن (چۈنكى ئۇ پۈتۈنلەي يالغاندۇر). بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭغا شېرىك كەلتۈرىدۇ[150].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) «ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار (يالغاندىن) گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارغا قوشۇلۇپ گۇۋاھلىق بەرمىگىن. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭغا شېرىك كەلتۈرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېگىن. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە، سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۇۋاھلىق بەرمىگىن. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلىدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُمْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكەن. رەببىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئىنسانلارنى رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت بىلەن ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
تاھا سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 60 - ئايەت
كۆرۈش
فَتَوَلَّىٰ فِرْعَوْنُ فَجَمَعَ كَيْدَهُ ثُمَّ أَتَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكرنى (يەنى سېھىرگەرلەرنى) توپلىدى. ئاندىن ئۇ (سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى[60].
تەرجىمە ھەيئىتى: پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكر-سېھىرگەرلەرنى- توپلىدى. ئاندىن ئۇ -سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا- كەلدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشىپ، تەۋەلىكىدە قانچىلىك سېھىرگەر ۋە سېھىر ئەسۋابى بولسا ھەممىسىنى يىغدى. ئاندىن ۋەدىلەشكەن يەرگە كەلدى.
20 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ يَا هَارُونُ مَا مَنَعَكَ إِذْ رَأَيْتَهُمْ ضَلُّوا
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»[92 ـ 93].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا نېمە توسالغۇ بولدى؟
ئەنەس ئالىم: مۇسا قايتىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئى ھارۇن! بۇلارنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن چېغىڭدا نېمە ئۈچۈن توسمىدىڭ؟
ئەنبىيا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 54 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَ لَقَدْ كُنْتُمْ أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ (پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى[54].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ: «سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!» دېدى.
21 : 55 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَجِئْتَنَا بِالْحَقِّ أَمْ أَنْتَ مِنَ اللَّاعِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دېدى[55].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «سەن بىزگە توغرىنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ياكى چاقچاقچىلاردىن بىرىمۇسەن؟» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سەن بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ ياكى چاقچاق قىلغۇچىلاردىنمۇسەن؟» دېدى.
21 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا فَأْتُوا بِهِ عَلَىٰ أَعْيُنِ النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى): «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن» دېدى)[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئۇنداقتا ئىبراھىمنى دەرھال كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇلارمۇ گۇۋاھلىق بېرىشى مۇمكىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: يەنە بەزىسى: «ئۇنداقتا ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىغا چىقىرىڭلار، شاھىتلىق قىلىشلىرى مۇمكىن» دېدى.
21 : 62 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا أَأَنْتَ فَعَلْتَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا يَا إِبْرَاهِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.[62]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى.
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كەلتۈرۈلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى سەن قىلدىڭمۇ؟» دېدى.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ فَأْتُوا بِكِتَابٍ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ هُوَ أَهْدَىٰ مِنْهُمَا أَتَّبِعْهُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئۇ ئىككى كىتاب سېھىردۇر دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي»[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «ئۇنداق بولسا، سىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بۇ ئىككى كىتابتىن بەكرەك توغرا يول كۆرسىتىدىغان بىرەر كىتاب كەلتۈرۈڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي. ئەگەر راستچىل بولساڭلار».
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُجَادِلُوا أَهْلَ الْكِتَابِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ إِلَّا الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ ۖ وَقُولُوا آمَنَّا بِالَّذِي أُنْزِلَ إِلَيْنَا وَأُنْزِلَ إِلَيْكُمْ وَإِلَٰهُنَا وَإِلَٰهُكُمْ وَاحِدٌ وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە فىدىيە بېرىشتىن باش تارتقۇچىلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتاب بىلەن پەقەت ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئېيتىڭلاركى، «بىزگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار ۋە بىزنىڭ ئىلاھىمىز بىردۇر، بىز ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلارمىز»
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتاب بىلەن ئەڭ چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلىشىڭلار - ئۇلاردىن زۇلۇم قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، مۇنداق دەڭلار: «بىز، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋە سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق. بىزنىڭ ئىلاھىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىردۇر. بىز ئۇنىڭغا تەسلىم بولغۇچىلارمىز».
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ مَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ وَإِنَّا أَوْ إِيَّاكُمْ لَعَلَىٰ هُدًى أَوْ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ)، شۈبھىسىزكى، بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز، يا روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز»[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ، شۈبھىسىزكى، بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز ۋە ياكى روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز»
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟». ئېيتقىنكى: «ئاللاھتۇر. شۈبھىسىزكى، بىز يا سىلەر - ئىككىمىزدىن بىرىمىز چوقۇم توغرا يولدىدۇر ياكى ئاشكارا ئازغۇنلۇقتىدۇر».