ئاللاھنىڭ رەھمىتى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھنىڭ رەھمىتى سۈپىتىدە پەيغەمبەرلەرنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئەرەبچىىسى: رحمة للعالمين
ئېنگلىزچىسى: Prophetic Mercy
5 ئايەت
4 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 پەيغەمبەر ئەخلاقى /
- 📄 ئاللاھنىڭ رەھمىتى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 159 - ئايەت
كۆرۈش
فَبِمَا رَحْمَةٍ مِنَ اللَّهِ لِنْتَ لَهُمْ ۖ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيظَ الْقَلْبِ لَانْفَضُّوا مِنْ حَوْلِكَ ۖ فَاعْفُ عَنْهُمْ وَاسْتَغْفِرْ لَهُمْ وَشَاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ ۖ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[159].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا (ساھابىلەرگە) سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سېنىڭ ئەتراپىڭدىن تارقىلىپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، جامائەت ئىشلىرىدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ ئاندىن بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: سەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرىڭگە سىلىق مۇئامىلە قىلدىڭ. ئەگەر سەن قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار سەندىن يىراقلىشىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشلىرىڭدا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن. بىر قارارغا كەلسەڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 61 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْهُمُ الَّذِينَ يُؤْذُونَ النَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٌ ۚ قُلْ أُذُنُ خَيْرٍ لَكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَيُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِينَ وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ ۚ وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ رَسُولَ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[61].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە پەيغەمبەرنى «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «توغرا، ئۇ، سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلاردىن شۇنداق كىشىلەر باركى، نەبىينى رەنجىتىدۇ ۋە: «ئۇ قۇلاقتۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىلىق قۇلىقىدۇر9. ئۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ، مۇئمىنلارغا ئىشەنچ قىلىدۇ. ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى رەنجىتىدىغانلارغا ئەلەملىك ئازاب بار.
9 : 128 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ أَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر[128].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى ئىنسانلار!- شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئىچىڭلاردىن ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلارغا ھېرىستۇر، مۇئمىنلارغا ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئەلچى كەلدى. سىلەرنىڭ مۇشەققەت تارتىشىڭلار ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كېلىدۇ، ئۇ سىلەرگە كۆيۈمچاندۇر، مۇئمىنلارغا شەپقەتلىك ۋە مەرھەمەتلىكتۇر.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 87 - ئايەت
كۆرۈش
إِلَّا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّ فَضْلَهُ كَانَ عَلَيْكَ كَبِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى[87].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەقەت رەببىڭ رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمىدى. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ساڭا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى
ئەنەس ئالىم: لېكىن رەببىڭ ساڭا مەرھەمەت قىلىپ ئۇنداق قىلمايدۇ. رەببىڭنىڭ ساڭا بولغان پەزلى ھەقىقەتەن چوڭدۇر.
ئەنبىيا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
21 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: -ئى مۇھەممەد!- سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق
ئەنەس ئالىم: بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق.