پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
پەيغەمبەر دەۋرىدىكى بەدر، ئۇھۇد، خەندەك ۋە باشقا ھەربىي يۈرۈشلەر.
ئېنگلىزچىسى: Battles of the Prophet
41 ئايەت
4 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى /
- 📄 پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇشلىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئال ئىمران سۈرىسى
14 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 121 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ غَدَوْتَ مِنْ أَهْلِكَ تُبَوِّئُ الْمُؤْمِنِينَ مَقَاعِدَ لِلْقِتَالِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن (ئۇھۇدقا) چىقىپ مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇردۇڭ، ئاللاھ (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[121].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن ئەتىگەندە ئۆيۈڭدىن چىقىپ (ئۇھۇدتا) مۆمىنلەرنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىڭ، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سەن مۇئمىنلارنى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەتىگەن ئائىلەڭدىن ئايرىلىپ يولغا چىققان ئىدىڭ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
3 : 122 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ هَمَّتْ طَائِفَتَانِ مِنْكُمْ أَنْ تَفْشَلَا وَاللَّهُ وَلِيُّهُمَا ۗ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى سەلەمە ئايمىقى بىلەن بەنى ھارىسە ئايمىقى) ئاجىزلىق كۆرسەتمەكچى (يەنى قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتماقچى) بولدى؛ ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى. (مۆمىنلەر جىمى ئەھۋالى ۋە جىمى ئىشلىرىدا) ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن![122].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇ چاغدا سىلەردىن ئىككى توپ ئادەم مەغلۇپ بولۇشتىن ئەنسىرەپ قالدى، ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەدەتكارى ئىدى، شۇڭا مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلىشى لازىم
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن ئىككى گۇرۇھ، ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ ۋەلىيسى21 تۇرۇقلۇق ئۇرۇشتىن چېكىنمەكچى بولدى. مۇئمىنلار پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلسۇن.
3 : 123 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ بِبَدْرٍ وَأَنْتُمْ أَذِلَّةٌ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە بەدرىدە نۇسرەت ئاتا قىلدى، ھالبۇكى، سىلەر كۈچسىز ئىدىڭلار (سانىڭلار ۋە قورالىڭلار ئاز ئىدى). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نۇسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار[123].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەدرى ئۇرۇشىدا سىلەرنىڭ كۈچۈڭلار ئاجىز بولسىمۇ، ئاللاھ سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلدى، شۇڭا، شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت ئاتا قىلدى. سىلەر ئۇ چاغدا ناھايىتى كۈچسىز ئىدىڭلار. ئۇنداقتا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۈكۈر قىلغان بولىسىلەر.
3 : 124 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَنْ يَكْفِيَكُمْ أَنْ يُمِدَّكُمْ رَبُّكُمْ بِثَلَاثَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُنْزَلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ[124].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دېگەن ئىدىڭ
ئەنەس ئالىم: سەن ئۇ چاغدا مۇئمىنلارغا: «رەببىڭلارنىڭ ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ سىلەرگە ياردەم بېرىشى سىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولمامدۇ؟» دەيتتىڭ.
3 : 125 - ئايەت
كۆرۈش
بَلَىٰ ۚ إِنْ تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُمْ مِنْ فَوْرِهِمْ هَٰذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُمْ بِخَمْسَةِ آلَافٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ[125].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادار بولساڭلار، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئالاھىدە بەلگىلىك بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار ۋە دۈشمىنىڭلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، رەببىڭلار سىلەرگە نىشانلىق بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ22.
3 : 126 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُمْ بِهِ ۗ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇنى (يەنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى) پەقەت سىلەرگە خۇشخەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن (شۇنىڭ بىلەن دۈشمەننىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن قورقمىسۇن) دەپ قىلدى. ياردەم پەقەت غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر[126].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ پەقەت سىلەرگە خۇش خەۋەر بولسۇن ۋە دىلىڭلار شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدى. ياردەم پەقەت ھەممىگە غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىندۇر.
3 : 127 - ئايەت
كۆرۈش
لِيَقْطَعَ طَرَفًا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَوْ يَكْبِتَهُمْ فَيَنْقَلِبُوا خَائِبِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئاللاھنىڭ ياردىمى) كاپىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشلىرى ئۈچۈندۇر[127].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ يەنە كافىرلارنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھالاك قىلىش ياكى ئۇلارنى رەسۋا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىز ھالدا مەغلۇپ بولۇشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى
ئەنەس ئالىم: بۇ، ئاللاھنىڭ كافىرلاردىن بىر تەرەپنى كېسىشى23 ياكى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈمىدسىز ھالدا قايتۇرۇشى ئۈچۈندۇر.
3 : 140 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ الْقَوْمَ قَرْحٌ مِثْلُهُ ۚ وَتِلْكَ الْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ النَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَيَتَّخِذَ مِنْكُمْ شُهَدَاءَ ۗ وَاللَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ[140].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەرگە تالاپەت يەتكەن بولسا، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا تالاپەت يەتكەن ئىدى. بۇنداق كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز، بۇ ئاللاھنىڭ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى پەرقلەندۈرۈشى، سىلەردىن شېھىتلەرنى چىقىرىشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر بۇ ئۇھۇد ئۇرۇشىدا يارىلانغان بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئۇ قەۋممۇ بەدىر ئۇرۇشىدا ئوخشاشلا يارىلانغان. بىز بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا نۆۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى24 ۋە بەزىڭلارنى شېھىتلىك ماقامىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
3 : 143 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ كُنْتُمْ تَمَنَّوْنَ الْمَوْتَ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَلْقَوْهُ فَقَدْ رَأَيْتُمُوهُ وَأَنْتُمْ تَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار [143].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۆلۈم بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. مانا ئەمدى ئۇنى كۆرۈپ قاراپ تۇرىسىلەر.
3 : 152 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَقَدْ صَدَقَكُمُ اللَّهُ وَعْدَهُ إِذْ تَحُسُّونَهُمْ بِإِذْنِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا فَشِلْتُمْ وَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَعَصَيْتُمْ مِنْ بَعْدِ مَا أَرَاكُمْ مَا تُحِبُّونَ ۚ مِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الدُّنْيَا وَمِنْكُمْ مَنْ يُرِيدُ الْآخِرَةَ ۚ ثُمَّ صَرَفَكُمْ عَنْهُمْ لِيَبْتَلِيَكُمْ ۖ وَلَقَدْ عَفَا عَنْكُمْ ۗ وَاللَّهُ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار، (پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەندىن قايتۇردى (يەنى سىلەرنى غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر[152].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە قىلغان ۋەدىسىدە تۇردى. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار، ئاللاھ سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار، پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا دەتالاش قىلدىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشتىن چېكىندۈردى (يەنى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈردى) ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۆمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى، سىلەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن دۈشمىنىڭلارنى قىرىپ تاشلايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەر ئارزۇ قىلغان نەرسىنى سىلەرگە كۆرسەتكەندىن كېيىن بوشاڭلىق قىلدىڭلار، بېرىلگەن ئەمر توغرىسىدا تالاش - تارتىش قىلىشتىڭلار ۋە ئىتائەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئىچىڭلاردىن بەزىلەر دۇنيانى ئىرادە قىلاتتى، بەزىلەر ئاخىرەتنى ئىرادە قىلاتتى. ئاندىن ئاللاھ سىناش ئۈچۈن سىلەرنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مۇئمىنلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر.
3 : 153 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تُصْعِدُونَ وَلَا تَلْوُونَ عَلَىٰ أَحَدٍ وَالرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ فِي أُخْرَاكُمْ فَأَثَابَكُمْ غَمًّا بِغَمٍّ لِكَيْلَا تَحْزَنُوا عَلَىٰ مَا فَاتَكُمْ وَلَا مَا أَصَابَكُمْ ۗ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر (ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! مېنىڭ تەرىپىمگە كېلىڭلار، مەن رەسۇلۇللاھتۇرمەن، كىمكى جىھاد مەيدانىغا قايتسا، ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ) ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار، (بۇنىڭدىن كېيىن) قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە (يەنى غەنىيمەتكە)، بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە (يەنى مەغلۇبىيەتكە) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى (يەنى سىلەرنى غەنىيمەتتىن مەھرۇم قىلغاننىڭ ئۈستىگە مەغلۇبىيەت بىلەن جازالىدى). ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[153].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر سىلەرنى ئارقاڭلاردىن چاقىرىپ تۇرسىمۇ، سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچقان ئىدىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىن قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە، بېشىڭلارغا كەلگەن كېلىشمەسلىككە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرنى قاتمۇقات غەمگە مۇپتىلا قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھېچكىمگە بۇرۇلۇپ قارىماستىن يۇقىرى تەرەپكە قاچاتتىڭلار، رەسۇلۇللاھ ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىراتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ غەم ئۈستىگە غەم بېرىپ سىلەرنى جازالىدى. ئاللاھ بۇنى قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە ۋە بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر.
3 : 155 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ تَوَلَّوْا مِنْكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ إِنَّمَا اسْتَزَلَّهُمُ الشَّيْطَانُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوا ۖ وَلَقَدْ عَفَا اللَّهُ عَنْهُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)[155].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ھەقىقەتەن ئاراڭلاردىكى جەڭدىن چېكىنگەن كىشىلەرنى بەزى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن شەيتان تېيىلدۇردى؛ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان زاتتۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىككى قوشۇن مەيدانغا چۈشكەن كۈندە سىلەردىن قاچقانلارنىڭ بەزى قىلمىشلىرى سەۋەبلىك شەيتان ئۇلاردىن خاتالىق ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى27. ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلدى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر.
3 : 165 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمَّا أَصَابَتْكُمْ مُصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُمْ مِثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِنْدِ أَنْفُسِكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[165].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرگە يەتكەن تالاپەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن تالاپەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا، سىلەر يەنە: «بۇ تالاپەت قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلاردىن بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمى كەلسە، «بۇ قەيەردىن كەلدى؟» دەمسىلەر؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ ئۆزۈڭلاردىن كەلدى». ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
3 : 166 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا أَصَابَكُمْ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيَعْلَمَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار توقۇنۇشقان ئۇھۇد جېڭىدە) سىلەرگە كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ ھەقىقىي مۆمىنلەرنى بىلىش (يەنى ئايرىش) ئۈچۈندۇر[166].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان كۈندە (ئۇھۇد ئۇرۇشىدا) سىلەرگە كەلگەن تالاپەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كەلگەندۇر، بۇ (تالاپەتنىڭ كېلىشى) ھەقىقىي مۆمىنلەرنى ئايرىش ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئىككى قوشۇن ئۇرۇشقان كۈنى بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر،
ئەنفال سۈرىسى
21 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
كَمَا أَخْرَجَكَ رَبُّكَ مِنْ بَيْتِكَ بِالْحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقًا مِنَ الْمُؤْمِنِينَ لَكَارِهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (غەنىيمەت تەقسىماتى توغرىسىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاس قىلىنغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ھەقلىق رەۋىشتە ئۆيۈڭدىن (يەنى ئۆيۈڭ جايلاشقان مەدىنىدىن ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى (ئۇلارنىڭ ياقتۇرمىغانلىقىغا) ئوخشايدۇ، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشنى) ئەلۋەتتە يامان كۆرىدۇ[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ خۇددى پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۆيۈڭدىن (ئۇرۇشقا) چىقارغانلىقىنى ئوخشاشتۇر. ھالبۇكى، مۆمىنلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم (ئۇرۇشقا چىقىشنى) ھەقىقەتەن ياقتۇرمايتتى
ئەنەس ئالىم: رەببىڭ سېنى ھەق ئۈچۈن ئۆيۈڭدىن چىقارغاندىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولغان. ئۇ چاغدىمۇ مۇئمىنلاردىن بىر گۇرۇھ ھېچ مەمنۇن ئەمەس ئىدى1.
8 : 6 - ئايەت
كۆرۈش
يُجَادِلُونَكَ فِي الْحَقِّ بَعْدَمَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى الْمَوْتِ وَهُمْ يَنْظُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار گويا (ئالامەتلىرى) كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ[6].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار گويا ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقەت (يەنى ئۇرۇشقا چىقىش مەسىلىسى) ئۈستىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ھەق ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خۇددى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك سەن بىلەن ئۇ ھەق توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەتتى.
8 : 7 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللَّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتَيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُحِقَّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھ (بىرى مۇشرىكلار كارۋىنى، يەنى بىرى مۇشرىكلار قوشۇنى) دىن بىرىنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ۋەدە قىلدى، سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ (يەنى كارۋاننىڭ) قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىشنى (يەنى ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى)، كاپىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ[7].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىككى گۇرۇھتىن (يەنى مۇشرىكلار كارۋىنى مۇشرىكلار قوشۇنىدىن) بىرىنىڭ قولۇڭلارغا ئۆتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھ (يەنى كارۋان) نىڭ قولۇڭلارغا ئۆتۈشىنى ياقتۇردۇڭلار. ئاللاھ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ئاشكارىلاشنى، كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى خالايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، «ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى.
8 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەقنى ھەق (يەنى ئىسلامنى ئاشكارا) قىلىدۇ، باتىل (يەنى كۇفرى) نى بەربات قىلىدۇ[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: (بۇنداق قىلىش) گۇناھكار ئادەملەرنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ئاللاھنىڭ ھەقنى (غالىب) قىلىپ، باتىل (يەنى كۇفر) نى بەربات قىلىشى ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھكارلار ياقتۇرمىسىمۇ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈن ئىدى.
8 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَاسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّي مُمِدُّكُمْ بِأَلْفٍ مِنَ الْمَلَائِكَةِ مُرْدِفِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ تىلىكىڭلارنى قوبۇل قىلغان ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا سىلەر رەببىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئۇ: «مەن سىلەرگە ئارقىمۇئارقا كېلىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم قىلىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلغان ئىدى.
8 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا جَعَلَهُ اللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا النَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبىدىن) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ بۇ ياردەمنى خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
8 : 11 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يُغَشِّيكُمُ النُّعَاسَ أَمَنَةً مِنْهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً لِيُطَهِّرَكُمْ بِهِ وَيُذْهِبَ عَنْكُمْ رِجْزَ الشَّيْطَانِ وَلِيَرْبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ وَيُثَبِّتَ بِهِ الْأَقْدَامَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھتىنچلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىدى؛ (تاھارەت ئېلىپ، غۇسلى قىلىپ) پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئىشەنچ قىلىپ) كۆڭلۈڭلارنىڭ توق تۇرۇشى ئۈچۈن، قەدىمىڭلارنىڭ (قۇمغا پېتىپ كەتمەي) مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى[11].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، سىلەرگە يەڭگىل ئۇيقۇ بېغىشلىغان ئىدى؛ سىلەرنى پاكلاش ئۈچۈن، سىلەردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزۈش ئۈچۈن، كۆڭلۈڭلارنى توق تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، (قۇملۇقتا) قەدىمىڭلارنى مەزمۇت تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدى
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مۈگدەتكەن ئىدى. سىلەرنى پاكلاش، سىلەردىن شەيتاننىڭ مەينىتىنى كەتكۈزۈش، قەلبىڭلارنى پۈتۈنلەش ۋە قەدەملىرىڭلارنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئۈستۈڭلارغا سۇ چۈشۈرگەن ئىدى.
8 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يُوحِي رَبُّكَ إِلَى الْمَلَائِكَةِ أَنِّي مَعَكُمْ فَثَبِّتُوا الَّذِينَ آمَنُوا ۚ سَأُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُوا الرُّعْبَ فَاضْرِبُوا فَوْقَ الْأَعْنَاقِ وَاضْرِبُوا مِنْهُمْ كُلَّ بَنَانٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنىڭ قەدەملىرىنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلىڭلار، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن» دەپ ۋەھىي قىلدى. (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم تۇرغۇزۇڭلار، مەن كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن، سىلەر ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىگە سېلىڭلار، بارماقلىرىنى كېسىپ تاشلاڭلار» دەپ ۋەھيى قىلغان ئىدى.
ئەنەس ئالىم: ئۇ چاغدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە ۋەھىي قىلغان ئىدى: مەن چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە. قېنى مۇئمىنلارنى جاسارەتلەندۈرۈڭلار. يېقىندا كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمەن. قېنى ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بارمىقىغا ئۇرۇڭلار!
8 : 15 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا زَحْفًا فَلَا تُوَلُّوهُمُ الْأَدْبَارَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار)[15].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! سىلەر كافىرلار قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار)
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! كافىرلار قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار.
8 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَنْ يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍ دُبُرَهُ إِلَّا مُتَحَرِّفًا لِقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزًا إِلَىٰ فِئَةٍ فَقَدْ بَاءَ بِغَضَبٍ مِنَ اللَّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
مۇھەممەد سالىھ: كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي![16]
تەرجىمە ھەيئىتى: كىمكى ئۇ كۈندە قايتا ئۇرۇشۇش ياكى مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇشنى مەقسەت قىلماي، دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
ئەنەس ئالىم: كىم ئۇ كۈندە ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلسا - ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن يەر ئالماشتۇرغۇچى ياكى باشقا بىر قىسىمغا قوشۇلغۇچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا -، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
8 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
فَلَمْ تَقْتُلُوهُمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ قَتَلَهُمْ ۚ وَمَا رَمَيْتَ إِذْ رَمَيْتَ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ رَمَىٰ ۚ وَلِيُبْلِيَ الْمُؤْمِنِينَ مِنْهُ بَلَاءً حَسَنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن) ئاللاھ ئۆلتۈردى. (ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە (ساۋاب، غەلىبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇسۇلمانلار! ئۇرۇشتا) ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، بەلكى ئاللاھ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم توپىنى ئۇلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى. (ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرنى چىرايلىق ئىنئاملار ئارقىلىق سىناش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئۇلارنى سىلەر ئۆلتۈرمىدىڭلار، لېكىن ئۇلارنى ئاللاھ ئۆلتۈردى. ئى مۇھەممەد! ئاتقان چېغىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، لېكىن ئاللاھ ئاتتى. بۇ مۇئمىنلارنى چىرايلىقچە سىناش ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
8 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
ذَٰلِكُمْ وَأَنَّ اللَّهَ مُوهِنُ كَيْدِ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ (ئاللاھنىڭ مۆمىنلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر). ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلغۇچىدۇر[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ (ئىنئام) ۋە ئاللاھنىڭ كافىرلارنىڭ ھىيلىسىنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىدىغانلىقى ھەقتۇر
ئەنەس ئالىم: بۇ مۇشۇنداقتۇر. ئاللاھ كافىرلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچىدۇر.
8 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
إِنْ تَسْتَفْتِحُوا فَقَدْ جَاءَكُمُ الْفَتْحُ ۖ وَإِنْ تَنْتَهُوا فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَعُودُوا نَعُدْ وَلَنْ تُغْنِيَ عَنْكُمْ فِئَتُكُمْ شَيْئًا وَلَوْ كَثُرَتْ وَأَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى كۇففارلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە كەلدى (يەنى ئۇ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا كەلدى). ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلىپ بېرەلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى كافىرلار جامائەسى!) ئەگەر سىلەر غەلىبىنى تىلىسەڭلار، غەلىبە ئاللىقاچان سىلەرگە قارشى (يەنى سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا) كەلدى. ئەگەر (پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلىشىشتىن) يانساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار، بىز ئۇنىڭغا يەنە ياردەم بېرىمىز، قوشۇنۇڭلار كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ قوشۇن سىلەرگە ھېچقانداق نەپ يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر غەلىبە تىلىسەڭلار، ئەنە سىلەرگە غەلىبە كەلدى. ئەگەر توختىساڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر2. ئەگەر قايتساڭلار، بىزمۇ قايتىمىز3. قوشۇنۇڭلار ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ سىلەردىن ھېچ نەرسە دەپئى قىلالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇئمىنلار بىلەن بىللىدۇر.
8 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرُوا إِذْ أَنْتُمْ قَلِيلٌ مُسْتَضْعَفُونَ فِي الْأَرْضِ تَخَافُونَ أَنْ يَتَخَطَّفَكُمُ النَّاسُ فَآوَاكُمْ وَأَيَّدَكُمْ بِنَصْرِهِ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار ، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار. شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) ماكانلاشتۇردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى ئولجىلار) نى رىزىق قىلىپ بەردى
ئەنەس ئالىم: ئەسلەڭلاركى، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا زېمىندا بوزەك قىلىنغان ئاز سانلىق ئىدىڭلار. ئىنسانلارنىڭ سىلەرنى تۇيۇقسىز تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە يەر - زېمىن بەردى، ئۆز نۇسرىتى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى ۋە سىلەرگە پاك نەرسىلەردىن رىزىق بەردى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!
8 : 30 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ اللَّهُ ۖ وَاللَّهُ خَيْرُ الْمَاكِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر[30].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن ئىدى، ئۇلار ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ساڭا ھىيلە - مىكىر قىلغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلغان ئىدى. ئاللاھ ھىيلە - مىكىرنى بەربات قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
8 : 42 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ أَنْتُمْ بِالْعُدْوَةِ الدُّنْيَا وَهُمْ بِالْعُدْوَةِ الْقُصْوَىٰ وَالرَّكْبُ أَسْفَلَ مِنْكُمْ ۚ وَلَوْ تَوَاعَدْتُمْ لَاخْتَلَفْتُمْ فِي الْمِيعَادِ ۙ وَلَٰكِنْ لِيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا لِيَهْلِكَ مَنْ هَلَكَ عَنْ بَيِّنَةٍ وَيَحْيَىٰ مَنْ حَيَّ عَنْ بَيِّنَةٍ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشنى) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر (ئۆزۈڭلارنىڭ ئازلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ) ئەلۋەتتە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (يەنى مۇسۇلمانلارنى ئەزىز، مۇشرىكلارنى خار قىلىشنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن (سىلەرنى بەدرىدە مۇشرىكلار بىلەن ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى)، ئەلۋەتتە، ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[42].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، مۇشرىكلار قوشۇنى ۋادىنىڭ (مەدىنىگە) يىراق تەرىپىدە ئىدى. (قۇرەيشنىڭ) سودا كارۋىنى بولسا سىلەرنىڭ تۆۋىنىڭلاردا ئىدى. ئەگەر سىلەر (مۇشرىكلار بىلەن ئۇچرىشىشقا) ۋەدىلەشكەن بولساڭلار، سىلەر ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ قويغان بولاتتىڭلار. لېكىن، ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھالاك بولىدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ھالاك بولۇشى، ياشايدىغانلارنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ئاندىن ياشىشى ئۈچۈن (سىلەرنى ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى). ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەلۋەتتە ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ كۈنى سىلەر ۋادىنىڭ مەدىنىگە يېقىن تەرىپىدە ئىدىڭلار، ئۇلار يىراق تەرىپىدە ئىدى، سودا كارۋىنى بولسا، تۆۋەن تەرىپىڭلاردا ئىدى. ئەگەر ۋەدىلەشكەن بولساڭلارمۇ، ئۇلار بىلەن بۇ شەكىلدە ئۇچرىشالمايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى مۇشۇنداق ئۇچراشتۇردى. بۇ ھالاك بولغان كىشىنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھالاك بولۇشى، ھاياتتا قالغان كىشىنىڭمۇ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھاياتتا قېلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
8 : 43 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ يُرِيكَهُمُ اللَّهُ فِي مَنَامِكَ قَلِيلًا ۖ وَلَوْ أَرَاكَهُمْ كَثِيرًا لَفَشِلْتُمْ وَلَتَنَازَعْتُمْ فِي الْأَمْرِ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ سَلَّمَ ۗ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا ئۇلارنى (يەنى دۈشمەنلىرىڭنى) ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇنچ چۈشەتتى ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دەتالاش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى مۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[43].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ چۈشۈڭدە ساڭا دۈشمەنلىرىڭنى ئاز كۆرسەتتى، ئەگەر ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، سىلەرگە چوقۇم قورقۇپ كېتەتتىڭلار ۋە جەڭ ئىشىدا چوقۇم دەتالاش قىلاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ (سىلەرنى بۇنداق قىلىشتىن) ساقلىدى. ئاللاھ دىللاردىكىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا، ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى چۈشۈڭدە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە قورقۇپ بوشىشىپ كېتەتتىڭلار ۋە ئەلۋەتتە بۇ ئىش ئۈستىدە ئۆزئارا نىزا قىلىشاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ ساقلىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر.
8 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ يُرِيكُمُوهُمْ إِذِ الْتَقَيْتُمْ فِي أَعْيُنِكُمْ قَلِيلًا وَيُقَلِّلُكُمْ فِي أَعْيُنِهِمْ لِيَقْضِيَ اللَّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولًا ۗ وَإِلَى اللَّهِ تُرْجَعُ الْأُمُورُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، (دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلسۇن دەپ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە (سىلەرگە قارشى تەييارلىقتا بولمىسۇن دەپ) ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ (ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشنى (سىلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىڭلارنى) ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزۈڭلارغا ئاز كۆرسەتتى ۋە سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئاز كۆرسەتتى. ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرۇلىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارغا ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئاللاھنىڭ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىدى. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ.
8 : 45 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا لَقِيتُمْ فِئَةً فَاثْبُتُوا وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار[45].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! بىرەر قوشۇن بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر.
8 : 48 - ئايەت
كۆرۈش
وَإِذْ زَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ وَقَالَ لَا غَالِبَ لَكُمُ الْيَوْمَ مِنَ النَّاسِ وَإِنِّي جَارٌ لَكُمْ ۖ فَلَمَّا تَرَاءَتِ الْفِئَتَانِ نَكَصَ عَلَىٰ عَقِبَيْهِ وَقَالَ إِنِّي بَرِيءٌ مِنْكُمْ إِنِّي أَرَىٰ مَا لَا تَرَوْنَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ ۚ وَاللَّهُ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارغا (قەبىھ) ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «ھېچقانداق كىشى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە مەدەتكار» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا شەيتان ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «مەن سىلەردىن ئادا ـ جۇدامەن ، سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى ھەقىقەتەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، مەن راستتىنلا ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دېدى[48]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «ھېچقانداق كىشى بۈگۈن سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە مەدەتكار» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا شەيتان ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «مېنىڭ سىلەر بىلەن ھىچ ئالاقەم يوق، سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى مەن ھەقىقەتەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، مەن راستتىنلا ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» دېدى
ئەنەس ئالىم: ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «بۈگۈن ئىنسانلاردىن سىلەرنى يېڭىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. مەن سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلارمەن» دېگەن ئىدى. لېكىن شەيتان ئىككى قوشۇن بىر - بىرىنى كۆرۈشكەندە ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «شۈبھىسىزكى، مەن سىلەردىن ئادا - جۇدامەن، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ جازالىشى قاتتىقتۇر» دېدى.
8 : 65 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ ۚ إِنْ يَكُنْ مِنْكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُوا مِائَتَيْنِ ۚ وَإِنْ يَكُنْ مِنْكُمْ مِائَةٌ يَغْلِبُوا أَلْفًا مِنَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَفْقَهُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار (جاھىل) قەۋم بولۇپ، چۈشەنمەيدۇ[65].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (دۈشمەنلەرگە قارشى) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) ئىككى يۈزنى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) يۈز ئادەم بولىدىغان بولسا، كافىرلاردىن مىڭنى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھۇشيار قەۋم ئەمەستۇر
ئەنەس ئالىم: ئى نەبىي! مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. ئەگەر سىلەردىن سەۋر - تاقەتلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر.
تەۋبە سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ ۙ وَيَوْمَ حُنَيْنٍ ۙ إِذْ أَعْجَبَتْكُمْ كَثْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ عَنْكُمْ شَيْئًا وَضَاقَتْ عَلَيْكُمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ ثُمَّ وَلَّيْتُمْ مُدْبِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين جېڭى كۈنىدە ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، بۇ سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن ئۇرۇش مەيدانلىرىدا نۇسرەت بەردى. ھۇنەين كۈنىدىمۇ نۇسرەت بەردى. ئۇ كۈنى سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، لېكىن كۆپلۈكىڭلار سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىغان ئىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار كەلگەن ئىدى. ئاخىرىدا ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچقان ئىدىڭلار.
9 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ أَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَنْزَلَ جُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا وَعَذَّبَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە سىلەر كۆرۈپ باقمىغان قوشۇنلارنى (يەنى ياردەمچى پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئاللاھ كافىرلارنى ئازابلىدى، كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاندىن ئاللاھ، ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى چۈشۈردى، سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلارنى چۈشۈردى ۋە كافىرلارنى ئازابلىدى. مانا بۇ كافىرلارنىڭ جازاسىدۇر.
ئەھزاب سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
33 : 9 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَاءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[9].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن -پەرىشتىلەر- نى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار. ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا قوشۇن كەلگەن ئىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بوران ۋە سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلارنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇراتتى.
33 : 10 - ئايەت
كۆرۈش
إِذْ جَاءُوكُمْ مِنْ فَوْقِكُمْ وَمِنْ أَسْفَلَ مِنْكُمْ وَإِذْ زَاغَتِ الْأَبْصَارُ وَبَلَغَتِ الْقُلُوبُ الْحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِاللَّهِ الظُّنُونَا
مۇھەممەد سالىھ: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ (ھۇجۇم قىلىپ) كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار[10].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار يۇقىرى تەرىپىڭلاردىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىڭلاردىنمۇ -ھۇجۇم قىلىپ- كەلگەن ئىدى. بۇ چاغدا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ قالغان، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان، ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلا
ئەنەس ئالىم: ئۇلار سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ۋە ئاستىڭلاردىن ھۇجۇم قىلاتتى. ئۇ ۋاقىتتا كۆزۈڭلار چەكچىيىپ، يۈرىكىڭلار ئاغزىڭلارغا قاپلىشىپ قالغان ئىدى، ئاللاھ ھەققىدە ھەر تۈرلۈك گۇمانلاردا بولغان ئىدىڭلار.
33 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَدَّ اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِغَيْظِهِمْ لَمْ يَنَالُوا خَيْرًا ۚ وَكَفَى اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ الْقِتَالَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ كاپىرلار (يەنى مەدىنىگە ھۇجۇم قىلغان ئىتتىپاقداش قوشۇن) نى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ (دۈشمەنگە بوران ۋە پەرىشتىلەرنى ئاپىرىدە قىلىپ) مۆمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ كاپىرلارنى خاپا قايتۇردى، ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ ئۇرۇشتا مۇئمىنلارغا كۇپايە قىلدى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ كافىرلارنى ئاچچىقلىرى بىلەن قايتۇرۇۋەتتى، ئۇلار ھېچبىر ياخشىلىققا ئېرىشەلمىدى. ئاللاھ مۇئمىنلارنى ئۇرۇشۇش قىلىشتىن ساقلىدى. ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
33 : 26 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُمْ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِنْ صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىنى بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى) قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. (ئۇلارنىڭ) بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار[26].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئەھلى كىتابتىن مۇشرىكلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قۇرغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈردۇڭلار ۋە بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار.