زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ھەر خىل زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى چىقىش، قارشى تۇرۇش ۋە تۈزىتىپ، تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى.
ئېنگلىزچىسى: Combating Oppression
23 ئايەت
11 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىجتىمائىي ئادالەت /
- 📄 زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 84 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَكُمْ لَا تَسْفِكُونَ دِمَاءَكُمْ وَلَا تُخْرِجُونَ أَنْفُسَكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ ثُمَّ أَقْرَرْتُمْ وَأَنْتُمْ تَشْهَدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى (يەنى ئەھدىنى) ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھسىلەر[84].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا بىر ـ بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر ـ بىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. كېيىن بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدىڭلار، بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھ
ئەنەس ئالىم: بىز ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن يەنە: «بىر - بىرىڭلارنىڭ قانلىرىنى تۆكمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەيسىلەر» دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدۇق. بۇنىڭغا سىلەرمۇ ئەھدە بەرگەن ئىدىڭلار، بۇنى ئوبدان بىلىسىلەرغۇ!
2 : 114 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ مَنَعَ مَسَاجِدَ اللَّهِ أَنْ يُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَا ۚ أُولَٰئِكَ مَا كَانَ لَهُمْ أَنْ يَدْخُلُوهَا إِلَّا خَائِفِينَ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى. ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ[114].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (ئەسلىدە) مەسجىدلەرگە پەقەت ئاللاھتىن قورققان ھالدىلا كىرسە بولاتتى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىلى قويمىغان32 ۋە ئۇلارنى خاراب قىلىشقا ئۇرۇنغانلاردىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئەسلىدە ئۇلار ئۇ مەسجىدلەرگە قورقۇپ كىرىشى لازىم ئىدى. ئۇلارغا دۇنيادا رەسۋاچىلىق، ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
2 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
وَاقْتُلُوهُمْ حَيْثُ ثَقِفْتُمُوهُمْ وَأَخْرِجُوهُمْ مِنْ حَيْثُ أَخْرَجُوكُمْ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَشَدُّ مِنَ الْقَتْلِ ۚ وَلَا تُقَاتِلُوهُمْ عِنْدَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَاتِلُوكُمْ فِيهِ ۖ فَإِنْ قَاتَلُوكُمْ فَاقْتُلُوهُمْ ۗ كَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنى (يەنى تاجاۋۇزچىلارنى) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋەتكەن جايدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇشتىنمۇ ياماندۇر. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغىچە مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار (مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا) سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېرىڭلار. كاپىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ[191].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جايدىن چىقىرىۋېتىڭلار، (دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن مۆمىنلەرگە) زىيانكەشلىك قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر. تاكى ئۇلار ئۆزى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە ھەرەم مەسجىدى ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار، ئەگەر ئۇلار ھەرەم مەسجىدى ئەتراپىدا ئۆزى ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋېرىڭلار. كافىرلارنىڭ جازاسى شۇنداق بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار سىلەرنى چىقارغان يەردىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىڭلار. فىتنە58 ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر. مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدا ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچمىغىچە سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇ يەردە ئۇرۇشماڭلار. ئەگەر ئۇلار سىلەرگە ئۇرۇش ئاچسا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇ كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇنداقتۇر.
2 : 193 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَاتِلُوهُمْ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتْنَةٌ وَيَكُونَ الدِّينُ لِلَّهِ ۖ فَإِنِ انْتَهَوْا فَلَا عُدْوَانَ إِلَّا عَلَى الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ[193].
تەرجىمە ھەيئىتى: تاكى زىيانكەشلىك تۈگىگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنى يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار ئۇرۇشنى توختاتسا، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: فىتنە تۈگەپ دىن پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇلار توختىسا، زالىملاردىن باشقىسىغا دۈشمەنلىك قىلىنمايدۇ.
2 : 251 - ئايەت
كۆرۈش
فَهَزَمُوهُمْ بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابلىققا يۈزلىنەتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[251].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كافىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەت (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە خارابىلىككە ئايلىناتتى، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كافىرلارنىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلدى. داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى70. ئاللاھ داۋۇدقا ھۆكۈمدارلىقنى ۋە ھېكمەتنى71 ئاتا قىلدى، ئۇنىڭغا خالىغىنىنى ئۆگەتتى. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىسا ئىدى، دۇنيانىڭ ئىنتىزامى بۇزۇلۇپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئالەملەرگە ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَيَقْتُلُونَ النَّبِيِّينَ بِغَيْرِ حَقٍّ وَيَقْتُلُونَ الَّذِينَ يَأْمُرُونَ بِالْقِسْطِ مِنَ النَّاسِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلار، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغانلار، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلار (يەنى ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچىلار) نى ئۆلتۈرىدىغانلارغا چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئادالەتكە بۇيرۇيدىغانلارنى ئۆلتۈرىدىغان كىشىلەرگە چوقۇم قاتتىق ئازاب بىلەن بىشارەت بەرگىن
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كافىر بولىدىغان، نەبىيلەرنى ناھەق ئۆلتۈرىدىغان ۋە ئادالەتكە بۇيرۇيدىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.
نىسا سۈرىسى
5 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 75 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَكُمْ لَا تُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ الَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْ هَٰذِهِ الْقَرْيَةِ الظَّالِمِ أَهْلُهَا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا وَاجْعَلْ لَنَا مِنْ لَدُنْكَ نَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەرگە نېمە بولدىكى، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر ۋە (دۇئا قىلىپ): «ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاھالىسى زالىم بۇ شەھەردىن بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى مۇيەسسەر قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى مۇيەسسەر قىلغىن» دەيدىغان ئاجىز ئەرلەر، ئاجىز ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىھاد قىلمايسىلەر؟(بۇ يەردە مەككە كۆزدە تۇتۇلىدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا مەككە كۇفرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلغان ئىدى.)[75].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ۋە: «ئى رەببىمىز! بۇ ئاھالىسى زالىم شەھەردىن *[1] بىزنى چىقارغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىنى ئاتا قىلغىن، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىزگە بىر مەدەتكارنى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان ئاجىز ئەر-ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا جىھاد قىلمايسىلەر؟
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە «رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ۋەلىي33 ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى ئاتا قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇش قىلمايسىلەر؟
4 : 98 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا الْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الرِّجَالِ وَالنِّسَاءِ وَالْوِلْدَانِ لَا يَسْتَطِيعُونَ حِيلَةً وَلَا يَهْتَدُونَ سَبِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن چارىسىز قالغان (يەنى ھىجرەت قىلىشقا چارە تاپالمىغان)، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا[98].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەرلەردىن، ئاياللاردىن، بالىلاردىن (ھىجرەت قىلىشقا) چارە تاپالمىغان، يول بىلمەيدىغان ئاجىزلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا
ئەنەس ئالىم: پەقەت چارىسىز قالغان ۋە يول تاپالمىغان بوزەك قىلىنغۇچى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.
4 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّهِ وَلَوْ عَلَىٰ أَنْفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ ۚ إِنْ يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّهُ أَوْلَىٰ بِهِمَا ۖ فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَىٰ أَنْ تَعْدِلُوا ۚ وَإِنْ تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار. (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا بولۇشماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا ـ ئاناڭلارنىڭ ۋە تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتتە چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھ رازى بولغۇدەك گۇۋاھلىق بېرىڭلار. ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ ھەقىقەتتىن بۇرىلىپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار) ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ھەققانىيەتتە مۇستەھكەم تۇرغۇچىلار، ئاللاھ ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بولۇڭلار. بېرىدىغان گۇۋاھلىقىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا -ئاناڭلارنىڭ ۋە ياكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئەگەر زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى كىشى باي ياكى پېقىر بولسا، ئاللاھ ئۇلارغا سىلەردىن يېقىندۇر. ئۇنداقتا ئادىل بولۇشۇڭلار ئۈچۈن نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەڭلار. ئەگەر ئەگرى - بۈگرى قىلساڭلار ياكى يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
4 : 148 - ئايەت
كۆرۈش
لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ)، ئاللاھ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىنى) ئاڭلىغۇچىدۇر، (زالىمنى) بىلگۈچىدۇر[148].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى (نىڭ زالىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلغىنى) دىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ يامان سۆزنى ئاشكارا سۆزلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى مۇستەسنا63. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
4 : 167 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ قَدْ ضَلُّوا ضَلَالًا بَعِيدًا
مۇھەممەد سالىھ: شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن قاتتىق ئازدى[167].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كافىرلار ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن بەك ئېزىپ كەتكەنلەردۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، كافىر بولغان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار قاتتىق ئازغان بولىدۇ.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
مِنْ أَجْلِ ذَٰلِكَ كَتَبْنَا عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَنَّهُ مَنْ قَتَلَ نَفْسًا بِغَيْرِ نَفْسٍ أَوْ فَسَادٍ فِي الْأَرْضِ فَكَأَنَّمَا قَتَلَ النَّاسَ جَمِيعًا وَمَنْ أَحْيَاهَا فَكَأَنَّمَا أَحْيَا النَّاسَ جَمِيعًا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا بِالْبَيِّنَاتِ ثُمَّ إِنَّ كَثِيرًا مِنْهُمْ بَعْدَ ذَٰلِكَ فِي الْأَرْضِ لَمُسْرِفُونَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇ (يەنى قابىلنىڭ ھابىلنى ناھەق ئۆلتۈرگەنلىكى) سەۋەبتىن (تەۋراتتا) ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىلغا راستتىنلا (شانلىق) مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ) تولىسى (كۇفرىدا، ئادەم ئۆلتۈرۈشتە) زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلدۇقكى، كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولغاندەك بولىدۇ. پەيغەمبەرلىرىمىز بەنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا راستتىنلا ئېنىق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى زېمىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن بولدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا مۇنداق دەپ يازدۇق: «كىم ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ. كىم بىر ئادەمنى ياشىتىدىكەن، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ياشاتقاندەك بولىدۇ». شۈبھىسىزكى، ئەلچىلىرىمىز ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇلاردىن كېيىن زېمىندا ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشماقتىدۇر.
5 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا جَزَاءُ الَّذِينَ يُحَارِبُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا أَنْ يُقَتَّلُوا أَوْ يُصَلَّبُوا أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ مِنْ خِلَافٍ أَوْ يُنْفَوْا مِنَ الْأَرْضِ ۚ ذَٰلِكَ لَهُمْ خِزْيٌ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قوللىرى ۋە سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى جازا) ئۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا رەسۋالىق (ئېلىپ كەلگۈچىدۇر)، ئاخىرەتتە ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلىشىپ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قولى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى، ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ جازا ئۇلارنى بۇ دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قارشى ئۇرۇشىدىغان ۋە زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى دارغا ئېسىلىدۇ ياكى قوللىرى ۋە پۇتلىرى چاپراس كېسىلىدۇ ۋە ياكى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن دۇنيادا رەسۋاچىلىقتۇر. ئۇلارغا ئاخىرەتتە چوڭ ئازاب بار.
ئەنئام سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
6 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ أَكَابِرَ مُجْرِمِيهَا لِيَمْكُرُوا فِيهَا ۖ وَمَا يَمْكُرُونَ إِلَّا بِأَنْفُسِهِمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە ـ مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنىڭدەك ھەربىر شەھەردە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدىغان باش گۇناھكار پەيدا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزىگە يانىدۇ، ئۇلار بۇنى سەزمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: مەككىدە قىلغىنىمىزدەك، بىز ھەر يۇرتنىڭ گۇناھكارلىرىنى كاتتىۋاشلار قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇ يۇرتتا ھىيلە - مىكىر قىلىشلىرى ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىگىلا ھىيلە -مىكىر قىلىدۇ.
6 : 135 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۗ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ»[135].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ئەقىدەڭلار بويىچە قىلىدىغىنىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، مەنمۇ قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرەي. ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر. كۇفرلىق قىلغۇچىلار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ»
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار. مەنمۇ قىلىمەن. بۇ دۇنيا يۇرتىنىڭ ئاقىۋىتى كىمگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ».
ھۇد سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
11 : 116 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَوْلَا كَانَ مِنَ الْقُرُونِ مِنْ قَبْلِكُمْ أُولُو بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ الْفَسَادِ فِي الْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِمَّنْ أَنْجَيْنَا مِنْهُمْ ۗ وَاتَّبَعَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مَا أُتْرِفُوا فِيهِ وَكَانُوا مُجْرِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا (يامانلارنى) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىگىلىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزغۇنچىلىقنى توسۇپ، بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش ـ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر[116].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىلگىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار ئەيش ـ ئىشرەتلىك تۇرمۇشنى قوغلىشىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئادەملەردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن بۇرۇنقى ئۇممەتلەرنىڭ ئىچىدە نېمىشقا زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن مەنئى قىلىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەر بولمىدى؟ ئۇلاردىن بىز قۇتقۇزغان ئازغىنە كىشىلەر مۇستەسنا. زۇلۇم قىلغانلار ئۆزلىرىنى ئەركىلەتكەن باياشاتلىققا بېرىلدى ۋە گۇناھكار ئادەملەر بولدى.
نەمىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
27 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
قَالَتْ إِنَّ الْمُلُوكَ إِذَا دَخَلُوا قَرْيَةً أَفْسَدُوهَا وَجَعَلُوا أَعِزَّةَ أَهْلِهَا أَذِلَّةً ۖ وَكَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى (ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئېلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش بىلەن) خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىلقىس ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: مەلىكە مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر يۇرتقا كىرسە ئۇ يەرنى بۇزىدۇ ۋە ئۇ يەرنىڭ ئەزىز كىشىلىرىنى خار قىلىدۇ. ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 21 - ئايەت
كۆرۈش
فَخَرَجَ مِنْهَا خَائِفًا يَتَرَقَّبُ ۖ قَالَ رَبِّ نَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى[21].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپقا باققان ھالدا شەھەردىن چىقتى، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن» دېدى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مۇسا قورقۇنچ ئىچىدە ئەتراپنى كۆزەتكەن ھالدا ئۇ يەردىن چىقتى ۋە: «رەببىم! مېنى شۇ زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن!» دېدى.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 33 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا بَلْ مَكْرُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ إِذْ تَأْمُرُونَنَا أَنْ نَكْفُرَ بِاللَّهِ وَنَجْعَلَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ وَأَسَرُّوا النَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ وَجَعَلْنَا الْأَغْلَالَ فِي أَعْنَاقِ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، (سىلەرنىڭ بىزگە) كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار (بىزنى ئىماندىن توستى)، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار (ھەر ئىككى گۇرۇھ ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرىغا) ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ[33].
تەرجىمە ھەيئىتى: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ بىزگە كېچە ـ كۈندۈز قىلغان ھىيلە ـ مىكرىڭلار بىزنى ئىماندىن توستى؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىزنى ئاللاھ نى ئىنكار قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيتتۇڭلار» دەيدۇ. ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز، ئۇلارغا پەقەت قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: بوزەك قىلىنغانلار چوڭچىلىق قىلغانلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ياق، بىزنى سىلەرنىڭ كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار ئىماندىن توستى. سىلەر بىزنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە بەزى كىشىلەرنى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تۇتۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار» دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە ئەلۋەتتە كۆڭلىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كافىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارغا پەقەت ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ.
ياسىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
36 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
قَالُوا إِنَّا تَطَيَّرْنَا بِكُمْ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهُوا لَنَرْجُمَنَّكُمْ وَلَيَمَسَّنَّكُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار -ئەلچىلەرگە- : «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر -دەۋىتىڭلارنى- توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «سىلەر بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار. ئەگەر بۇ ئىشتىن توختىمىساڭلار، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىمىز ۋە بىز تەرەپتىن ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىسىلەر» دېدى.
شۇرا سۈرىسى
3 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 39 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ إِذَا أَصَابَهُمُ الْبَغْيُ هُمْ يَنْتَصِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر[36ـ39].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلاردۇر.
ئەنەس ئالىم: ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىسا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر ئېرىشىدۇ.
42 : 41 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَمَنِ انْتَصَرَ بَعْدَ ظُلْمِهِ فَأُولَٰئِكَ مَا عَلَيْهِمْ مِنْ سَبِيلٍ
مۇھەممەد سالىھ: زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامنى ئالسا ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ[41].
تەرجىمە ھەيئىتى: زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقامىنى ئالغانلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىنتىقام ئالغانلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ.
42 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَظْلِمُونَ النَّاسَ وَيَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىدىغان ۋە ناھەق رەۋىشتە ھەددىدىن ئاشىدىغان ئادەملەرنىلا ئەيىبلەشكە بولىدۇ. ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.