ئۆسۈمنىڭ چەكلىنىشى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
جازانىخورلۇق ۋە ئۆسۈمگە ئاساسلانغان سودىلارنى قەتئىي چەكلەش توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Prohibition of Riba
7 ئايەت
4 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىقتىسادىي مۇئامىلىلەر /
- 📄 ئۆسۈمنىڭ چەكلىنىشى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 275 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا ۗ وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا ۚ فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَىٰ فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَنْ عَادَ فَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: جازانە، ئۆسۈم يەيدىغان ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: «سودا ـ سېتىقمۇ جازانىگە ئوخشاش» دېدى. ھالبۇكى ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[275].
تەرجىمە ھەيئىتى: جازانە يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ): «سودا ـ سېتىق، جازانىگە ئوخشاشتۇر» دېدى. ئاللاھ سودا ـ سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن جازانە قىلىشتىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: جازانە، ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئېلىم - سېتىم خۇددى ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە ئوخشاشتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئېلىم - سېتىمنى ھالال، ئۆسۈملۈك مۇئامىلىنى ھارام قىلغان. كىم رەببىدىن كەلگەن نەسىھەتكە بويسۇنۇپ جازانىخورلۇقتىن توختىسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. جازانىخورلۇقنى داۋاملاشتۇرغانلار بولسا، دوزاخ ئەھلى بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
2 : 276 - ئايەت
كۆرۈش
يَمْحَقُ اللَّهُ الرِّبَا وَيُرْبِي الصَّدَقَاتِ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ جازانىنىڭ (بەرىكىتىنى) ئۆچۈرۈۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ (بەرىكىتىنى) زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەربىر ناشۈكۈر (يەنى جازانىنى ھالال سانىغۇچى) گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ[276].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ جازانىنىڭ پايدىسىنى توزۇتۇۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ پايدىسىنى زىيادە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەرقانداق تۇزكور گۇناھكارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ جازانىنى خورىتىدۇ، سەدىقىلەرنى ئۆستۈرىدۇ. ئاللاھ كۇفرىلىقتا ۋە گۇناھتا چىڭ تۇرىدىغانلارنىڭ ھېچبىرىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
2 : 278 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! (ھەقىقىي) مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە) قېلىپ قالغان جازانىنى (يەنى ئۆسۈمنى) ئالماڭلار[278].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەقىقي مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى ئالماڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار.
2 : 279 - ئايەت
كۆرۈش
فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر. ئەگەر (جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن) سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر[279].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى سىلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، ئەگەر جازانە قىلىشتىن تەۋبە قىلساڭلار، قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 130 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةً ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن (نەھيى قىلغان ئىشلارنى تەرك ئېتىپ) قورقۇڭلار[130].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلار، مەقسىدىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! قاتمۇقات ئۆسۈمنى يېمەڭلار ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
نىسا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 161 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَخْذِهِمُ الرِّبَا وَقَدْ نُهُوا عَنْهُ وَأَكْلِهِمْ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ ۚ وَأَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: يەھۇدىيلارنىڭ قىلغان ھەقسىزلىقلىرى (يەنى زۇلمى ۋە قىلغان گۇناھلىرى)، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن) توسقانلىقلىرى، چەكلەنگەن جازانىنى ئالغانلىقلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ناھەق يېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا (ئىلگىرى) ھالال قىلىنغان پاكىز نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كاپىر بولغانلارغا قاتتىق ئازاب ھازىرلىدۇق[160ـ161].
ئەنەس ئالىم: ئۆزلىرى چەكلەنگەن تۇرۇپ ئۆسۈمنى ئالغانلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ بىز ئۇلارغا ئۇ پاك نەرسىلەرنى ھارام قىلدۇق. بىز ئۇلاردىن كافىر بولغۇچىلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ رِبًا لِيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِنْدَ اللَّهِ ۖ وَمَا آتَيْتُمْ مِنْ زَكَاةٍ تُرِيدُونَ وَجْهَ اللَّهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُضْعِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پۇل ـ مال بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ (يەنى كىشىلەر بەرگىنىمدىن جىقراق قايتۇرسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوۋغىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ)، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلار (ياكى ئېھسانىڭلار) غا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ[39].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سىلەر بەرگەن ئۆسۈم، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆسمەيدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلارغا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر.