ئەھلى بەيت
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەر ئائىلىسى توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئېنگلىزچىسى: Ahl al-Bayt
3 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى /
- 📄 ئەھلى بەيت
قۇرئان ئايەتلىرى
ئەھزاب سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 51 - ئايەت
كۆرۈش
تُرْجِي مَنْ تَشَاءُ مِنْهُنَّ وَتُؤْوِي إِلَيْكَ مَنْ تَشَاءُ ۖ وَمَنِ ابْتَغَيْتَ مِمَّنْ عَزَلْتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْكَ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَنْ تَقَرَّ أَعْيُنُهُنَّ وَلَا يَحْزَنَّ وَيَرْضَيْنَ بِمَا آتَيْتَهُنَّ كُلُّهُنَّ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، (ۋاقىتلىق) ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[51].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خالىغىنىڭ بىلەن نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، ساڭا ھېچ گۇناھ يوقتۇر، مانا بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر - جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ-
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭ بىلەن بىر يەردە بولۇشنى كېچىكتۈرۈپ، خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرغان ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنى يېنىڭغا ئالساڭ گۇناھكار بولمايسەن. بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، غەمكىن بولماسلىقىغا ۋە ھەممىسىنىڭ سېنىڭ بەرگىنىڭگە رازى بولۇشىغا ئەڭ مۇۋاپىقتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھەلىيمدۇر.
33 : 53 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَدْخُلُوا بُيُوتَ النَّبِيِّ إِلَّا أَنْ يُؤْذَنَ لَكُمْ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيْرَ نَاظِرِينَ إِنَاهُ وَلَٰكِنْ إِذَا دُعِيتُمْ فَادْخُلُوا فَإِذَا طَعِمْتُمْ فَانْتَشِرُوا وَلَا مُسْتَأْنِسِينَ لِحَدِيثٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ يُؤْذِي النَّبِيَّ فَيَسْتَحْيِي مِنْكُمْ ۖ وَاللَّهُ لَا يَسْتَحْيِي مِنَ الْحَقِّ ۚ وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ ۚ ذَٰلِكُمْ أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ ۚ وَمَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُؤْذُوا رَسُولَ اللَّهِ وَلَا أَنْ تَنْكِحُوا أَزْوَاجَهُ مِنْ بَعْدِهِ أَبَدًا ۚ إِنَّ ذَٰلِكُمْ كَانَ عِنْدَ اللَّهِ عَظِيمًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەق (نى ئېيتىش) تىن خىجىل بولمايدۇ. سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ. سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار دۇرۇس ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىش (يەنى رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىش ۋە ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش) ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر[53].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلىپ كىرسەڭلار، تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، ئۇنداق قىلىشىڭلار پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ ئەمما پەيغەمبەر بۇنى ئېيتىشقا سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەقتىن خىجىل بولمايدۇ، سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ ئالماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلار ئۈچۈنمۇ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئۈچۈنمۇ ئەڭ پاكتۇر، سىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى رەنجىتىپ قويۇشۇڭلار توغرا ئەمەس، رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ مەڭگۈ دۇرۇس ئەمەس، بۇنداق قىلىشىڭلار ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ گۇناھتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! نەبىينىڭ ئۆيلىرىگە تاماققا چاقىرىلماستىن كىرىپ، تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار. لېكىن چاقىرىلغان چېغىڭلاردا كىرىڭلار، تاماقنى يەپ بولۇپ دەرھال تارقاپ كېتىڭلار. پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ قالماڭلار. بۇ نەبىيگە ئەزىيەت بېرىدۇ، ئۇ سىلەرگە بىر نەرسە دېيىشتىن تارتىنىدۇ، لېكىن ئاللاھ ھەقنى سۆزلەشتىن تارتىنمايدۇ. ئەگەر سىلەر نەبىينىڭ ئاياللىرىدىن بىرەر نەرسە سورىماقچى بولساڭلار، ئۇنى پەردە ئارقىسىدىن سوراڭلار. مانا بۇ سىلەرنىڭ قەلبلىرىڭلار ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەزىيەت بېرىشىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلار قەتئىي توغرا بولمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ناھايىتى چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
شۇرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
42 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكَ الَّذِي يُبَشِّرُ اللَّهُ عِبَادَهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا الْمَوَدَّةَ فِي الْقُرْبَىٰ ۗ وَمَنْ يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَزِدْ لَهُ فِيهَا حُسْنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ. «(دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇش ـ خەۋەر بېرىدۇ. ئېيتقىنكى : «مەن سىلەردىن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن باشقا بىر ھەق تەلەپ قىلمايمەن»، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىلتىپات بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن. مەن سىلەردىن پەقەت تۇغقانچىلىقتىكى دوستلۇقنى تەلەپ قىلىمەن2». كىم ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى زىيادە قىلىمىز. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شۈكۈر قىلغۇچىغا كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر.