إِلَّا تَنْصُرُوهُ فَقَدْ نَصَرَهُ اللَّهُ إِذْ أَخْرَجَهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ثَانِيَ اثْنَيْنِ إِذْ هُمَا فِي الْغَارِ إِذْ يَقُولُ لِصَاحِبِهِ لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا ۖ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَيْهِ وَأَيَّدَهُ بِجُنُودٍ لَمْ تَرَوْهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ الَّذِينَ كَفَرُوا السُّفْلَىٰ ۗ وَكَلِمَةُ اللَّهِ هِيَ الْعُلْيَا ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى (مەككىدىن) پەقەت بىرلا كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيدەپ چىقارغاندا، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردىكى ۋاقتىدا (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دېگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغان، ئۇنىڭغا سىلەر كۆرمىگەن (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەرگەن، كافىرلارنىڭ سۆزىنى ئەڭ پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزى بولسا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ياردەم قىلمىساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياردەم قىلدى4. ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى ئىككى كىشىنىڭ بىرى ھالىتىدە يۇرتىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. ئۇ ھەمراھىغا: «قايغۇرمىغىن، ئاللاھ چوقۇم بىز بىلەن بىللىدۇر» دېگەن ئىدى. ئۇ ئەسنادا ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى رەھمىتىنى چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇنى سىلەر كۆرمىگەن قوشۇنلار بىلەن كۈچلەندۈرگەن ئىدى. كافىرلارنىڭ سۆزىنى پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزىلا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.