قۇرئاندىكى مۇقەددەس جايلار
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
روھىي ۋە پەيغەمبەرلىك تەسىراتلىرى: قۇرئاندىكى مۇقەددەس جايلار
ئېنگلىزچىسى: Sacred Places in the Quran
23 ئايەت
13 سۈرە
1 تارماق تېما
تېمىلار
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 217 - ئايەت
كۆرۈش
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الشَّهْرِ الْحَرَامِ قِتَالٍ فِيهِ ۖ قُلْ قِتَالٌ فِيهِ كَبِيرٌ ۖ وَصَدٌّ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَكُفْرٌ بِهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَإِخْرَاجُ أَهْلِهِ مِنْهُ أَكْبَرُ عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَالْفِتْنَةُ أَكْبَرُ مِنَ الْقَتْلِ ۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَاتِلُونَكُمْ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمْ عَنْ دِينِكُمْ إِنِ اسْتَطَاعُوا ۚ وَمَنْ يَرْتَدِدْ مِنْكُمْ عَنْ دِينِهِ فَيَمُتْ وَهُوَ كَافِرٌ فَأُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش، مەسجىدى ھەرەمدە (ئىبادەت قىلىشتىن) توسۇش ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، پىتنە (يەنى مۆمىنلەرگە زىيانكەشلىق قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». ئۇلار (يەنى كۇففارلار) قولىدىن كەلسىلا سىلەرنى دىنىڭلاردىن قايتۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن قايتىپ كاپىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر[217].
تەرجىمە ھەيئىتى: (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن: «ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر؛ ئەمما ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۇفرلىق قىلىش، ھەرەم مەسجىدىدىن توسۇش ۋە ھەرە مەسجىدى ئەھلىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر، (دىندىن قايتۇرۇش ئۈچۈن مۆمىنلەرگە) زىيانكەشلىك قىلىش ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھتۇر». كافىرلار قولىدىن كەلسىلا، سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرۇۋەتكەنگە قەدەر سىلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ تۇرىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كافىر پېتى ئۆلسە، ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئېيتقىنكى: «ئۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر. لېكىن ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كافىر بولۇش، مەسجىدى ھەرەمنى زىيارەت قىلىشنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىش بولسا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. فىتنە ئۆلتۈرۈۋېتىشتىنمۇ ياماندۇر». ئۇلار كۈچى يەتسە سىلەرنى دىنىڭلاردىن ياندۇرغانغا قەدەر توختىماي سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. سىلەردىن كىم دىنىدىن يېنىپ كافىر ھالىتىدە ئۆلسە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ.
ئال ئىمران سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 96 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) تۇنجى سېلىنغان ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) مەككىدىدۇر، مۇبارەكتۇر، جاھان ئەھلىگە ھىدايەتتۇر[96].
تەرجىمە ھەيئىتى: ھەقىقەتەن، جاھان ئەھلىگە بەرىكەت ۋە ھىدايەت بولغان، ئىنسانلارغا (ئىبادەت ئۈچۈن) سېلىنغان تۇنجى ئۆي مەككىدىكى ئۆي (بەيتۇللاھ) دۇر
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر.
3 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
فِيهِ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ مَقَامُ إِبْرَاهِيمَ ۖ وَمَنْ دَخَلَهُ كَانَ آمِنًا ۗ وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا ۚ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم (شۇلارنىڭ بىرى)، بەيتۇللاھقا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى ئىنكار قىلىدىكەن (يەنى ھەجنى تەرك ئېتىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگە)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەھلى جاھاندىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئىبادىتىدىن) بىھاجەتتۇر[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇنىڭدا ئوچۇق ئالامەتلەر باركى، ماقامى ئىبراھىم شۇلارنىڭ بىرىدۇر، بەيتۇللاھغا كىرگەن ئادەم ئەمىن بولىدۇ. قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەئبىنى تاۋاپ قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى. كىمكى بۇنى ئىنكار قىلىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئەھلى جاھاندىن بىھاجەتتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغان كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىم كافىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر.
مائىد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
5 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحِلُّوا شَعَائِرَ اللَّهِ وَلَا الشَّهْرَ الْحَرَامَ وَلَا الْهَدْيَ وَلَا الْقَلَائِدَ وَلَا آمِّينَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنْ رَبِّهِمْ وَرِضْوَانًا ۚ وَإِذَا حَلَلْتُمْ فَاصْطَادُوا ۚ وَلَا يَجْرِمَنَّكُمْ شَنَآنُ قَوْمٍ أَنْ صَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ أَنْ تَعْتَدُوا ۘ وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَىٰ ۖ وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىنى (يەنى ھەجدە تائەتنىڭ بەلگىسى ھېسابلانغان ئىشلارنى) (تەرك ئېتىش بىلەن) چەكلەنگەن ئايلار (دا ئۇرۇش قىلىش) نى، ھەدىيەنى (يەنى كەبىگە ئاتالغان قۇربانلىققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى)، قەلادە (يەنى ھەجدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھايۋانغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسە) لەرگە (چېقىلىشنى)، پەرۋەردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا (ھەج ئۈچۈن ياكى ئۆمرە ئۈچۈن) كەلگۈچىلەرگە (چېقىلىشنى) ھالال سانىماڭلار. ئىھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا شىكار قىلساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى مەسجىدى ھەرەم (زىيارىتى) دىن توسقانلىقتىن ئىبارەت دۈشمەنلىكى ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەبچى بولمىسۇن. ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىگە، ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايغا، ھەرەمگە ئاتالغان ھەديەگە، (ھەديەلەرگە ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنچۇقلارغا، پەرۋاردىگارىنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەپ بەيتۇللاھقا كەلگۈچىلەرگە چېقىلىشنى ھالال سانىماڭلار. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ. بىرەر قەۋمنىڭ سىلەرنى ھەرەم مەسجىدىگە كىرىشتىن توسقانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆچمەنلىكىڭلار ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا چېقىلىشىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن، ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ نىشانلىرىنى2، ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى، ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنى، رەببىدىن پەزل ۋە رازىلىق تىلەپ ھۆرمەتلىك بەيتۇللاھنى نىيەت قىلىپ ماڭغانلارنى ھالال سانىماڭلار3. ئېھرامدىن چىققان چېغىڭلاردا ئوۋلىساڭلار بولىدۇ4. بىرەر قەۋمگە بىزنى مەسجىدى ھەرەمدىن توسقان دەپ ساقلىغان ئۆچمەنلىكىڭلار، سىلەرنى ھەددىڭلاردىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن! ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە دۈشمەنلىككە ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.
5 : 97 - ئايەت
كۆرۈش
جَعَلَ اللَّهُ الْكَعْبَةَ الْبَيْتَ الْحَرَامَ قِيَامًا لِلنَّاسِ وَالشَّهْرَ الْحَرَامَ وَالْهَدْيَ وَالْقَلَائِدَ ۚ ذَٰلِكَ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَأَنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھ بەيتۇلھەرەم بولغان كەبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى، (قۇربانلىقنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە) بويۇنلىرىغا بەلگە ئېسىلغان تۆگىلەرنى ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ تۇتقۇسى قىلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[97].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھ بەيتۇلھەرام بولغان كەئبىنى، ھەج ئېيىنى، ھەجدە قىلىنىدىغان ھەديەنى، (ھەديە ماللارغا ئېسىپ قويۇلغان) بويۇنجۇقلارنى ئىنسانلارنىڭ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك) ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا پايدىلىق قىلدى، بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنى بىلگۈچى ئىكەنلىكىنى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىك ئۆيى بولغان كەبىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى قىلدى29. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى، ھەرەمگە يوللانغان قۇربانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق قىلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
ئەنفال سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
8 : 34 - ئايەت
كۆرۈش
وَمَا لَهُمْ أَلَّا يُعَذِّبَهُمُ اللَّهُ وَهُمْ يَصُدُّونَ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَمَا كَانُوا أَوْلِيَاءَهُ ۚ إِنْ أَوْلِيَاؤُهُ إِلَّا الْمُتَّقُونَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (باشقىلارنىڭ) مەسجىدى ھەرەمگە كىرىشىنى توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس، مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر، لېكىن (بۇنى) ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[34].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس تۇرۇپ، باشقىلارنى ھەرەم مەسجىدىگە كىرىشتىن توسۇۋاتسا، ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ھەرەم مەسجىدىنىڭ ئىگىلىرى تەقۋادارلاردۇر. لېكىن، (بۇنى) ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئاللاھ ئۇلارغا نېمىشقا ئازاب قىلمىسۇن؟ ئۇلار مەسجىدى ھەرەمدىن توسۇۋاتقان تۇرسا. ئۇلار مەسجىدى ھەرەمنىڭ ۋەلىيلىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ۋەلىيلىرى پەقەتلا تەقۋادارلاردۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
تەۋبە سۈرىسى
6 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
9 : 17 - ئايەت
كۆرۈش
مَا كَانَ لِلْمُشْرِكِينَ أَنْ يَعْمُرُوا مَسَاجِدَ اللَّهِ شَاهِدِينَ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ بِالْكُفْرِ ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ وَفِي النَّارِ هُمْ خَالِدُونَ
مۇھەممەد سالىھ: مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇقلۇق (يەنى كاپىرلىق بىلەن ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىش بىر ـ بىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ)، (ئۇلارنىڭ) ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ[17].
تەرجىمە ھەيئىتى: مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرلىقىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
ئەنەس ئالىم: مۇشرىكلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ كافىرلىقىغا ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى ئاۋات قىلىش سالاھىيىتى يوقتۇر. ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتتى. ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر.
9 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلَّا اللَّهَ ۖ فَعَسَىٰ أُولَٰئِكَ أَنْ يَكُونُوا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشىدا ئۈمىد بار
ئەنەس ئالىم: ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىنى پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىسىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى مۇمكىن.
9 : 19 - ئايەت
كۆرۈش
أَجَعَلْتُمْ سِقَايَةَ الْحَاجِّ وَعِمَارَةَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ كَمَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَجَاهَدَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ لَا يَسْتَوُونَ عِنْدَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[19].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى،ھەرەم مەسجىدىنى ئاۋات قىلغانلارنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ئوخشاش دەپ ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەر ھاجىلارغا سۇ تارقاتقان ۋە مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلغانلارنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ئوخشاش دەپ قارامسىلەر؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئوخشاش بولمايدۇ. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.
9 : 28 - ئايەت
كۆرۈش
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ فَلَا يَقْرَبُوا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَٰذَا ۚ وَإِنْ خِفْتُمْ عَيْلَةً فَسَوْفَ يُغْنِيكُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ إِنْ شَاءَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر. مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيەنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[28].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئى مۆمىنلەر! پەقەت مۇشرىكلار نىجىستۇر، مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار ھەرەم مەسجىدىگە يېقىنلاشمىسۇن. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەر (مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرمەسلىكى بىلەن) پېقىر بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار، ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ئۇزاققا قالماي ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇئمىنلار! شۈبھىسىزكى، مۇشرىكلار نىجىستۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ يىلىدىن كېيىن مەسجىدى ھەرەمگە يېقىنلاشمىسۇن. ئەگەر موھتاجلىقتىن قورقساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ خالىسا سىلەرنى ئۆز پەزلى بىلەن بىھاجەت قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
9 : 107 - ئايەت
كۆرۈش
وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مَسْجِدًا ضِرَارًا وَكُفْرًا وَتَفْرِيقًا بَيْنَ الْمُؤْمِنِينَ وَإِرْصَادًا لِمَنْ حَارَبَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ وَلَيَحْلِفُنَّ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا الْحُسْنَىٰ ۖ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
مۇھەممەد سالىھ: بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى بوزۇش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم (يەنى ئەبۇئامر راھىب) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر[107].
تەرجىمە ھەيئىتى: بەزى كىشىلەر مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى پارچىلاش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەمنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر
ئەنەس ئالىم: شۇنداق مۇنافىقلارمۇ باركى، ئۇلار مۇئمىنلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىلىق قىلىش، مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىنى بۆلۈش، بۇرۇن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى تۇرغان كىشىلەرنى كۈتۈش ئۈچۈن مەسچىت سالدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار: «بىز بۇنىڭ بىلەن پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.
9 : 108 - ئايەت
كۆرۈش
لَا تَقُمْ فِيهِ أَبَدًا ۚ لَمَسْجِدٌ أُسِّسَ عَلَى التَّقْوَىٰ مِنْ أَوَّلِ يَوْمٍ أَحَقُّ أَنْ تَقُومَ فِيهِ ۚ فِيهِ رِجَالٌ يُحِبُّونَ أَنْ يَتَطَهَّرُوا ۚ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُطَّهِّرِينَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر ، ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ[108].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋا ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد، ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا گۇناھلاردىن پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ مەسچىتتە ھەرگىزمۇ ناماز ئۆتىمىگىن! بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد، سېنىڭ ناماز ئۆتىشىڭگە ئەڭ لايىقتۇر. ئۇنىڭدا پاك بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ پاك بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
تاھا سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
20 : 12 - ئايەت
كۆرۈش
إِنِّي أَنَا رَبُّكَ فَاخْلَعْ نَعْلَيْكَ ۖ إِنَّكَ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
مۇھەممەد سالىھ: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن[12].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى بولغان تۇۋادا سەن
ئەنەس ئالىم: مەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن! كەشلىرىڭنى سىلىۋەتكىن! چۈنكى سەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن.
ھەج سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
22 : 25 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَالْمَسْجِدِ الْحَرَامِ الَّذِي جَعَلْنَاهُ لِلنَّاسِ سَوَاءً الْعَاكِفُ فِيهِ وَالْبَادِ ۚ وَمَنْ يُرِدْ فِيهِ بِإِلْحَادٍ بِظُلْمٍ نُذِقْهُ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
مۇھەممەد سالىھ: كاپىرلارغا، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلارغا _ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن _ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلارغا (يەنى ھەج پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەمگە كەلگەن مۆمىنلەرنى توسقۇچىلارغا) (قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز)، كىمكى مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز[25].
تەرجىمە ھەيئىتى: شۈبھىسىزكى، كاپىرلار، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقۇچىلار، ـ ئۇ ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن ياكى سىرتتىن كەلگەن بولسۇن ـ بىز كىشىلەرگە ئىبادەتگاھ قىلغان مەسجىدى ھەرەمدىن توسقۇچىلار بارغۇ؟ بىز مەسجىدى ھەرامدا زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولغان كىشىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
ئەنەس ئالىم: بىز كافىر بولغان، ئاللاھنىڭ يولىدىن ۋە مەسجىدى ھەرەمدىن ئىنسانلارنى توسۇپ كېلىۋاتقانلارغا ئەلەملىك ئازابتىن تېتىمىز. بىز مەسجىدى ھەرەمنى يەرلىك بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولسۇن پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاشلا قىبلە قىلىپ بەردۇق. بىز يەنە مەسجىدى ھەرەمدە زۇلۇم بىلەن گۇناھ قىلماقچى بولغانلارغىمۇ ئەلەملىك ئازابتىن تېتىمىز.
22 : 40 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لَهُدِّمَتْ صَوَامِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَاتٌ وَمَسَاجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا اسْمُ اللَّهِ كَثِيرًا ۗ وَلَيَنْصُرَنَّ اللَّهُ مَنْ يَنْصُرُهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى. ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر ـ بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى. كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر[40].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار پەقەت رەببىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىنى بىر قىسمى بىلەن مۇداپىئە قىلمىغان بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان كىشىلەردۇر. ئەگەر ئاللاھ بەزى ئىنسانلارنى بەزى ئىنسانلار بىلەن توسۇپ تۇرمىغان بولسا ئىدى، موناستىرلار6، چېركاۋلار7، سىناگوگلار8 ۋە ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى كۆپ زىكىر قىلىنىدىغان مەسچىتلەر چىقىپ تاشلانغان بولاتتى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىگە ياردەم بەرگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ9. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر.
نۇر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
24 : 36 - ئايەت
كۆرۈش
فِي بُيُوتٍ أَذِنَ اللَّهُ أَنْ تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبِّحُ لَهُ فِيهَا بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ[36].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە ئەتىگەن - ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇ تەكچە، ئاللاھ ئۇلۇغلىنىشىغا ۋە ئىچىدە ئۆز ئىسمىنىڭ زىكىر قىلىنىشىغا ئىجازەت بەرگەن ئۆيلەردىدۇر. ئۇ ئۆيلەردە بىر قىسىم كىشىلەر چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ.
قەسەس سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
28 : 57 - ئايەت
كۆرۈش
وَقَالُوا إِنْ نَتَّبِعِ الْهُدَىٰ مَعَكَ نُتَخَطَّفْ مِنْ أَرْضِنَا ۚ أَوَلَمْ نُمَكِّنْ لَهُمْ حَرَمًا آمِنًا يُجْبَىٰ إِلَيْهِ ثَمَرَاتُ كُلِّ شَيْءٍ رِزْقًا مِنْ لَدُنَّا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن توغرا يولغا ئەگىشىدىغان بولساق، زېمىنىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. ئۇلارنى بىز تىنچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ، (بۇ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزىقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ[57].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار: «ئەگەر بىز سەن بىلەن توغرا يولغا ئەگىشىدىغان بولساق، زېمىنىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. ئۇلارنى بىز تېچ ھەرەمگە يەرلەشتۈرمىدۇقمۇ؟ ھەرەمگە تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى كەلتۈرۈلىدۇ، بۇ، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن رىزىقتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ
ئەنەس ئالىم: ئۇلار: «بىز سەن بىلەن بىرلىكتە ھىدايەتكە ئەگەشسەك، يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى. بىز ئۇلارغا ئامان جاي بولغان ھەرەمنى ماكان قىلىپ بەرمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ھەر نەرسىنىڭ مېۋىلىرى بىز تەرەپتىن رىزىق سۈپىتىدە يىغىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 67 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا جَعَلْنَا حَرَمًا آمِنًا وَيُتَخَطَّفُ النَّاسُ مِنْ حَوْلِهِمْ ۚ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَةِ اللَّهِ يَكْفُرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان (جاي) قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟[67]
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ھەرەمنى ئامان جاي قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئۇلار باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلامدۇ؟
ئەنەس ئالىم: ئۇلار بىزنىڭ مەككىنى ھۆرمەتلىك ۋە ئامان شەھەر قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىنسانلار تۇتۇلۇپ ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟
جىن سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
72 : 18 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا
مۇھەممەد سالىھ: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار[18].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەسجىدلەر ئاللاھقا خاستۇر، شۇنداق بولغانىكەن ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە ئىبادەت قىلماڭلار
ئەنەس ئالىم: مەسچىتلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار.
بەلەد سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
90 : 1 - ئايەت
كۆرۈش
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَا أُقْسِمُ بِهَٰذَا الْبَلَدِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن[1].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇ شەھەر - مەككە- بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇنداق ئەمەس1. بۇ شەھەر2 بىلەن قەسەم قىلىمەن-
90 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَأَنْتَ حِلٌّ بِهَٰذَا الْبَلَدِ
مۇھەممەد سالىھ: (ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر[2].
تەرجىمە ھەيئىتى: سەن بۇ شەھەردىسەن
ئەنەس ئالىم: سەن بۇ شەھەردە بىر كۈنى خالىغىنىڭنى قىلىسەن3-،
تىن سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
95 : 2 - ئايەت
كۆرۈش
وَطُورِ سِينِينَ
مۇھەممەد سالىھ: سىنا تېغى بىلەن قەسەمكى[2]،
تەرجىمە ھەيئىتى: سىنا تېغى بىلەن
ئەنەس ئالىم: سىينا تېغى بىلەن،
95 : 3 - ئايەت
كۆرۈش
وَهَٰذَا الْبَلَدِ الْأَمِينِ
مۇھەممەد سالىھ: بۇ تىنچ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) بىلەن قەسەمكى[3]،
تەرجىمە ھەيئىتى: ۋە بۇ تىنچ شەھەر -مەككە مۇكەررەمە- بىلەن قەسەمكى
ئەنەس ئالىم: ۋە بۇ بىخەتەر شەھەر بىلەن قەسەمكى،