تۇغقانچىلىق رىشتىلىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
دىنىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە چوڭ ئائىلىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىش.
ئەرەبچىىسى: صلة الرحم
ئېنگلىزچىسى: Kinship Ties
10 ئايەت
8 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئائىلە ۋە نىكاھ /
- 📄 تۇغقانچىلىق رىشتىلىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 180 - ئايەت
كۆرۈش
كُتِبَ عَلَيْكُمْ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ إِنْ تَرَكَ خَيْرًا الْوَصِيَّةُ لِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ بِالْمَعْرُوفِ ۖ حَقًّا عَلَى الْمُتَّقِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا ۋە خىش ـ ئەقرىبالىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى[180].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال-دۇنيا قالدۇرار بولسا، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا ۋە يېقىن تۇغقانلىرىغا ئادىللىق بىلەن ۋەسىيەت قىلىشى پەرز قىلىندى*[1]، بۇ تەقۋادارلارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىدۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن بىرەيلەن كۆپ مال قالدۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى ئۈچۈن ۋەسىيەتنى54 مەئرۇفقا ئۇيغۇن ئىجرا قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. بۇ تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەزىپىدۇر.
نىسا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّاسُ اتَّقُوا رَبَّكُمُ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَخَلَقَ مِنْهَا زَوْجَهَا وَبَثَّ مِنْهُمَا رِجَالًا كَثِيرًا وَنِسَاءً ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي تَسَاءَلُونَ بِهِ وَالْأَرْحَامَ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَيْكُمْ رَقِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتىنى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن) نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامى بىلەن سورايدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئەھۋالىڭلارنى) كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىر ئىنسان (ئادەم ئەلەيھىسسالام) دىن ياراتقان، شۇ ئىنساندىن ئۇنىڭ جۈپتى (يەنى ھەۋۋا) نى ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەر ـ ئاياللارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، بىر ـ بىرىڭلاردىن نەرسە سورىغاندا نامىنى شېپى كەلتۈرىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئۇ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى، ئۇ نەفسنىڭ جۈپتىنى ئۇ نەفستىن ياراتتى، ئۇ ئىككىسىدىن كۆپ ئەرلەرنى ۋە ئاياللارنى تۆرەلدۈرۈپ تارقاتتى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر بىر - بىرىڭلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا ئۇنىڭ نامى بىلەن سورايسىلەر. تۇغقانلىرىڭلارغا سىيلە - رەھىم قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
حُرِّمَتْ عَلَيْكُمْ أُمَّهَاتُكُمْ وَبَنَاتُكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ وَعَمَّاتُكُمْ وَخَالَاتُكُمْ وَبَنَاتُ الْأَخِ وَبَنَاتُ الْأُخْتِ وَأُمَّهَاتُكُمُ اللَّاتِي أَرْضَعْنَكُمْ وَأَخَوَاتُكُمْ مِنَ الرَّضَاعَةِ وَأُمَّهَاتُ نِسَائِكُمْ وَرَبَائِبُكُمُ اللَّاتِي فِي حُجُورِكُمْ مِنْ نِسَائِكُمُ اللَّاتِي دَخَلْتُمْ بِهِنَّ فَإِنْ لَمْ تَكُونُوا دَخَلْتُمْ بِهِنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ وَحَلَائِلُ أَبْنَائِكُمُ الَّذِينَ مِنْ أَصْلَابِكُمْ وَأَنْ تَجْمَعُوا بَيْنَ الْأُخْتَيْنِ إِلَّا مَا قَدْ سَلَفَ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، سۈت ئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىن ئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيەلەنگەن قىزلىرىنى (بۇ شەرت ئەمەس، ئۆيدە تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ) ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئىككى ھەمشىرىنى بىر ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن ئۆتكەنكىلەر (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغىنىڭلار) ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە ئانىلىرىڭلارنى، قىزلىرىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلارنى، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ھەمشىرەڭلارنىڭ قىزلىرىنى، ئىنىكئانىلىرىڭلارنى، ئېمىلدەش ھەمشىرەڭلارنى، قېيىنئاناڭلارنى، سىلەر بىر يەردە بولغان خوتۇنلىرىڭلارنىڭ (باشقا ئەردىن بولغان) ئۆيۈڭلاردا تەربىيىلەنگەن قىزلىرىنى*[1] نىكاھىڭلارغا ئېلىش ھارام قىلىندى. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئانىلىرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولساڭلار، بۇ چاغدا ئۇلارنى ئالساڭلار ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. يەنە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان بالىلىرىڭلارنىڭ خوتۇنلىرىنى ئېلىشىڭلار ۋە ئاچا-سىڭىلنى بىرلا ۋاقىتتا ئەمرىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى. لېكىن، بۇرۇن شۇنداق قىلغان بولساڭلار ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرگە ئانىلىرىڭلار، قىزلىرىڭلار، ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرى، قېرىندىشىڭلارنىڭ قىزلىرى، ھەمشىرەڭلەرنىڭ قىزلىرى، سىلەرنى ئېمىتكەن ئانىلىرىڭلار، ئېمىلداش ھەمشىرىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئانىلىرى ۋە تەربىيەڭلاردىكى ئۆگەي قىزلىرىڭلار ھارام قىلىندى. بۇلار سىلەر بىر يەردە بولغان ئاياللىرىڭلارنىڭ قىزلىرىدۇر. ئەگەر ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولمىغان بولساڭلار ئۇ قىزلارنى ئېلىشتا سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوقتۇر7. شۇنىڭدەك، سىلەرگە ئۆز پۇشتىڭلاردىن بولغان ئوغۇللىرىڭلارنىڭ ئاياللىرى ۋە ئىككى قىز قېرىنداشنى بىرلىكتە نىكاھىڭلاردا ساقلىشىڭلار ھارام قىلىندى، ئۆتۈپ كەتكىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
4 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَلِكُلٍّ جَعَلْنَا مَوَالِيَ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ ۚ وَالَّذِينَ عَقَدَتْ أَيْمَانُكُمْ فَآتُوهُمْ نَصِيبَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: ھەر بىر ئادەمنىڭ قالدۇرغان تەرەكىسى ئۈچۈن ۋارىسلار تەيىنلىدۇق، ئۇلار ئاتا ـ ئانىلار ۋە يېقىنلاردۇر. سىلەر بىلەن (ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە مىراسخور بولۇشقا) ئەھدۇپەيمان قىلىشقان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (مىراستىن) ھەسسىسىنى بېرىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بايقاپ تۇرغۇچىدۇر[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا-ئانىلار، تۇغقانلار ۋە سىلەر (ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، ۋارىس بولۇشقا) قەسەم ئىچىشكەنلەر*[1] قالدۇرۇپ كەتكەن ھەر بىر مىراسقا ۋارىسلارنى تەيىنلىدۇق. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەسسىسىنى بېرىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: بىز ھەربىرىگە ۋارىسلار بەلگىلىدۇق. ئۇلار ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن ئۈلۈش ئالىدۇ15. سىلەر قەسەم ئىچىشىپ مۇناسىۋەت ئورناتقان كىشىلەرگە نېسىۋىسىنى بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر16.
رەئد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
13 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَصِلُونَ مَا أَمَرَ اللَّهُ بِهِ أَنْ يُوصَلَ وَيَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ وَيَخَافُونَ سُوءَ الْحِسَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئاللاھنىڭ (خىش ـ ئەقرىبالارغا) سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ، قاتتىق ھېساب ئېلىنىشىدىن قورقىدۇ[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئاللاھنىڭ -خىش ـ ئەقرىبالارغا- سىلە ـ رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمرىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ھېسابنىڭ يامان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئاللاھ ئۇلاشقا ئەمر قىلغان نەرسىنى ئۇلايدىغان، رەببىدىن ئەيمىنىدىغان ۋە يامان ھېسابتىن قورقىدىغان كىشىلەردۇر.
مەريەم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أُخْتَ هَارُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ امْرَأَ سَوْءٍ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»
ئەنەس ئالىم: ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ بۇزۇق ئايال ئەمەس ئىدى».
ئەھزاب سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنْفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ ۗ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ إِلَّا أَنْ تَفْعَلُوا إِلَىٰ أَوْلِيَائِكُمْ مَعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
مۇھەممەد سالىھ: پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەيغەمبەر مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ ئەۋلادۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە مۇئمىنلاردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن تېخىمۇ ئەۋلادۇر، لېكىن دوستلىرىڭلارغا يوللۇق رەۋىشتە ۋەسىيەت قىلساڭلار ئۇ باشقا، بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ نەبىي مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىدىنمۇ يېقىندۇر3. ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر. ئۇرۇق -تۇغقانلار ئاللاھنىڭ كىتابىدا بىر - بىرىگە مۇئمىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر. يېقىنلىرىڭلارغا قىلىدىغان ياخشىلىقىڭلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا4. بۇ، كىتابتا يېزىلغاندۇر.
ساد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
38 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
وَوَهَبْنَا لَهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنَّا وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
مۇھەممەد سالىھ: بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ئاپەتكە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى ـ ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن رەھمەت ۋە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغا ئەھلى ـ ئەۋلادىنى يېڭىدىن- بەردۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق
ئەنەس ئالىم: بىز ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ساپ ئەقىل ئىگىلىرىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.
مۇھەممەد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
47 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ تَوَلَّيْتُمْ أَنْ تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَتُقَطِّعُوا أَرْحَامَكُمْ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: دېمەك سىلەر ھوقۇققا ئېگە بولساڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويىسىلەر، شۇنداقمۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇناپىقلار! دېمەككى، سىلەر ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىسىلەر ۋە تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزىسىلەر!
مۇمتەھىنە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
60 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
لَنْ تَنْفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ ۚ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى سىلەر جەننەتتە بولساڭلار، ئۇلار كۇففارلارنىڭ قاتارىدا دوزاختا بولىدۇ)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: قىيامەت كۈنى تۇغقانلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرگە ھەرگىزمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىيدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.