تەپەككۇر
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئىمان ئېيتقۇچىنى ئاللاھ بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىۋى يېقىنلىققا يېتەكلەيدىغان بىر خىل ئىبادەت شەكلى سۈپىتىدە داۋاملىق چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىچكى ئىبادەت قىلىش ھەرىكىتى.
ئەرەبچىىسى: التفكر
ئېنگلىزچىسى: Contemplation
12 ئايەت
10 سۈرە
0 تارماق تېما
- 📁 تېمىلار /
- 📁 ئاللاھقا يېقىنلىق /
- 📄 تەپەككۇر
قۇرئان ئايەتلىرى
بەقەرە سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
2 : 266 - ئايەت
كۆرۈش
أَيَوَدُّ أَحَدُكُمْ أَنْ تَكُونَ لَهُ جَنَّةٌ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ لَهُ فِيهَا مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ وَأَصَابَهُ الْكِبَرُ وَلَهُ ذُرِّيَّةٌ ضُعَفَاءُ فَأَصَابَهَا إِعْصَارٌ فِيهِ نَارٌ فَاحْتَرَقَتْ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئاراڭلاردا كىممۇ ياقتۇرسۇنكى، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى ئۇششاق بولۇپ، (بۇ باغ) قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوتتا كۆيۈپ كەتسۇن. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق (گۈزەل مىسال بىلەن) بايان قىلىدۇ (يەنى پۇل ـ مېلىنى رىيا ئۈچۈن سەرپ قىلغان ياكى باشقىلارغا رەنجىتىش، مىننەت قىلىش بىلەن سەرپ قىلغان ئادەم، ساۋابىنى ئەڭ موھتاج تۇرۇقلۇق يوقىتىپ قويغان بولىدۇ)[266].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئاراڭلارداىكى خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى تېپىلىدىغان بىر بېغى بار بىرەيلەن ئۆزى قېرىپ قالغان، بالىلىرى تېخى كىچىك چاغدا، بۇ باغنىڭ قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوت ئۇچقۇنىدا كۆيۈپ كېتىشىنى ياقتۇرامدۇ؟*[1]. سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ
ئەنەس ئالىم: سىلەردىن بىرى خورمىلىق ۋە ئۈزۈملۈك، ئىچىدە ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر بولغان بىرەر بېغى بولۇشىنى، ئۆزىگە قېرىلىق يېتىپ بالىلىرىنىڭ تېخى ئۇششاق بولۇشىنى، مۇشۇنداق چاغدا كۆيدۈرگۈچى بوران كېلىپ ئۇ باغنىڭ كۆيۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلامدۇ؟ ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر.
ئال ئىمران سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
3 : 191 - ئايەت
كۆرۈش
الَّذِينَ يَذْكُرُونَ اللَّهَ قِيَامًا وَقُعُودًا وَعَلَىٰ جُنُوبِهِمْ وَيَتَفَكَّرُونَ فِي خَلْقِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبَّنَا مَا خَلَقْتَ هَٰذَا بَاطِلًا سُبْحَانَكَ فَقِنَا عَذَابَ النَّارِ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن[191].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللانى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «ئى رەببىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
ئەنەس ئالىم: ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ۋە ياتقان چاغلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىدۇ ۋە مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! بۇلارنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن ئۇلۇغسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.
ئەئراف سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
7 : 205 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ
مۇھەممەد سالىھ: پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن[205].
تەرجىمە ھەيئىتى: پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن. غاپىللاردىن بولمىغىن
ئەنەس ئالىم: رەببىڭنى يېلىنغان ۋە قورققان ھالدا، ئىچىڭدە، پەس ئاۋاز بىلەن چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن زىكىر قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن.
مەريەم سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
19 : 16 - ئايەت
كۆرۈش
وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: (ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى[16].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلارغا قۇرئاندا مەريەم قىسسىسىنى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى
ئەنەس ئالىم: بۇ كىتابتا مەريەمنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتە بىر يەرگە كەتتى.
19 : 22 - ئايەت
كۆرۈش
فَحَمَلَتْهُ فَانْتَبَذَتْ بِهِ مَكَانًا قَصِيًّا
مۇھەممەد سالىھ: مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى[22].
تەرجىمە ھەيئىتى: مەريەم ھامىلدار بولدى، ئائىلىسىدىن يىراق بىر جايغا كەتتى
ئەنەس ئالىم: شۇنىڭ بىلەن مەريەم ھامىلىدار بولدى ۋە بۇ ھالى بىلەن يىراق بىر يەرگە كەتتى،
ئەنكەبۇت سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
29 : 20 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ بَدَأَ الْخَلْقَ ۚ ثُمَّ اللَّهُ يُنْشِئُ النَّشْأَةَ الْآخِرَةَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر[20].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق بار قىلغانلىقىغا، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى قايتىدىن قانداق پەيدا قىلىدىغانلىقىغا قاراڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
ئەنەس ئالىم: ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىشنى قانداق باشلىغانلىقىنى كۆزىتىڭلار! ئاللاھ كەلگۈسىدە بۇ يارىتىشنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
رۇم سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
30 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا فِي أَنْفُسِهِمْ ۗ مَا خَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَأَجَلٍ مُسَمًّى ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ لَكَافِرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى (قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك -شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر رەببىغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئۇلار ئۆزلىرى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ۋە بەلگىلەنگەن ئەجەل بىلەن ياراتتى. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر.
سەبەئ سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
34 : 46 - ئايەت
كۆرۈش
قُلْ إِنَّمَا أَعِظُكُمْ بِوَاحِدَةٍ ۖ أَنْ تَقُومُوا لِلَّهِ مَثْنَىٰ وَفُرَادَىٰ ثُمَّ تَتَفَكَّرُوا ۚ مَا بِصَاحِبِكُمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ لَكُمْ بَيْنَ يَدَيْ عَذَابٍ شَدِيدٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن: سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن، يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى ئىزدەڭلار)، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلاردا (يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر[46].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن؛ سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن ياكى بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار». ھەمراھىڭلار -مۇھەممەد-تە ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاب نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر
ئەنەس ئالىم: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرگە بىرلا نەسىھىتىم بار: ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن، بىردىن تۇرۇڭلار، ئاندىن تەپەككۇر قىلىڭلار2. قېرىندىشىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەس. ئۇ پەقەت قاتتىق ئازابتىن بۇرۇن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر».
قاف سۈرىسى
2 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
50 : 8 - ئايەت
كۆرۈش
تَبْصِرَةً وَذِكْرَىٰ لِكُلِّ عَبْدٍ مُنِيبٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋە (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) ئەسلىتىش ئۈچۈن (شۇنداق قىلدۇق)[8].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا قايتقۇچى ھەر بىر بەندىگە -ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى- كۆرسىتىش ۋە ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر
ئەنەس ئالىم: بۇنى ئاللاھقا يۆنەلگەن ھەرقانداق بەندىنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئېچىش ۋە ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق.
50 : 37 - ئايەت
كۆرۈش
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَذِكْرَىٰ لِمَنْ كَانَ لَهُ قَلْبٌ أَوْ أَلْقَى السَّمْعَ وَهُوَ شَهِيدٌ
مۇھەممەد سالىھ: بۇنىڭدا (ھەقىقەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان) قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى (ۋەز ـ نەسىھەتكە) ھۇزۇرى قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار[37].
تەرجىمە ھەيئىتى: بۇنىڭدا ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەلبكە ئىگە ئادەم ياكى ۋەز ـ نەسىھەتكە ھۇزۇرىي قەلب بىلەن قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەز ـ نەسىھەت بار
ئەنەس ئالىم: شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭدا قەلبى بولغان8 ياكى زەن قويۇپ دىققەت بىلەن قۇلاق سالغان كىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەسلىتىش بار.
زارىيات سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
51 : 49 - ئايەت
كۆرۈش
وَمِنْ كُلِّ شَيْءٍ خَلَقْنَا زَوْجَيْنِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
مۇھەممەد سالىھ: سىلەر ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق[49].
تەرجىمە ھەيئىتى: سىلەرنىڭ ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق
ئەنەس ئالىم: ھەر نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق. ئويلانغايسىلەر!
فەجر سۈرىسى
1 ئايەت
سۈرىنى ئېچىش
89 : 5 - ئايەت
كۆرۈش
هَلْ فِي ذَٰلِكَ قَسَمٌ لِذِي حِجْرٍ
مۇھەممەد سالىھ: ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا (يەنى يۇقىرىقى نەرسىلەردە قانائەتلىنەرلىك) قەسەم بارمۇ؟[5].
تەرجىمە ھەيئىتى: ئەقىل ئىگىسىگە بۇنىڭدا قەسەم باردۇر!
ئەنەس ئالىم: بۇ نەرسىلەردە ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئەلۋەتتە قەسەم بار.