مەككىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
مەككىنىڭ ئازاد قىلىنىشى توغرىسىدىكى ئايەتلەر.
ئېنگلىزچىسى: Conquest of Makkah
6 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى /
- 📄 مەككىنىڭ بويسۇندۇرۇلۇشى
قۇرئان ئايەتلىرى
فەتىھ سۈرىسى
4 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
48 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُبِينًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق[1ـ3].
تەرجىمە ھەيئىتى: ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا روشەن فەتىھ ئاتا قىلدۇق.
48 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنْزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھقالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[18ـ 19].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ مۇئمىنلاردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، -ئى مۇھەممەد!- ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار -ھۇدەيبىيىدە- دەرەخ ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكى- راستلىق بىلەن ۋاپا- نى بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە - خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى - بىلەن مۇكاپاتلىدى
ئەنەس ئالىم: مۇئمىنلار دەرەخنىڭ ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلغان چاغدا ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكىنى بىلدى، ئۇلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى نازىل قىلدى ۋە ئۇلارنى يېقىن فەتىھ بىلەن مۇكاپاتلىدى.
48 : 24 - ئايەت
كۆرۈش
وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُمْ بِبَطْنِ مَكَّةَ مِنْ بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلىدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[24].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ شۇنداق زاتكى، مەككىنىڭ ئىچىدە سىلەرنى ئۇلارغا غالىب قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن، سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى ئۇلاردىن توستى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
48 : 27 - ئايەت
كۆرۈش
لَقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ ۖ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ ۖ فَعَلِمَ مَا لَمْ تَعْلَمُوا فَجَعَلَ مِنْ دُونِ ذَٰلِكَ فَتْحًا قَرِيبًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقىي راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرامغا كىرىسىلەر، ئاللاھ (سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (پايدىنى) بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلىبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھىسىنى مۇيەسسەر) قىلدى[27].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى ئاللاھ پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى ھەق رەۋىشتە راستقا چىقاردى. ئاللاھ خالىسا سىلەر خاتىرجەم بولغىنىڭلار ھالدا، بەزىڭلار باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە بەزىڭلار قىرقىغان ھالدا، قورقماي مەسجىدى ھەرەمغا چوقۇم كىرىسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن يېقىن بىر غەلىبىنى مۇيەسسەر قىلدى
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ چۈشىنى ئەلۋەتتە راستقا چىقىرىدۇ. ئىنشائاللاھ سىلەر بەزىڭلار باشلىرىنى چۈشۈرتكەن، بەزىڭلار قىرقىتقان ھالدا خاتىرجەملىك ئىچىدە مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر. قورقمايسىلەر. ئاللاھ سىلەر بىلمىگەن نەرسىنى بىلەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سىلەرگە يېقىن فەتىھ نېسىپ قىلدى.
نەسىر سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
110 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَ نَصْرُ اللَّهِ وَالْفَتْحُ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە[1ـ2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن چاغدا
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە فەتھى كەلگەن چاغدا،
110 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَرَأَيْتَ النَّاسَ يَدْخُلُونَ فِي دِينِ اللَّهِ أَفْوَاجًا
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە غەلىبىسى كەلگەن ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا كىشىلەرنىڭ توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە[1ـ2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ ـ توپ بولۇپ كىرگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە
ئەنەس ئالىم: ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىغا توپ-توپ بولۇپ كىرىۋاتقان ھالەتتە كۆرگىنىڭدە،