باراۋەرلىك
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىرقى، قەبىلىسى ياكى نەسەبىگە قارىماي، بارلىق ئىنسانلار باراۋەرلىكى توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئەرەبچىىسى: المساواة
ئېنگلىزچىسى: Equality
5 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئىجتىمائىي ئادالەت /
- 📄 باراۋەرلىك
قۇرئان ئايەتلىرى
نىسا سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
4 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ مِنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر[3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرىسەڭلار، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن ئەنسىرىسەڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. شۇنداق قىلىشىڭلار ئادىللىقتىن چەتلەپ كەتمەسلىكىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر يېتىم قىزلارنى نىكاھىڭلارغا ئالغان تەقدىردە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياققان ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا يېقىندۇر.
4 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا تَرَكَ الْوَالِدَانِ وَالْأَقْرَبُونَ مِمَّا قَلَّ مِنْهُ أَوْ كَثُرَ ۚ نَصِيبًا مَفْرُوضًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا (يەنى مېيىتنىڭ تەرەكىسىدە) ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. ئاتا-ئانىسى ۋە توغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ (يەنى تەرەكە) ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم (ئاللاھنىڭ ئادىل شەرىئىتىدە) بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ (ئىزاھات: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى بەزى ئەرەبلەر ئاياللاغا ۋە كىچىك بالىلارغا مىراس بەرمەيتتى. جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ بۇ ئادىتى مۇشۇ ئايەت نازىل بولۇش بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.)[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئەرلەرنىڭ ھەسسىسى بار. ئاتا ـ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى قالدۇرغان مىراستا ئاياللارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مەيلى ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر ئادەم شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەسسىسىنى ئالىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەرلەر ئۈچۈن ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئاتا - ئانىسى ۋە ئەڭ يېقىنلىرى قالدۇرغان مىراستىن نېسىۋە بار. ئۇ مىراس ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بەلگىلەنگەن نېسىۋىسى بار.
4 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ ۖ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ ۚ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ ۖ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ ۚ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ ۚ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ ۚ فَإِنْ كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ ۚ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ ۗ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا ۚ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىزلا بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي، مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا ـ ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. سىلەر ئاتا ـ ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئۆلچەمدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بالىلىرىڭلار ھەققىدە مۇنداق ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ: بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ئۈلۈشى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالىلار ئىككىدىن ئارتۇق قىز بولسا، ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇ بالا بىر قىز بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ. مېيىتنىڭ ئاتا - ئانىسىدىن ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بالىسى بولغان تەقدىردە شۇنداق. ئەگەر مېيىتنىڭ بالىسى بولماي ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ۋارىس بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئەر بىر تۇغقانلىرىمۇ بولسا، ئانىسىغا ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئادا قىلىنىپ ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئانىلىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارنىڭ قايسىسى سىلەرگە پايدا جەھەتتە ئەڭ يېقىن؟ بۇنى بىلمەيسىلەر. بۇ ئۈلۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
4 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَا تَتَمَنَّوْا مَا فَضَّلَ اللَّهُ بِهِ بَعْضَكُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ لِلرِّجَالِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبُوا ۖ وَلِلنِّسَاءِ نَصِيبٌ مِمَّا اكْتَسَبْنَ ۚ وَاسْأَلُوا اللَّهَ مِنْ فَضْلِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەردىكى بىر ـ بىرىڭلاردىن ئارتۇق قىلغان نەرسىلەرنى (ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئارزۇ قىلماڭلار، ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن ھەسسىدار بولىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەڭلار (ئاللاھ بېرىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر[32].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ بىرىڭلارنى بىرىڭلاردىن ئۈستۈن قىلىپ بەرگەن ئالاھىدىلىكلەرنى تەمە قىلماڭلار. ئەرلەر قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ، ئاياللارمۇ قىلغان ئەمەللىرىدىن نېسىۋىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھتىن ئۇنىڭ مەرھەمىتىنى تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە ۋاسىتە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار14. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ھۇجۇرات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
49 : 13 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَىٰ وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[13].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، سىلەرنى ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر.