ئاتا-ئانا تەربىيەسى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
بالىلارنى توغرا ئەخلاقىي، دىنىي ۋە مائارىپ تەربىيىسى بىلەن تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتى.
ئەرەبچىىسى: التربية
ئېنگلىزچىسى: Parenting
15 ئايەت
9 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئائىلە ۋە نىكاھ /
- 📄 ئاتا-ئانا تەربىيەسى
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 233 - ئايەت
كۆرۈش
وَالْوَالِدَاتُ يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ ۖ لِمَنْ أَرَادَ أَنْ يُتِمَّ الرَّضَاعَةَ ۚ وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ ۚ لَا تُكَلَّفُ نَفْسٌ إِلَّا وُسْعَهَا ۚ لَا تُضَارَّ وَالِدَةٌ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوْلُودٌ لَهُ بِوَلَدِهِ ۚ وَعَلَى الْوَارِثِ مِثْلُ ذَٰلِكَ ۗ فَإِنْ أَرَادَا فِصَالًا عَنْ تَرَاضٍ مِنْهُمَا وَتَشَاوُرٍ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِمَا ۗ وَإِنْ أَرَدْتُمْ أَنْ تَسْتَرْضِعُوا أَوْلَادَكُمْ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِذَا سَلَّمْتُمْ مَا آتَيْتُمْ بِالْمَعْرُوفِ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئانىلار (بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنى بالىسى سەۋەپلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى (يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ـ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[233].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، ساق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتىلار ئانىلارنى شەرىئەت بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇلىدۇ. ئانىنى بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم. (ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ـ ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا) سۈتتىن ئايرىۋەتمەكچى بولسا، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئۇلارغا مەئرۇف بويىچە يېمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بېرىشى كېرەك. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئاتا - ئانا ئۆز - ئارا كېڭىشىپ ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن بالىنى ئىككى يىل توشماستىن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، ئۇ ئىككىسىگە ھېچ گۇناھ يوق. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، بېرىدىغىنىڭلارنى مەئرۇف بويىچە تاپشۇرساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 38 - ئايەت
كۆرۈش
هُنَالِكَ دَعَا زَكَرِيَّا رَبَّهُ ۖ قَالَ رَبِّ هَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ ذُرِّيَّةً طَيِّبَةً ۖ إِنَّكَ سَمِيعُ الدُّعَاءِ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ ۋاقىتتا (ئاللاھنىڭ مەريەمگە قىلغان ئىنئامىنى كۆرگەن چاغدا) زەكەرىيا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، ھەقىقەتەن سەن دۇئانى ئىشىتكۈچىسەن» دېدى[38].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ ۋاقىتتا (يەنى مەريەمگە بېرىلگەن كارامەتنى كۆرگەندە) زەكەرىييا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەببىم! سەن ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇ يەردە زەكەرىييا رەببىگە مۇنداق دۇئا قىلدى: «رەببىم! ماڭا ئۆز تەرىپىڭدىن پاك نەسىل ئاتا قىلغىن. سەن دۇئانى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن!».
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 72 - ئايەت
كۆرۈش
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ بَنِينَ وَحَفَدَةً وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَتِ اللَّهِ هُمْ يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەر (نىڭ ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟[72].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۆز تىپىڭلاردىن سىلەر ئۈچۈن جۈپتىلەرنى ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەرنى يارىتىپ بەردى، جۈپلىرىڭلاردىن سىلەرگە ئوغۇللار ۋە نەۋرىلەرنى يارىتىپ بەردى، سىلەرگە پاك رىزىقلارنى بەردى. ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 132 - ئايەت
كۆرۈش
وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْأَلُكَ رِزْقًا ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر[132].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر
ئەنەس ئالىم: ئائىلەڭنى نامازنى ئۆتەشكە ئەمر قىلغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا سەۋر قىلغىن. بىز سەندىن رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. بەلكى بىز ساڭا رىزىق بېرىۋاتىمىز. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 74 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبْ لَنَا مِنْ أَزْوَاجِنَا وَذُرِّيَّاتِنَا قُرَّةَ أَعْيُنٍ وَاجْعَلْنَا لِلْمُتَّقِينَ إِمَامًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ[74].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە شادلىق ۋەسىلىسى بولىدىغان جۈپتىلەر ۋە ئەۋلادلار بەرگىن، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى قىلغىن» دەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «رەببىمىز! بىزگە بىزنى خۇشال قىلىدىغان جۈپلەر ۋە نەسىللەر ئاتا قىلغىن، بىزنى تەقۋادارلارغا يېتەكچى قىلغىن» دەيدىغان كىشىلەردۇر.
لوقمان سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
31 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا لوقمان (ھەكىم) ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى[13]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا لوقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئى ئوغۇلچىقىم، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، شېرىك كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن زور گۇناھتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر».
31 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بُنَيَّ إِنَّهَا إِنْ تَكُ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ فَتَكُنْ فِي صَخْرَةٍ أَوْ فِي السَّمَاوَاتِ أَوْ فِي الْأَرْضِ يَأْتِ بِهَا اللَّهُ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: (لوقمان ئېيتتى) «ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە (يەنى ئەڭ مەخپىي جايدا) يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ (ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: -لوقمان ئېيتتى- «ئى ئوغۇلچىقىم! قىلمىشىڭ قىچا چاغلىق نەرسە بولۇپ، ئۇ ئۇيۇل تاشنىڭ ئىچىدە يا ئاسمانلارنىڭ قېتىدا ياكى زېمىننىڭ ئاستىدا بولسىمۇ، ئاللاھ ئۇنى ھازىر قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنچىكە كۈزەتكۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: لۇقمان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ﺋﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﭽﯩﻘﯩﻢ! ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻗﯩﭽﺎ ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ئۇيۇل ﺗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﻰ كەلتۈرۈپ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﯩﻠﻪﭖ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ.
31 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
يَا بُنَيَّ أَقِمِ الصَّلَاةَ وَأْمُرْ بِالْمَعْرُوفِ وَانْهَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا أَصَابَكَ ۖ إِنَّ ذَٰلِكَ مِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى (ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن) ئوقۇغىن، (كىشىلەرنى) ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن (چۈنكى ھەقىقەتكە دەۋەت قىلغۇچى ئەزىيەتلەرگە ئۇچرايدۇ)، بۇ ھەقىقەتەن قىلىش ئۈچۈن ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى -ۋاقتىدا تەئدىل ئەركان بىلەن- ئوقۇغىن، -كىشىلەرنى- ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن، ساڭا يەتكەن كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلغىن، بۇ ھەقىقەتەن قىلىشقا ئىرادە تىكلەشكە تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، يامانلىقتىن توسقىن ۋە بېشىڭغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغىن. مانا بۇلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر.
31 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تُصَعِّرْ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخْتَالٍ فَخُورٍ
مۇھەممەد سالىھ: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ.
31 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
وَاقْصِدْ فِي مَشْيِكَ وَاغْضُضْ مِنْ صَوْتِكَ ۚ إِنَّ أَنْكَرَ الْأَصْوَاتِ لَصَوْتُ الْحَمِيرِ
مۇھەممەد سالىھ: ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئوتتۇراھال ماڭغىن، ئاۋازىڭنى پەسلەتكىن، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ زېرىكەرلىكى ھەقىقەتەن ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»
ئەنەس ئالىم: مېڭىشىڭدا تەبىئىي بولغىن، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسەيتكىن، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر».
ئەھزاب سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 4 - ئايەت
كۆرۈش
مَا جَعَلَ اللَّهُ لِرَجُلٍ مِنْ قَلْبَيْنِ فِي جَوْفِهِ ۚ وَمَا جَعَلَ أَزْوَاجَكُمُ اللَّائِي تُظَاهِرُونَ مِنْهُنَّ أُمَّهَاتِكُمْ ۚ وَمَا جَعَلَ أَدْعِيَاءَكُمْ أَبْنَاءَكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ قَوْلُكُمْ بِأَفْوَاهِكُمْ ۖ وَاللَّهُ يَقُولُ الْحَقَّ وَهُوَ يَهْدِي السَّبِيلَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق (سۆز) نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ[4].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ھېچ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق، سىلەر زىھار[1] قىلغان ئاياللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئانا قىلغىنى يوق، سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ ئاللاھ بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، ئاللاھ ھەق سۆزنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇ توغرا يولغا باشلايد
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئىچىدە ئىككى قەلب قىلمىدى. شۇنىڭدەك، سىلەر زىھار قىلغان ئاياللىرىڭلارنى1 سىلەرنىڭ ئاناڭلار قىلمىدى ۋە بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز بالىلىرىڭلار قىلمىدى. ئۇ سىلەرنىڭ ئېغىزىڭلاردىكى سۆزۈڭلاردۇر. ئاللاھ ھەقنى سۆزلەيدۇ ۋە توغرا يولغا باشلايدۇ.
33 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
ادْعُوهُمْ لِآبَائِهِمْ هُوَ أَقْسَطُ عِنْدَ اللَّهِ ۚ فَإِنْ لَمْ تَعْلَمُوا آبَاءَهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ وَمَوَالِيكُمْ ۚ وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَٰكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەنەس ئالىم: بېقىۋالغان بالىلىرىڭلارنى ئۆز ئاتىلىرىغا مەنسۇپ قىلىڭلار2. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ئادالەتلىكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، بۇ تەقدىردە ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىنداشلىرىڭلار ۋە دوستلىرىڭلاردۇر. سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ يوق، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بار. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر.
33 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ تَقُولُ لِلَّذِي أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَأَنْعَمْتَ عَلَيْهِ أَمْسِكْ عَلَيْكَ زَوْجَكَ وَاتَّقِ اللَّهَ وَتُخْفِي فِي نَفْسِكَ مَا اللَّهُ مُبْدِيهِ وَتَخْشَى النَّاسَ وَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَاهُ ۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيْدٌ مِنْهَا وَطَرًا زَوَّجْنَاكَهَا لِكَيْ لَا يَكُونَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِي أَزْوَاجِ أَدْعِيَائِهِمْ إِذَا قَضَوْا مِنْهُنَّ وَطَرًا ۚ وَكَانَ أَمْرُ اللَّهِ مَفْعُولًا
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سەن، ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد ئۇنى (يەنى زەينەبنى) قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ (سېنىڭ زەينەبنى ئېلىشىڭ توغرىسىدىكى) ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سەن ئاللاھ نېمەت بەرگەن، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھتىن قورققىن!» دېدىڭ، ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ئاللاھتىن قۇرقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى. مۇئمىنلارغا ئۇلارنىڭ بالا قىلىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن خوتۇنلىرىنى نىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەينەبنى زەيد قويۇۋەتكەندىن كېيىن ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! سەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ئىنئام قىلغان، سەنمۇ ئىنئام قىلغان كىشىگە: «ئايالىڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغىن» دېگەن ئىدىڭ، بۇنى دېگەن چېغىڭدا ئاللاھ يېقىندا ئاشكارا قىلىدىغان ئىشنى ئىچىڭدە يوشۇراتتىڭ، ئىنسانلاردىن قورقاتتىڭ، ئەسلىدە ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ لازىم ئىدى. زەيد ئايالىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بىز ئۇ ئايالنى ساڭا ئېلىپ بەردۇق. بۇنى، مۇئمىنلار بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بەرگەن ئاياللىرىنى نىكاھىغا ئالسا، گۇناھكار بولمايدىغانلىقى بىلىنسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشىدۇ.
تالاق سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
65 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
أَسْكِنُوهُنَّ مِنْ حَيْثُ سَكَنْتُمْ مِنْ وُجْدِكُمْ وَلَا تُضَارُّوهُنَّ لِتُضَيِّقُوا عَلَيْهِنَّ ۚ وَإِنْ كُنَّ أُولَاتِ حَمْلٍ فَأَنْفِقُوا عَلَيْهِنَّ حَتَّىٰ يَضَعْنَ حَمْلَهُنَّ ۚ فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ ۖ وَأْتَمِرُوا بَيْنَكُمْ بِمَعْرُوفٍ ۖ وَإِنْ تَعَاسَرْتُمْ فَسَتُرْضِعُ لَهُ أُخْرَىٰ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى قويۇۋېتىلگەن ئاياللىرىڭلارنى) قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار (يەنى ئۇلارنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن تۇرالغۇ جەھەتتىن، نەپىقە جەھەتتىن قىسماڭلار). ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، يەڭگىگەنگە قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش) ھەققىنى بېرىڭلار. ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار. ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى (يەنى بالىنى) باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى قۇدرىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايىڭلارنىڭ بىر قىسمىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، ئۇلارنى تەڭلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار، ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بوشانغانغا قەدەر ئۇلارنى تەمىنلەڭلار، ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بالىلىرىڭلارنى ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئېمىتىش ھەققىنى بېرىڭلار، ھەققانىي ئاساستا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىڭلار، ئەگەر پىكىردە كېلىشەلمىسەڭلار، ئۇنى باشقا بىر ئايال ئېمىتسۇن
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئۆزۈڭلار ئولتۇرۇۋاتقان جايلاردا ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن زىيان يەتكۈزمەڭلار. ئەگەر ئۇلار ھامىلىدار بولسا، بالىلىرىنى تۇغقانغا قەدەر ئۇلارغا نەپىقە بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بالا ئېمىتسە، ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى بېرىڭلار. ئۇلار بىلەن ئۆز ئاراڭلاردا مەئرۇف بىلەن كېلىشىڭلار. ئەگەر كېلىشەلمىسەڭلار بالىنى ئاتىسى ئۈچۈن باشقا بىر ئايال ئېمىتىدۇ.
تەھرىم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
66 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلاردۇر. ئۇنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.