كەفارەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قەسەمنى بۇزۇش ياكى باشقا ئالاھىدە قىلمىشلارنىڭ كاپارەت بېرىش قائىدىلىرى.
ئەرەبچىىسى: الكفارة
ئېنگلىزچىسى: Expiation
8 ئايەت
5 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قەسەم ۋە نەزىر /
- 📄 كەفارەت
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 182 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ خَافَ مِنْ مُوصٍ جَنَفًا أَوْ إِثْمًا فَأَصْلَحَ بَيْنَهُمْ فَلَا إِثْمَ عَلَيْهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ئارىسىنى تۈزەپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[182].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ سەۋەنلىكىنى ياكى قەستەن ناتوغرا قىلغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلار (يەنى ۋەسىيەت قىلغۇچىلار بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلار) نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ بىرەر ناھەقچىلىك قىلىشىدىن ياكى بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن قورقىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويسا ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 92 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَنْ يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلَّا خَطَأً ۚ وَمَنْ قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَأً فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ إِلَّا أَنْ يَصَّدَّقُوا ۚ فَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ عَدُوٍّ لَكُمْ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ وَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ فَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَىٰ أَهْلِهِ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ ۖ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس. كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت (يەنى تۆلەم) تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسا، (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ). ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك. ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[92].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەۋەنلىك بولۇپ قالمىسىلا، مۆمىن ئادەم مۆمىن ئادەمنى ئۆلتۈرمەيدۇ. كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا تۆلەم بېرىشى كېرەك، ۋارىسلار تۆلەمنى كەچۈرۈم قىلسام، قاتىل ئۇنى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پەقەت بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىسىلا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن قەۋمدىن بولسا، قاتىل ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا تۆلەم بېرىدۇ ۋە بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىدۇ. قۇل ئازاد قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ئادەم ئاللاھقا تەۋبە قىلىش ئۈچۈن ئۈزمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: مۇئمىننىڭ مۇئمىننى ئۆلتۈرۈشكە ھەددى ئەمەس. بۇ پەقەت سەۋەنلىك بىلەن بولۇشى مۇمكىن. كىمكى بىر مۇئمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك. لېكىن ۋارىسلار دىيەتنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۇئمىن سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بولغان قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل مۇئمىن بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا كېلىشىم بولغان بىر قەۋمدىن بولسا، بۇ تەقدىردە قاتىل ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى ۋە بىر مۇئمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. كىمكى تاپالمىسا ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
مائىد سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَتَبْنَا عَلَيْهِمْ فِيهَا أَنَّ النَّفْسَ بِالنَّفْسِ وَالْعَيْنَ بِالْعَيْنِ وَالْأَنْفَ بِالْأَنْفِ وَالْأُذُنَ بِالْأُذُنِ وَالسِّنَّ بِالسِّنِّ وَالْجُرُوحَ قِصَاصٌ ۚ فَمَنْ تَصَدَّقَ بِهِ فَهُوَ كَفَّارَةٌ لَهُ ۚ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) غا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان (يەنى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلتۈرۈلىدۇ)، كۆزگە كۆز (يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ)، بۇرۇنغا بۇرۇن (يەنى كىشىنىڭ بۇرنىنى ناھەق كەسكەننىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ)، قۇلاققا قۇلاق (يەنى كىشىنىڭ قۇلىقىنى ناھەق كەسكەننىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ)، چىشقا چىش (يەنى كىشىنىڭ چىشىنى ناھەق تۆككەننىڭ چىشى تۆكۈلىدۇ) ۋە (كىشىنى) قانداق يارىدار قىلغان بولسا شۇنداق يارىدار قىلىنىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ. كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا)، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى) غا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىسرائىل ئەۋلادىغا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە كىشىنى قانداق يارىدار قىلغان بولسا، ئۇنىمۇ شۇنداق يارىدار قىلىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ، كىمكى جىنايەتچىنى ئەپۇ قىلسا، بۇ ئۇنىڭ گۇناھىغا كەفارەت بولىدۇ، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇلارغا تەۋراتتا: «جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە يارىلاندۇرۇشلار ئۆز ئوخشىشى بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ» دەپ يازدۇق. كىم ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر.
5 : 89 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَٰكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الْأَيْمَانَ ۖ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ ۖ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ ۚ ذَٰلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ ۚ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ ۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستىن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ[89].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. (بۇنداق قەسەمنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەفارىتى ئائىلەڭلاردىكىلەرگە بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا بىر قۇردىن كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەفارىتىدۇر. قاچان قەسەم ئىچسەڭلار، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىكتىن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن ئاللاھ سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلەرگە بېرىدىغان تائامنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكىدىن ئون مىسكىنگە تائام بېرىشتۇر ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى تاپالمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. ئەنە شۇ قەستەن قەسەم قىلىپ بۇزغان چېغىڭلاردا، ئۇنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار. ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر.
5 : 95 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ ۚ وَمَنْ قَتَلَهُ مِنْكُمْ مُتَعَمِّدًا فَجَزَاءٌ مِثْلُ مَا قَتَلَ مِنَ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ هَدْيًا بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَٰلِكَ صِيَامًا لِيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ ۗ عَفَا اللَّهُ عَمَّا سَلَفَ ۚ وَمَنْ عَادَ فَيَنْتَقِمُ اللَّهُ مِنْهُ ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انْتِقَامٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر[95].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا تەڭداش كەلگۈدەك چارۋىدىن بىرنى كەئبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر، ياكى كەفارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر، ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. (ئېھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن) بۇرۇنقى گۇناھنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى بۇ گۇناھنى قايتا ئۆتكۈزسە، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، گۇناھكارلارنى) جازالىغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا ئوۋنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىم ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئوۋغا تەڭ كېلىدىغان بىر ھايۋاندۇر - بۇنىڭغا سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشى ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ھايۋاننى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىش لازىم - ياكى مىسكىنلەرگە تائام بېرىش كەففارىتىدۇر ياكى ئۇنىڭ باراۋىرىگە روزا تۇتۇشتۇر. بۇ جازا ئۇ كىشىنىڭ ئۆز قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئىلگىرىكى گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلدى. كىمكى قايتا گۇناھ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ئىنتىقام ئىگىسىدۇر.
مۇجادىلە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
58 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يُظَاهِرُونَ مِنْ نِسَائِهِمْ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا قَالُوا فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَتَمَاسَّا ۚ ذَٰلِكُمْ تُوعَظُونَ بِهِ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە (يەنى زىھار قىلغانلىقىغا) پۇشايمان قىلغانلار (ئەر ـ ئايال ئىككىسى) يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللىرىنى زىھار قىلىپ، ئاندىن قىلغان سۆزىگە قايتىدىغانلار، جۈپتىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم. بۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئاياللىرىنى زىھار قىلغان، ئاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدىن يانغانلار ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى بىر قۇل ئازاد قىلسۇن. مانا بۇ سىلەرگە قىلىنغان نەسىھەتتۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
58 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَتَمَاسَّا ۖ فَمَنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَإِطْعَامُ سِتِّينَ مِسْكِينًا ۚ ذَٰلِكَ لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ ۗ وَلِلْكَافِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئازاد قىلىشقا) قۇل تاپالمىغان ئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، (قېرىلىق ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن روزا تۇتۇشقا) قادىر بولالمىغان ئادەم (60 مىسكىنگە بىر ۋاخ تاماق بېرىشى لازىم)، بۇ (ئەھكام) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى (ئەمر قىلغان ئىشلارغا) تەستىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن (بايان قىلىندى). بۇلار ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، (بۇ قانۇننى) ئىنكار قىلغۇچىلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئازاد قىلىشقا قۇل تاپالمىغان ئادەم، ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىغان ئادەم، 60 مىسكىننى تويغۇزۇشى لازىم، بۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەنە شۇلار، ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن چەك - چىگرىلاردۇر، ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن قاتتىق ئازاب باردۇر
ئەنەس ئالىم: كىمكى تاپالمىسا، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇشتىن ئىلگىرى ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتسۇن. كىمكى قادىر بولالمىسا، ئاتمىش مىسكىنگە تائام بەرسۇن. بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كافىرلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
قَدْ فَرَضَ اللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَانِكُمْ ۚ وَاللَّهُ مَوْلَاكُمْ ۖ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە (كەففارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە كەففارەت بېرىپ قەسەملىرىڭلاردىن چىقىشنى يولغا قويۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.