قۇرئان ئارقىلىق شىپا تېپىش
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاننىڭ قەلبنىڭ مەنىۋى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش رولى.
ئېنگلىزچىسى: Healing through the Quran
5 ئايەت
5 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 قۇرئاننىڭ تەبىئىتى /
- 📄 قۇرئان ئارقىلىق شىپا تېپىش
قۇرئان ئايەتلىرى
يۇنۇس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
10 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُمْ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە شىپا بولغان، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى
ئەنەس ئالىم: ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە شىپا، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى.
نەھىل سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
16 : 69 - ئايەت
كۆرۈش
ثُمَّ كُلِي مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ فَاسْلُكِي سُبُلَ رَبِّكِ ذُلُلًا ۚ يَخْرُجُ مِنْ بُطُونِهَا شَرَابٌ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ فِيهِ شِفَاءٌ لِلنَّاسِ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر (يەنى گۈل ـ چېچەكلەر) دىن يېگىن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن». ئۇنىڭ (يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ) قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك (يەنى ھەسەل) چىقىدۇ. بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلۇقىنى) تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار[69].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاندىن كېيىن، تۈرلۈك مېۋىلەر -گۈل ـ چېچەكلەر- دىن يېگىن، رەببىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن»، ھەسەل ھەرىسىنىڭ قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بولىدىغان خىلمۇ ـ خىل رەڭلىك ئىچىملىك -ھەسەل- چىقىدۇ. بۇنىڭدا پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەت بار
ئەنەس ئالىم: ئاندىن كېيىن مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يېگىن، ئاندىن رەببىڭ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن يوللاردا ماڭغىن». ئۇلارنىڭ قورساقلىرىدىن رەڭلىرى ھەر خىل ئىچىملىك چىقىدۇ. ئۇ ئىچىملىكتە ئىنسانلار ئۈچۈن شىپا بار. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار.
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 82 - ئايەت
كۆرۈش
وَنُنَزِّلُ مِنَ الْقُرْآنِ مَا هُوَ شِفَاءٌ وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ ۙ وَلَا يَزِيدُ الظَّالِمِينَ إِلَّا خَسَارًا
مۇھەممەد سالىھ: بىز مۆمىنلەرگە (يەنى ئۇلارنىڭ دىللىرىغا) شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ (يەنى ئۇلار قۇرئاننى تەستىق قىلمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۇفرى تېخىمۇ ئاشىدۇ)[82].
تەرجىمە ھەيئىتى: بىز مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولىدىغان قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل قىلىمىز، قۇرئان كاپىرلارغا زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: بىز مۇئمىنلارغا شىپا ۋە رەھمەت بولغان قۇرئاننى نازىل قىلماقتىمىز. قۇرئان زالىملارغا زىياندىن باشقا نەرسە زىيادە قىلمايدۇ.
زۇمەر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
39 : 23 - ئايەت
كۆرۈش
اللَّهُ نَزَّلَ أَحْسَنَ الْحَدِيثِ كِتَابًا مُتَشَابِهًا مَثَانِيَ تَقْشَعِرُّ مِنْهُ جُلُودُ الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ ثُمَّ تَلِينُ جُلُودُهُمْ وَقُلُوبُهُمْ إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى نازىل قىلدى. (پاساھەتتە، بالاغەتتە) ئۇنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، (ۋەز ـ نەسىھەتلەر، ئەھكاملار، قىسسەلەر ئۇنىڭدا) تەكرارلىنىدۇ، (قۇرئاندىكى ئازاب ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا) پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن (يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرىتىگە دائىر ئايەتلەر تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا)، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشاپ (ئارام تاپىدۇ)، ئەنە شۇ (يەنى قۇرئان) ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن (ئاللاھ) خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ[23].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ سۆزلەرنىڭ ئەڭ چىرايلىقى بولغان قۇرئاننى بەزىسى بەزىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان، تەكرارلىنىدىغان رەۋىشتە بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ تىرىلىرى تىترەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى ۋە دىللىرى يۇمشايدۇ، ئەنە شۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ ھىدايەت رەھبىرىدۇركى، ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشى ھىدايەت تاپىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمگە ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن - ئىككىدىن بولغان كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى. رەببىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ تېرىلىرى ئۇنىڭدىن تىترەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ تېرىلىرى ۋە قەلبلىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۇمشايدۇ. ئەنە شۇ كىتاب ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر، ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
فۇسسىلەت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
41 : 44 - ئايەت
كۆرۈش
وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ ۖ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ ۗ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ ۖ وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى ۚ أُولَٰئِكَ يُنَادَوْنَ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)[44].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى بىر قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى بىز چۈشىنىدىغان تىلدا روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېغىردۇر، قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇر، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئەگەر بىز ئۇنى ئەجەمچە قۇرئان قىلغان بولساق، ئۇلار: «بۇنىڭ ئايەتلىرى نېمىشقا بىز چۈشىنىدىغان تىلدا بايان قىلىنمىدى؟ ئەرەبكە ئەجەمچە كىتاب نازىل قىلىنامدۇ؟» دەيتتى. ئېيتقىنكى: «ئۇ، ئىمان ئېيتقانلارغا ھىدايەت ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بار. قۇرئان ئۇلارغا كورلۇقتۇر. ئۇلار خۇددى يىراقتىن چاقىرىلىدۇ»5.