خىيانەت ۋە ساختىپەزلىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
سودا ۋە ئىجتىمائىي مۇئامىلەلەردە ئالدامچىلىق ياكى كۆز بويامچىلىق، ھىيلىگەرلىك قىلمىشلىرىنىڭ چەكلىنىشى.
ئېنگلىزچىسى: Fraud and Cheating
8 ئايەت
6 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىقتىسادىي مۇئامىلىلەر /
- 📄 خىيانەت ۋە ساختىپەزلىك
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 188 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَكُمْ بَيْنَكُمْ بِالْبَاطِلِ وَتُدْلُوا بِهَا إِلَى الْحُكَّامِ لِتَأْكُلُوا فَرِيقًا مِنْ أَمْوَالِ النَّاسِ بِالْإِثْمِ وَأَنْتُمْ تَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار[188].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىر ـ بىرىڭلارنىڭ پۇل-ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم پۇل-ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار
ئەنەس ئالىم: بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِقِنْطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ إِنْ تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ پۇل-مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا سۈيلەپ تۇرمىغىچە، ئۇ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ساۋاتسىزلار (بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلار) نىڭ پۇل-مېلىغا خىيانەت قىلساق، بىزگە گۇناھ بولمايدۇ» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشى باركى، ئۇنىڭغا بىرەر خەزىنە ئامانەت قويساڭ ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلاردىن شۇنداق كىشىمۇ باركى، ئۇنىڭغا بىرەر دىنار ئامانەت قويساڭ بېشىدا تىكىلىپ تۇرمىغىچە ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «بىزدىن بولمىغانلارنىڭ مېلىنى يەۋالساق گۇناھكار بولمايمىز» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھقا بوھتان چاپلايدۇ.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ ئۆسۈمنى ئالغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئۇلارغا ئۇ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن كافىر بولغۇچىلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
مائىد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ أَكَّالُونَ لِلسُّحْتِ ۚ فَإِنْ جَاءُوكَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ أَوْ أَعْرِضْ عَنْهُمْ ۖ وَإِنْ تُعْرِضْ عَنْهُمْ فَلَنْ يَضُرُّوكَ شَيْئًا ۖ وَإِنْ حَكَمْتَ فَاحْكُمْ بَيْنَهُمْ بِالْقِسْطِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، (پارا ۋە جازانىغا ئوخشاش) ھارامنى يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭ بولىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈش سېنىڭ ئىختىيارىڭ)، ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ (چۈنكى ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ)، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار يالغانغا بەك قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى بەك يېگۈچىلەردۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭغا (دەۋالىشىپ) كەلسە ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويساڭمۇ ياكى ئۇنى رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنى رەت قىلساڭ، ئۇلار ساڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلماقچى بولساڭ، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار دائىم يالغانغا قۇلاق سالغۇچىلاردۇر، ھارامنى كۆپ يېگۈچىلەردۇر. ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىن ياكى ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇلار ساڭا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەگەر ھۆكۈم قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا اتَّبِعُوا سَبِيلَنَا وَلْنَحْمِلْ خَطَايَاكُمْ وَمَا هُمْ بِحَامِلِينَ مِنْ خَطَايَاهُمْ مِنْ شَيْءٍ ۖ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «بىزنىڭ يولىمىز (يەنى دىنىمىز) غا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۆمىنلەرنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار مۇئمىنلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا ئەگىشىڭلار، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالىمىز» دېدى. كاپىرلار مۇئمىنلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئازراقمۇ ئۈستىگە ئالالمايدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: كافىرلار مۇئمىنلارغا: «بىزنىڭ يولىمىزغا كىرىڭلار، گۇناھىڭلارنى بىز ئۈستىمىزگە ئالايلى» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇلارنىڭ ھېچبىر گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
مۇتەففىفىن سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
83 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي![1]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!
ئەنەس ئالىم: ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا كەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!
83 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلاردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغلىرىدا تولۇق ئالىدۇ،
83 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغلىرىدا كەم بېرىدۇ.