قەدىر كېچىسى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قەدىر كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىدىن بىرى بولۇپ، پەزىلەت جەھەتتىن مىڭ ئايدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
ئېنگلىزچىسى: Laylat al-Qadr
8 ئايەت
4 سۈرە
0 تارماق تېما
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 185 - ئايەت
كۆرۈش
شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِي أُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَبَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَىٰ وَالْفُرْقَانِ ۚ فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ ۖ وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۗ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر. سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ[185].
تەرجىمە ھەيئىتى: (روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ساناقلىق كۈنلەر) ئىنسانلارغا يېتەكچى، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدۇر. شۇڭا، سىلەردىن كىمكى بۇ رامىزان ئېيىنى كۆرسە، روزا تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، (تۇتالمىغان كۈنلىرى ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامىزان ئېيىدۇر. ئۇ شۇنداق ئايكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ھىدايەت بولغان، ھىدايەتنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئەنە شۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا55، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن. كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر56، ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر! ئاللاھ سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتتى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!
دۇخان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
44 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُبَارَكَةٍ ۚ إِنَّا كُنَّا مُنْذِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدردە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى مۇبارەك كېچىدە نازىل قىلدۇق. چۈنكى بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز.
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَيَالٍ عَشْرٍ
مۇھەممەد سالىھ: (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: #نامى؟
ئەنەس ئالىم: ئون كېچە بىلەن2،
قەدر سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
97 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ - قۇرئان - نى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى قەدر كېچىسىدە نازىل قىلدۇق.
97 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ
مۇھەممەد سالىھ: شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟[2]
تەرجىمە ھەيئىتى: شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟
ئەنەس ئالىم: قەدر كېچىسى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟
97 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ
مۇھەممەد سالىھ: شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: شەبى قەدرى مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر
ئەنەس ئالىم: قەدر كېچىسى مىڭ ئايدىن ياخشىدۇر.
97 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
تَنَزَّلُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ
مۇھەممەد سالىھ: پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە رەببىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ كېچىدە پەرىشتىلەر ۋە رۇھ رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ھەر ئەمر ئۈچۈن چۈشىدۇ.
97 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
سَلَامٌ هِيَ حَتَّىٰ مَطْلَعِ الْفَجْرِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتۇر ئىبارەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ تاڭ يورۇغانغا قەدەر سالام كېچىسىدۇر1.