نازىل بولۇش باسقۇچلىرى
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
قۇرئاننىڭ تەرىجىي، پارچە-پارچە نازىل قىلىنىشى توغرىسىدىكى ئايەتلەر
ئېنگلىزچىسى: Stages of Revelation
2 ئايەت
2 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 نازىل بولۇش جەريانى /
- 📄 نازىل بولۇش باسقۇچلىرى
قۇرئان ئايەتلىرى
ئىسرا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
17 : 106 - ئايەت
كۆرۈش
وَقُرْآنًا فَرَقْنَاهُ لِتَقْرَأَهُ عَلَى النَّاسِ عَلَىٰ مُكْثٍ وَنَزَّلْنَاهُ تَنْزِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە ـ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق[106].
تەرجىمە ھەيئىتى: قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە ـ دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: بىز قۇرئاننى ئىنسانلارغا ئالدىرىماي10 ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئايەتلەرگە ۋە سۈرىلەرگە ئايرىدۇق. بىز ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.
فۇرقان سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
25 : 32 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ الْقُرْآنُ جُمْلَةً وَاحِدَةً ۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِ فُؤَادَكَ ۖ وَرَتَّلْنَاهُ تَرْتِيلًا
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق [32].
تەرجىمە ھەيئىتى: كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئايرىم - ئايرىم نازىل قىلدۇق
ئەنەس ئالىم: كافىرلار: «قۇرئان مۇھەممەدكە نېمىشقا بىراقلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. بىز ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق پارچە - پارچە نازىل قىلدۇق، ئۇنى دانە - دانە ئوقۇپ بەردۇق.