رەسۇلنى قوللاش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
رەسۇلنى قوللاش توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئېنگلىزچىسى: Love of the Prophet
3 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەيغەمبەر ئەخلاقى /
- 📄 رەسۇلنى قوللاش
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەھزاب سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ يُؤْذُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَعَنَهُمُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمْ عَذَابًا مُهِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتكەنلەرگە ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە لەنەت قىلدى ۋە ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
33 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ آذَوْا مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ اللَّهُ مِمَّا قَالُوا ۚ وَكَانَ عِنْدَ اللَّهِ وَجِيهًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەر (يەنى بەنى ئىسرائىل) دەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن (يەنى تۆھمەتلىرىدىن) ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! سىلەر مۇساغا ئازار قىلغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئاقلىدى، مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئابرۇيلۇق ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! مۇساغا ئەزىيەت قىلغانلاردەك بولماڭلار. ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئاقلىغان. ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئېتىبارلىق ئىدى.
فەتىھ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُ وَتُسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق)[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەيسىلەر، ئۇنى قوللىغايسىلەر، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغايسىلەر، چۈشتىن ئىلگىرى ۋە چۈشتىن كېيىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقايسىلەر.