أَيَّامًا مَعْدُودَاتٍ ۚ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ۚ وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ ۖ فَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَهُوَ خَيْرٌ لَهُ ۚ وَأَنْ تَصُومُوا خَيْرٌ لَكُمْ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر[184].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ پەرز روزا ساناقلىق كۈنلەردىدۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل بولۇپ ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ روزا تۇتالمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن) تۇتالمايدىغانلار تۇتمىسا، كۈنلۈكى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. كىمكى فىديىنى مىقدارىدىن ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (روزا تۇتماي فىديە بېرىشتىن) ياخشىدۇر
ئەنەس ئالىم: روزا ساناقلىق كۈنلەردە پەرز قىلىندى. سىلەردىن كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ. روزىنى تۇتۇشقا تاقىتى يېتىدىغانلار فىديە بەرسۇن. فىديە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردىكى تائامدۇر. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.