غەيرىي مۇسۇلملارغا ئادالەت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئان كەرىمدە مۆمىنلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئادىل ۋە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش بۇيرۇقى بېرىلگەن.
ئېنگلىزچىسى: Justice toward Non-Muslims
2 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 باشقا دىنىي ئېتىقادلار /
- 📄 غەيرىي مۇسۇلملارغا ئادالەت
قۇرئان ئايەتلىرى
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 90 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الَّذِينَ يَصِلُونَ إِلَىٰ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ أَوْ جَاءُوكُمْ حَصِرَتْ صُدُورُهُمْ أَنْ يُقَاتِلُوكُمْ أَوْ يُقَاتِلُوا قَوْمَهُمْ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَسَلَّطَهُمْ عَلَيْكُمْ فَلَقَاتَلُوكُمْ ۚ فَإِنِ اعْتَزَلُوكُمْ فَلَمْ يُقَاتِلُوكُمْ وَأَلْقَوْا إِلَيْكُمُ السَّلَمَ فَمَا جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ عَلَيْهِمْ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە سىغىنغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ياكى ئۆز قەۋمىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ (يەنى سىلەر تەرەپمۇ ئەمەس، ئۆز قەۋمى تەرەپمۇ ئەمەس بولۇپ) سىلەرگە كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى مۇنداقلارنى ئۆلتۈرمەڭلار ۋە ئەسىر ئالماڭلار). ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە ھۆكۈمران قىلاتتى. ئۇلار، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى كۈچلۈك قىلىپ سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەتلىك قىلاتتى)، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا (يەنى سىلەرگە چېقىلمىسا)، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ[90].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت سىلەر بىلەن ئۆزى ئارىسىدا ئەھدە بولغان بىر قەۋمگە قوشۇلغانلار ياكى سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن، ياكى ئۆز قەۋمگە قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ يېنىڭلارغا كەلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى سىلەرگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىپ قوياتتى، ئاندىن ئۇلار ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن ئۇرۇشاتتى، ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرسا، سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىڭلارغا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: پەقەت سىلەر بىلەن ئارىسىدا كېلىشىم بولغان قەۋمگە سېغىنغان ياكى سىلەر بىلەن ياكى ئۆز قەۋمى بىلەن ئۇرۇشۇشتىن يۈرەكلىرى سىقىلىپ يېنىڭلارغا كەلگەن كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئۈستۈڭلارغا قويۇپ بېرەتتى. ئاندىن ئۇلار سىلەر بىلەن چوقۇم ئۇرۇشاتتى. ئەگەر ئۇلار سىلەردىن يىراق تۇرۇپ سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىسا ۋە سىلەرگە تەسلىم بولسا، ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ھېچقانداق يول قىلمىدى42.
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن توسمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.